بەخىت تىلەش
چىغىر يول بويلىرى چەكسىز غېرىپلىق ،
توزۇغان ئاخىرقى كەچكۈز ياپرىقى .
مەن ئېيتقان ناخشىغا بولغاندەك سىزىك ،
يۇلتۇزلار كۆز قىسار ھەر كۈن ئاخشىمى .
سېنىڭدىن بەختىمنى سورىيالمايمەن ،
ئارلىقىم بەك يىراق ساڭا يېتىشكە .
بولدى مەن ھالسىرىدىم قالمىدى مادار ،
يوق تاقەت ئەمدى يار سېنى كۈتۈشكە .
بەخىتلىك بول دەيمەن بەخىتلىك بولغىن ،
بارچە بەخىتنى ئاتىدىم ساڭا .
قېپ قالسۇن خاس ماڭا جىمىكى ئازاپ ،
ياش تۆكۈپ يۈرمىگىن ئۆلگەندە ماڭا .
ياش تۆكۈپ يۈرمىگىن ئۆلگەندە ماڭا ،
كۆمۈپ قوي قەبرەمگە تىپتىنىچ مىنى .
قەبرە تېشىمغا يېزىپ قوي مۇنداق ،
ئۇ بۇرۇن بەكمۇ - بەك سۆيەتتى مېنى .
__________ ئابدۇسەمەت ئاتاۋۇللا