باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4042 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-29 14:04

قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى(ھەمزە)

 قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى

قەبرە زىيارەت قىلىش بولسا رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە كىشىلەرقەبرە زىيارەت قىلغاندا ئۈلۈكلەردىن مەدەت-ئىستائانەت سۇراپ،ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى سۇراپ شىرىككە ياتىدىغان ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامنىڭ دەسلىۋىدە قەبرە زىيارەت قىلىش يولغا قۇيۇلمىغاندى.   ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن مەن سىلەرنى قەبرە زىيارەت قىلىشىتن توسقانىدىم. ئەمدى زىيارەت قىلىۋېرىڭلار. ھەقىقەتەن قەبرە ئۇلۇمنى ئەسلىتىدۇ  ھاكىم،ئىمام ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.

بۇ ھەدىس قەبرە زىيارەت قىلىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ھەدىستۇر. قەبرە زىيارەت قىلغۇچى قەبرىنى پەقەت رەسۇلۇللەنىڭ يۇقىرقى ھەدىسى ئۈچۈنلا زىيارەت قىلىشنى،ۋە ئۈلۈمنى ياد ئىتىپ ياخشىلىق ئەمەلنى كۆپ قىلىش نىيىتى بىلانلا بېرىشى كىرەك.قەبرە ئىگىلىرىدىن ياردەم سۇرايدىغان، ھاجىتىنى ئۇلاردىن سۇرايدىغان،ئۇلاردىن بىرەر ياخشىلىق ۋە يامانلىق كىلىدۇ دەپ ئىتقاد قىلىدىغان مۇنداق شىرىك ئىشلارنى ،ۋە خىياللارنى قىلماسلىق كىرەك.بىزنىڭ نەزرىمىزدە قەبرە ئىگىلىرىگە دۇئا قىلمىسا،ئۇلارغا ھۆرمەت قىلمىسا ئۇلاردىن تەخسىرەت كىتىدۇ دەيدىغان خاتا تۇنۇش بار. بىلىپ قېلىڭكى قەبرە ئىگىلىرىنىڭ قۇلىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ. يەنە بىزدە قەبرە ئىچىدىكى مىيىت يوقلىغىلى كەلگەن ئادەمنى كۈرىدۇ،ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ دەيدىغان خاتا ئىتقاد بار. ئاللاھ قۇرئاندا { سەن سۈزۈڭنى ئۈلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن...} دىگەن. ئۈلۈك دىگەن ئاڭلاشتىن،كۈرۈشتىن قېپقالىدۇ. پەرىشتە قەبرىدە مىيىتنى سۇئال-سۇراق قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ، ئەگەر ئۇ قەبرە ئىگىسى جەننىتى بولسا جەننەتنىڭ خۇشپۇراق ھىدلىرىدىن پۇراپ ياتىدۇ.ۋە يىڭى توي قىلغان يىگىتكە كىچە بەك قىسقا بىلىنگەندەك ئۇ كىشىگىمۇ قەبرە ھاياتى شۇنداق قىسقا بىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قىيامەت تىزلا بولغاندەك تۇيىلىدۇ.ئەگەر دەۋزىخى بولسا دەۋزەخنىڭ قىززىق ھارارەتلىرى ئۇنىڭغا كىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قەبرە ھاياتى ناھايتى ئۇزۇن بىلىنىپ كىتىدۇ. ئۇ قەبرىسىدە قىيامەتكىچىلىك شۇنداق ئازاپ ئۇقۇبەت ئىچىدە ياتىدۇ. مانا بۇ قەبرە ئىگىلىرىنىڭ ھالىتى.ئۇنىڭدىن باشقا مىيىتنىڭ كۇرەش،ئاڭلاش،سىزىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.پەقەتلا مىيىت يەرلىكىگە قۇيلۇپ دەفنە قىلىنىپ جامەئەتلەر قەبرىستاندىن ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ كەشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بار. ئامما بۇ ھەدىستىن ئۈلۈك قەبرىسىدە داۋاملىق سىرتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ياتىدۇ دىگەنلىك چىقمايدۇ. بۇ پەقەتلا مىيىت قەبرىگە قۇيۇلۇپ ئىككى پەرىشتە سۇئال-سۇراق ئۇچۇن كىرگەندە ئۇنىڭ جېنى قايتۇرىلىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەر چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مىيىت قىيامەتكىچلىك ئۇخلايدۇ.ئۇنىڭدا ھېچقانداق سىزىم بولمايدۇ.سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۇزىلىدۇ.پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش،سەدقە برىىش... قاتارلىقلار ئۇلارغا خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ.

قەبرىگە بارغاندا نىمە قىلىشىمىز توغۇرلۇق رەسۇلىمىز بىزگە خەۋەر بىرىپ بولغان.

ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا : يا رەسۇلەللە مەن قەبرىستانغا بارغاندا نىمە دەيمەن.دىدى.

رەسۇلۇللە:« ئەسسالام مۇئىمىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولغان قەبرە ئەھلى!

ئاللاھ بىزلەردىن ئىلگىرى كەتكەنلەرگە،ۋە كىيىن قالغانلارغا رەھمەت قىلسۇن.ئاللاھ خالىسا بىزمۇ سىلەرگە پات يېقىندا قۇشىلىمىز» دەڭ دىدى.

 


(مۇسلىم رىۋايت قىلغان)

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە  «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى قەبرىدىكى مۇئىمىنلەر ! سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ئۈلۈم كەلدى.ئاللاھ خالىسا بىزمۇ پات يېقىندا سىلەرگە قۇشىلىمىز.ئى ئاللاھ بەقىيئۇل غەرقەد ئەھلىنى مەغپىرەت قىلغىن» مانا بۇ رەسۇلۇللەنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىپ بارغاندا نىمە دىيشىش كىرەكلىكىنى بىلدۇرۇپ كەلگەن سۈزى. قەبرىنى زىيارەت قىلغاندا قەبرىستانلىقتا نامازئۇقۇشتىن،قۇرئان ئۇقۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن. زەيىدئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ.رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن :«ئۆيلىرىڭلارنى قەبرە قىلىۋالماي نەفلە ، ۋە سۇننەت نامازلارنى ئۈيۈڭلاردا ئۇقۇڭلار» (ئەھمەد،ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان سەھىھ)

بۇ ھەدىستە قەبرىستانلىقنى ئىبادەتتىن خالىي جاي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ قەبرىستانلىقتا ناماز ئۇقۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن «ئۈيۈڭلارنى قەبرە قىلۋالماڭلار.ھەقىقەتەن شەيتان سۇرە بەقەر ئۇقۇلغان ئۆيدىن قاچىدۇ»(ئىمام مۇسلىم،ئەھمەد،تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ) بۇ ھەدىس قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇلماسلىققا دالالەتتۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن «قەبرىگە قاراپ ناماز ئۇقۇماڭلار،قەبرە ئۇستىدە ھەم ناماز ئۇقۇماڭلار» (تەبرانىي توپلىغان سەھىھ)

قەبرىستانلىقتا يامان سۆزلەرنى قىلماسلىق،تاھارەت قىلماسلىق،پەقەتلا قەبرە ئەھلىگە مەغپىرەت تىلىگەن ھالەتتە قەبرە زىيارەت قىلىش. مۇشۇ ھالەتتە قەبرە زىيارەت قىلسىڭىز ئاللاھ خالىسا توغرا يولدا سۇننەت بيىچە قىلغان بۇلىسىز.

يەنە بىرسى قەبرە زىيارەت قىلىمەن دەپ ياتاقلىنىپ مەلۇم بىر قەبرىستانلىقنى ۋە ئۇنىڭدىكى كاتتىلارنى نىشانلاپ ماڭسىڭىز خاتا قىلغان بۇلىسىز.مەسلەن بىزنىڭ يۇرتتا ئىمامى ئەسكەر قەبرىستانلىقى،ئىمامى جەئفىرىم قەبرىستانلىقى،ئىمام مەھدى قەبرىستانلىقى سۇمەييە خىنىم قەبرىستانلىقى دىگەندەك قەبرىستانلىققا يىراق يىراقلاردىن كىلىپ بالا يۈزى كۈرۈشنى خالايدىغانلار،ۋە ئەرگە تىگەممەي قالغان ئاياللار سۇمەييە خىنىم قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلىشىپ شۇ يەردە بىركىچە تۇنىشىدۇ.ۋە ئۆزىنىڭ ‹مەخسەت›لىرىنى ئېيتىپ ‹سۇمەييە خىنىم›دىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇپئۇچۇق شىرىكتۇر. يەنە نۇرغۇنلىغان سۇپى ئىشانلار قەبرىستانلىقتا ھەلقە بۇلۇشۇپ ساما قىلىپ چۆگىلەپ ئاغىزىغا كەلگىننى توۋلىشىپ ساراڭنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىدۇ. بۇ نىمە دىگەن ئازغۇنلۇق ھە؟؟؟!!!

ئاللاھ بۇنداق ئازغۇنلۇقتىن ساقلىسۇن.

قانداق بىر كىشى ھەقىقى سۇننەت بۇيىچە ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولماي قەبرە زىيارەت قىلاي دەيدىكەن يۇقارقى ھەدىسلەرنى لازىم تۇتسۇن.

ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەتتىن يىراق قىلسۇن.سۈننەتكە بولغان مۇھەببتىمىزنى كۈچلۈك قىلسۇن.

خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسىتىپ قۇيشۇڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن.

تەييالىغۇچى : ھەمزە

باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 712
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-22
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-29 15:38

ئىلىم ئەپەندىم بىزنىڭ ئۆيدە ئىككى قىسمىلا بار مەن ھىچ بىر شىرىك گەپ ئۇچراتمىدىما ،بولمىسا سىز بىر كۆرسۈتۈپ قويمامسىز
http://bbs.meripetyoli.com
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 712
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-29 15:42

3(arkaturuk)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

كىتاپ كۆيدۈردىغىنى ئەسلى سىزلەركەنسىزلەردە.ئاللاھتىن خىجىل بولماي خوجامنى كىتاپ كۆيدۈرگەن دەپ كىتىدىكەنسىزلەر ئاللا،ئاللا  بىر مىللەتنى مەرىپەتسىز قالدۇرۇش نىمە دىگەن قەبىھ ئىش
http://bbs.meripetyoli.com
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 712
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-29 16:28

9(arkaturuk)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئۇنداق بولسا باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى ھاقارەت قىلماي مۇنۇ يەرلەر خاتا بۇپ قاپتۇ مۇنۇ ئايەت ياكى ھەدىسكە زىتكەن دەپ رەددىيە بېرىشنى ئۈگۈنۋىلىڭ.
http://bbs.meripetyoli.com