باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 585 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بوۋاقلارنى كالا سۈتى بىلەن باققاندا...............
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1258
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1258دانە
ئۆسۈش: 19820 %
مۇنبەر پۇلى: 26398 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2011-10-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-27 01:08

بوۋاقلارنى كالا سۈتى بىلەن باققاندا...............

 كالا سۈتى بىلەن باققان بوۋاقلارنىڭ ئىچىنىڭ قېتىشى كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كالا سۈتىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئۇيۇشۇۋالىدۇ–دە، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ. شۇڭا ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. كالا سۈتىدىكى مىنېرال ماددىلارمۇ كۆپ، كالىينىڭ مىقدارى ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ. شۇڭا كالا سۈتى ئېمىدىغان بوۋاقنىڭ قېنىدا كالىي مىقدارى يۇقىرى، بۆرەك ئاقسىللىق ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە كالىينى ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆپ مىقداردىكى سۇنىمۇ چىقىرىدۇ. كالا سۈتىدىكى كالتسىي، فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ قېتىۋالىدۇ ۋە چوڭ تەرەتنى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ. ئىچى قېتىۋالغاندا كالا سۈتىگە گۈرۈچ شورپىسى قوشسا تەرەتنى بوشىتىدۇ، كالا سۈتىگە بەش پىرسەنتتىن سەككىز پىرسەنتكىچە شېكەر قوشسا تەرەتنى يۇمشىتىدۇ. بەش پىرسەنتلىك ھەسەل سۈيىنى كۆپرەك بېرىش ياكى ئىككى قېتىم كالا سۈتى بەرگەندىن كېيىن بىر قېتىم قايناقسۇ بېرىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭمۇ چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىشقا پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆكتات شورپىسى، ھەرخىل مېۋە شىرنىلىرىنى بېرىش كېرەك. ماش سۈيى، ئالما سۈيى، بانان سۈيى قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغاچقا، بۇلارنى بالىغا بەرگەندە ئۈچەي ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچى قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
 بۇ مەزمۇن تەرمىلەر تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى مەزمۇن ئادرىسى :  http://tarmilar.com/Mazmun.asp?id=721
ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.