ئىككى ئادەم ئاتلىرىنى ھارۋىغا قېتىپ، يىراق بىر جايغا سەپەرگە چىقىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېزىسىدىن چىقمايلا ھارۋىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ، يەنە ئۆزى چىققان يېزىغا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ يولۇچىلار ئويغانغان چېغىدا، ئاتلار ئۇلارنى مەھەللىسىگە ئېلىپ كەپ بولغانىكەن. ئۇلاردىن بىرى ئۆز ھويلىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە:
_ ھوي، قارىغىنا، بۇ جايدىمۇ مېنىڭ ھويلامغا ئوپمۇ - ئوخشاش بىر ھويلا بار ئىكەن، - دەپتۇ.
_ يەنە بىرى سۇغا كېتىۋاتقان ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى كۆرۈپ:
_ قاراپ باقە، ئاۋۇ ئايال مېنىڭ خوتۇنۇمغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىكىنە،- دەپتۇ.
بىر كۈنى ئەتىگىنى بىر مەھەلىدە جامائەت نەزىردىن تارقاپ ئەمدى چىقىشىغا ئالدىغا بىر قارا،بىر سېرىق،بىر تاغىل ئۇچ ئىت ئۇچراپتۇ. قارا ئىت جامائەتكە قاراپ << ھاۋ >> قىلىپ
بىرنى قاۋاپ قويۇپتۇ.بۇنى كۆرگەن سېرىق ئىت ئىچىدە سەندىن مەن قالاتتىممۇ دەپ ئويلاپتۇ دە جامائەتكە قاراپ:
__ ھاۋ...ھاۋ __ قىلىىپ ئىككىنى قاۋاپ قويۇپتۇ.
قارا ئىتنىڭ بىرنى،سېرىق ئىتنىڭ ئىككىنى قاۋىغانلىقىنى كۆرگەن تاغىل ئىت ئىچىدە سىلەردىن مېنىڭ نەرىم كەم،مەنمۇ ئوخشاش ئىت تۇرسام دەپ ئويلاپتۇ-دە،جامائەتكە قاراپ:
__ھاۋ...ھاۋ...ھاۋ__ قىلىپ ئۈچنى قاۋاپ قويۇپتۇ.
سېرىق ئىتنىڭ ئىككىنى،تاغىل ئىتنىڭ ئۈچنى قاۋىغانلىقىنى كۆرگەن قارا ئىتنىڭ ئۇلاردىن قالغۇسى كەلمەي جامائەتكە قاراپ:
__ھاۋ...ھاۋ...ھاۋ...ھاۋ__ قىلىپ تۆتنى قاۋاپتۇ، ئارقىدىنىلا سېرىق ئىت بەشنى،تاغىل ئىت ئالتىنى قاۋاپتۇ. بۇ چاغدا قارا ئىت تېخىمۇ كۈچەپ يەتتىنى، سېرىق ئىت سەككىزنى،تاغىل ئىت توققۇزنى قاۋاپتۇ. ئاخىرى ئۇلار بىر بىرىدىن قالماي ساناقنىمۇ ئۇنتۇپ شۇنداق قاۋاپتۇكى، ئۇچ ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى مەھەللىنى بىر ئاپتۇ.ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازىدىن باشلىرى ئاغرىپ كەتكەن جامائەت قوللىرىغا تاياق،توخماقلانى ئېلىپ ئىتلارنى تازا سېلىپ ئەدىۋىنى بېرىپتۇ.
فىلىيەتون ....لاردىن تاللانما

ئۈستەلدە ئۈچ ئىستاكان بار.بىرسىنىڭ ئېغىزى پەسكە قارىتىپ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان؛يەنە بىرسىنىڭ ئېغىزى ئۈستىگە قارىتىپ قۇيۇلغان،بىراق ئاستىدا يېرىق بار؛يەنە بىرسىنىڭ ئىچىگە پاسكىنا نەرسە قاچىلانغان.
ئۈچ ئىستاكاننىڭ ھىچ قايسىسىدا پاكىز سۇ ساقلىغىلى بولمايدۇ.بىرىنچى ئىستاكان دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغاچقا ئىچىگە سۇ قۇيغىلى بولمايدۇ.ئىككىنچى ئىستاكاننىڭ ئاستىدا يېرىقى بولغاچقا،قۇيغان سۇ ئېقىپ كېتىدۇ.ئۈچىنچى ئىستاكاننىڭ ئاستىدا پاسكىنا نەرسە بولغاچقا،قۇيغان سۇ پاسكىنا بولۇپ كېتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ. ؟
يوققۇرىقى ئۈچ خىل ئىستاكانغا ئوخشاش،ئەگەر سىز قارشىلىق كۆرسەتسىڭىز ياكى قوبۇل قىلمىسىڭىز ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ ھىچقانداق نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىز؛ئەگەر بۇ قۇلىقىڭىزدىن كىرىپ ،ئۇ قۇلىقىڭىزدىن چىقىپ كەتسە سىز بىر نەرسىنى بىلگەندەك قىلسىڭىزمۇ،بىراق ئۇنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ،ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمايسىز؛ئەگەر بىرەر نەرسىگە ناتوغرا قاراشتا بولسىڭىز،ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى يەنىلا چۈشىنەلمەيسىز.
ئويلاپ بېقىڭ،سىز قايسى خىل ئىستاكان ...؟
گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتمەكچىمۇ ،سىز ؟