شىنخۇا ئاگىنتلىقى 4-دېكابىر خەۋىرى، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۇياڭدا 8 ياشلىق ئوغۇل بالىنى ئوقۇتقۇچى تۆتىنچى قەۋەتتىن تاشلىۋەتتى.
8 ياشلىق سۈن تۇتۇ شۇياڭ ناھىيلىك 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىقنىڭ بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر كىچىك چولپان بولۇپ ھېسابلىناتتى.
تۇتۇ ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر. ئۇ 5-6 ياش ۋاقىتلىرىدىلا، جياڭسۇسەي رايونلۇق بالىلار باغچىسى گۇرۇپىسىدا بىردىنبىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىر، مەدەنىيەت ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئويۇشتۇرغان، مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيتى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن «مەملىكەتلىك بالىلار تېلۋىزىيە ناخشا مۇسابىقىسىدە»، «ئېكراندىكى كىچىك ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە مەملىكەتلىك ئۆلچەملىك ئۇسۇل، لاتىن ئۇسۇلى شەھىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، بالىلار گۇرۇپىسى بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.
تۇتۇنىڭ ئەسلىمىسى
«چېن تاغام مېنى چاقىرىپ، ماڭا ئانامنىڭ مېنى چاقىرۋاتقانلىقىنى، نۇمۇر رېپىتىس قىلىدىغانلىقىمىنى ئېيتتى». تۇتۇ ئەسلەپ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا،ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى سىنىپتا دەرس ئوقۇۋاتقانلىقىنى، چېن يۈبونىڭ ئۇنى سىنىپتىن ئەپچىقىپ، تۆتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ ماڭغاندا تۇتۇ: «چېن تاغا، سىز مېنى تۆتىنچى قەۋەتكە ئەپچىقىپ نىمە قىلىسىز؟» دەپ سورىغان، چېن يۈبو «سېنى ئېلىپ چىقىپ بىر نەرسە ئېلىۋالاي» دەپ جاۋاب بەگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۇتۇ بىلەن چېن يۈبو تۆتىنچى قەۋەتكە چىققان. تۇتۇنىڭ بالكون رىشاتكىسى بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق بولغاچقا، چېن يۈبو «تۇتۇ، كېلىپ پەستە نىمە بارلىقىنى كۆرۈپ باقمامسەن؟» دېگەن. تۇتۇ رېشاتكىغا يېقىن بارغاندىن كېيىن، تەييارلىقسىز تۇرغان، ھېچقانداق قارشىلىق قىلىش كۈچى بولمىغان بالىنى، «تۇتۇ، تاغاڭ ساڭا يۈز كېلەلمەيدۇ» دەپلا، رىشاتكىدىن ئارتۇلدۇرۇپ تاشلىۋەتكەن. «خۇددىي گارغا توپ تاشلىغاندەك، پەسكە تاشلىۋەتكەن».
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 19-نويابىر تۇتۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن.
مۇخبىر مەكتەپتىن ئىگلىشىچە، شۇ كۈنى تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالغان.
مۇخبىر تۈنۈگەن كەچ دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرخاندىكى دوختۇرلاردىن سورىغاندا، دوختۇر تۇتۇنىڭ تېلى يېرىلغانلىقى ئۈچۈن، يەنە يېتىپ داۋالىنشقا مۇھتاجلىقىنى، يەنە داۋالىنىپ، كەيپىياتى مۇقىملاشقاندا ئاندىن، سۇڭەك ئوپراتسىيىسى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى دېگەن.
تۇتۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن چېن يۈبولار 4-يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىكەن.
ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چېن يۈبونىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنى روھىي كېسەل دەپ، تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. ياڭشۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا چېن يۈبونىڭ پىسخىكىسىنى تەكشۈرەتكەن، نەتىجىدە، «چېن يۈبو ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەقەدىكى جىنايەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى» بېكىتكەن
بۇ مەزمۇن تەرمىلەر تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى مەزمۇن ئادرىسى :
http://tarmilar.com/Mazmun.asp?id=808