باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4188 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: گۈزەللىك سەندە ئۇيغۇر قىزى !
ئاز  بولساڭمۇ ، ساز  بول !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 148
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 89 %
مۇنبەر پۇلى: 359 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-08-31
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-02 03:02

ئىشلىتىش
引用第17楼sarsan1117于2010-07-01 20:16发表的 :

قەيەردە كۆرگەن مېنىڭ ئۇيغۇرچە خەت ئوقۇيالمايدىغىنىمنى ،ئىسمىڭنى دېگەن بولساڭ قاراپ باق سېنىڭ ئىسمىڭ قايسى
يېزىقتا يېزىقلىق تۇرىدىكىن. سېنىڭ ئىسمىڭنى راس گەپ قىلسام پەقەت ۋە پەقەت چۈشىنەلمىدىم.
ماۋۇ مۇنبەردە ساپلا تېتەمپەدە ئىسىملار ئۇچرايدۇ ماڭا . ئاۋۇ يەنە بىرسى سازلان دەپ ئىسىم قويۇۋاپتۇ تېخى ، نېمە دېگەن گەپلىكىنى
چۈشىنەلمەيمەن ،


بۇتېمىنى ئەسلىدە شاھ رۇھ ئەپەندىم مىللىتىمىزنى سۆيگەنلىگىدىن ، ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا گۈزەللىكىنى  ، ئۇلارنىڭ
بۇرۇندىنلا ھازىرقى زاماندىكى ھېلىقىدەك  قېنىق گىرىملارنى قىلىپ ، بارچە دەسمىلىرىنى مانا مەن دەپ كۆرسۈتۈپ يۇرىيدىغان
 قىزلاردىن ئەمەسلىگىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ھەم ھازىرقى
 زامان قىزلىرىغا تەربىيە يۈزسىدىن يوللىغان . بۇنى ھەرقانداق بىر كاللىسى جايىدا ئەقىل ئىگىسى چۈشىنەلەيدۇ لىكىن
مۇنبىرىمىزدىكى بەزى تورداشلارنىڭ بەك يۈزەكى قاراشلىرى ھەم ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن يوللىغان ئىنكاسلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ ....
ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن ، سەۋىر تاقەت اللاھدىن ...دەيدىغان ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ھىكمەتلىك سۆز بار .....
قېرىنداشلار ئالدىراڭغۇلۇق قىلمايلى ، ئاللاھ بەرگەن ئەقلىمىزنى جايىدا ئىشلىتەيلى ....
سەرسان ئەپەندىم سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى بىلىشىڭىز مومكىن ، شۇنداقتىمۇ مەن مەنىسىنى دەپ بېرەي :
<<سەرسان>> دىگىنىمىز  << سەرگەردان >>دىگەن سۆز بىلەن مەنىداش بۇلۇپ مەنىسى _ئازاپ چەككۇچى، يۇرتىدىن ئايرىلغۇچى ،
رىيازەت تارىتقۇشى دىگەن مەنىدە.
مىنىڭ ئىسمىمنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز ھەم بىلمەكچى بولسىڭىز ئەدەپ - ئەخلاقلىق بىر ئىنسان سۈپىتىدە چىرايلىق سوراڭ ،
ئەدەپ ئەخلاقلىق بۇلۇش _ پەيغەمبىرىمىزنىڭ  سۈننىتى  بۇ بىر ھەممەمۇسۇلمان بىلىدىغان  ئەقەللىي ساۋات . (سىز ئەجەپ بىلمەي قاپسىز؟)
مەن يا سىزنى بىر نەرسە دەپ زىتىڭىزغا تەگمىسەم نىمىشقا مىنى چىشلەپ تارتىسىز ؟ لىكىن مەن خاپا بولمىدىم ، چۈنكى
نادانلارنىڭ ئىچى تارلىق ھەم  ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئېيىتقان ئانچىكى سۆزلىرى _ مىنى تېرىكتۈرەلمەيدۇ....
مەن ئىسمىمنىڭ مەنىسىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قۇياي بولمىسا بۇ ئىسمىم نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھقا پاتۇرۇپ قويمىسىۇن....؟
سىز ، << ئاتلان ، تۇغلان ، چوغلان ، قۇتلان ، تاۋلان ، پارلان ، نۇرلان ....>> قاتارلىق ئىسملارنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ،
ئاتلان دىگەن سۆز مەنىسى_ بىر ئىش قىلىشقا ئاتلان ، دەرھال باشلا ...دىگەن مەنىلەرگە ئىگە بولغىنىدەك مىنىڭ سازلان دىگەن ئىسمىمنىڭ مەنىسى_ <<ساز>> دىگەن سۆز_چالىدىغان ساز  ، دىگەن ئەسلى مەنىسىدىن باشقا يەنە ئىسىل ،  سۈپەتلىك  ،
 ياخشى ، ئالىي دىگەن كۆچمەمەنىسى بار مەسلەن :
 - بۇ ھىكايە ئەجەپ ئاز ھەم ساز ھىكايە ئىكەن .
- تۆنۈگۈن بازاردا كۆرگەن كىيىم ئەجەپ سازكەن.....قاتارلىقلار ،
ساز - نىڭ مەنىسى مۇشۇنداق بولغانكەن ، سازلان  _ دىگەننىڭ مەنىسى ساز بول ، ئىسىل بول ، تېخمۇ ياخشى بول....
قاتارلىق مەنىسى بار ، ئەمدى بىلگەنسىز .....
ئەمدى بۇنىمۇ بىلمىگەن بولسىڭىز مەندە ئامال يوق ،كاللىڭىز شۇنچىلىك دىگەن گەپ !!!
 ياخشى كۆڭلۈم بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدۇم ،خاپا بوپ قالسىڭىز كەچۈرىۋىتەرسىز......

 

  
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 403
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-02 22:32

راس ئۇ ئىنكاسنى ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن يازغىنىم راست، ئەمما سىزنىڭ بۇ ساز،ئېسىل ئىسمىڭىزغا ئىچى تارلىق قىلمىدىم.باشقا<<لان>>لارنى
راس كۆپ ئاڭلىغان . ئەمما سازلان دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،راس ئىسمىڭىزدىن سىز دېگەندەك مەنا چىقىدۇ،
ئەمما شۇ مەنىلەرنى  ئىپادىلەيدىغان سازلاندىن باشقا نۇرغۇن ئىسىملار بارغۇ دەيمەن.  راس گەپنى قىلسام شۇ ئىسىملارنى
 ئىشلەتمەي باشقىلار ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىمنى ئىشلەتكىنىڭىزگە ھەيرانمەن. بولدى ،
ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، ھەممىمىزنىڭ ھېلىغۇ ئىسىمكەن خېلى خېلى نەرسىلەرنى ئەركىن ئىشلىتىش ھوقۇقىمىز بار. بۇ قېتىم
گۇناھنىڭ مەندىن ئۆتكىنىنى تەن ئالىمەن ھەم سىزدىن ئەپۇ سورايمەن.
نادان بولغان بولسام ھەرقايسى مۇنبەرداشلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە نادانلىقنى تاشلاپ،بىلىملىك بولۇشقا تىرىشىمەن....
ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 702
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2011-08-18
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-02 22:36

ئۆزىنىڭ بېشىدىكى ئوتنى كۆرمەي كىشىنىڭ بېشىدىكى چوغنى كۆرۈپتۇ ....
ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.