باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 922 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تاماكىنىڭ ئىسمى زىيان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 251
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە251دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 680 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-29 15:57

تاماكىنىڭ ئىسمى زىيان


كىچىك ۋاقىتمدا بىزنىڭ شەھەردە چوڭلارنىڭ تاماكىنى زىيان دەپ ئاتايدىغىنى ئېسمدە.
تاماكا چېكىش دېگەننى زىيان تارتىش دەيتتى. بۇنىڭ قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام تاماكىنى زىيان دەپ
تۇرۇپ سۆزلەشلىرى بەك قىزىقارلىقكەنتۇق...
   بۇرادەر، زىيان تاتامسەن؟
   زىيانىڭدىن بىرنى بېرە، مەنمۇ تارتاي..
   ماگىزنىڭدا زىيان باما؟زىيان ساتامسىلەر؟
   قانداق زىيان؟
   ئېغىرىراق زىيان...
  نىمانداق خوتۇن كىشىدەك  يېنىڭ زىيان تارتىسەن؟؟؟؟؟؟
   خوتۇن ئوغلۇمىز زىيان تاتىشنى ئۆگىنىۋاپتۇ.ئۇ ئوغۇرلۇقچە زىيان تارتىپ يۈرۈپتۇ. تاغنىڭ كەينىدە زىيان تاتىۋاتقاندا ئەمەتجان كۆرۈپ قاپتۇ.
راسىت مانا، ئۇنىڭ يانچۇغىدىن زىيان چىقتى.
  قىزلارمۇ زىيان تاتامدىكە؟ توۋا!!!
ئەخمەت زىيان تاتىۋىرىپ ئۆپكىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ....
ھەي يېگىتلەر، كىنوخانىدا زىيان تارتماڭلار!!!!!زىيان تارتساڭلار تالاغا چىقىپ تارتىڭلار!!!!
  مە، زىرىكىپ ئولتۇرغىچە زىيان تاتىپ ئولتۇرە....
  ھەممىڭلار زىيان تارتمامسىلەر؟؟؟؟؟
   زىيان باما؟ زىيان باما؟ ماڭا زىيان بېرىڭلار، ماڭا زىيان كېرەك! مەن زىيان تاتىمەن! مەن زىيان تاتىمەن!
                    زىيان تارتىش سالامەتلىككە زىيانلىق!
                  كەڭ سايدا زىيان تارتىشقا بولمايدۇ! پايدا كۆرۈڭلار ھە......