ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
«مەن ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر سۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ لا شەرىكە لەھ› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق)» . (مۇسلىممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەرنى توپلىغان).
«ھەر كۈنى يۈز قېتىم ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ بىردۇر، شېرىكى يوقتۇر، بارلىق ئىگىدارچىلىق ۋە ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممىگە قادىردۇر) دېگەن كىشى ئون قۇلنى ئازاد قىلغاندەك بولىدۇ، ئۇنىڭغا يۈز ساۋاب يېزىلىدۇ، يۈز گۇناھى ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى كەچكىچە شەيتاننىڭ شەررىدىن(يامانلىقىدىن) ساقلىنىدۇ، ھېچكىم ھېچقانداق ئىبادەت ئارقىلىق بۇ سەۋىيىگە يېتەلمەيدۇ. پەقەت بۇ ئىبادەتنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىلغانلار بولسا (ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدۇ)».(بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان)
«تولۇق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئاسمانغا قاراپ:‹ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ شېرىكى يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى، بەرھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن)دېگەن كىشىگە جەننەت ئىشىكلىرى چوقۇم ئېچىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى خالىغان ئىشىكتىن كىرىدۇ». (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان).
« ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېگەنلەرگە مازارلىرىدا ۋەھشەت (يەنى قەبرە ئازابى)، مەھشەر مەيدانىدا دەھشەت يوقتۇر. سۇر (قىيامەت كۈنى چېلىنىدىغان بۇرغا) چېلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ باشلىرىدىكى توپىلىرىنى سۈرتكەن ھالدا قوپقانلىرىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن. بىزنى غەم-قايغۇدىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. رەببىمىز ھەقىقەتەن ئەڭ رەھىمدىل، ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ شەپقەتلىك، ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر». (ئەبۇ يەئلا ۋە تەبەرانى توپلىغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئەبۇ ھۇرەيرەگە خىتابەن مۇنداق دېگەن:«ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! قىلغان ھەر بىر ئىشىڭ قىيامەت كۈنى مىزانغا ( تارازا-ئۆلچەمگە) سېلىنىدۇ. پەقەت شاھادەت كەلىمىسى ئۆلچەنمەيدۇ. چۈنكى سەمىمىيلىك ۋە ئىخلاس بىلەن شاھادەت ئېيتقانلارنىڭ تارازىسىنىڭ بىر تەرىپىگە شاھادەت كەلىمىسى، يەنە بىر تەرىپىگە ئاسمان-زېمىندىكى جىمى نەرسىلەر قويۇلسا، شاھادەت كەلىمىسى ئۇلارنى بېسىپ كېتىدۇ».
«سەمىمىيلىك ۋە ئىخلاس بىلەن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېگەن كىشى يەر يۈزى توشقىچە گۇناھلار بىلەن كەلسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۈرەيرەگە خىتابەن مۇنداق دېگەن: «ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! سەكراتتا ياتقانلارغا شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىشنى تەلقىن ئەيلە (زېھىنلىرىگە قۇي)، چۈنكى شاھادەت كەلىمىسى بارلىق گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ». (ئەبۇ مەنسۇر دەيلەمى «مۇسنەدۇل فىردەۋس»)
ئەبۇ ھۇرەيرە: «ئەي رەسۇلۇللاھ، ئۆلۈكلەر ھەققىدە ئەھۋال بۇنداق بولسا، تىرىكلەر ھەققىدە قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ (يەنى كەلىمە شاھادەت ئېيتىش) تېخىمۇ كۆپ گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ» دېگەن.
«ھەممىڭلار جەننەتكە كىرىسىلەر، ئەمما ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن گويا ئىگىسىدىن قاچقان تۆگىدەك قاچقانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر (يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ)».(بۇخارى توپلىغان) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قاچىدىغانلار كىملەر؟ دېگەن سوئالغا جاۋابەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېمىگەنلەردۇر. تىلىڭلار تۇتۇلۇپ قالمىغىچە ‹لا ئىلاھە ئىلەللاھ› دېيىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ ئىخلاس سۆزىدۇر، تەۋھىد سۆزىدۇر، تەقۋالىق سۆزىدۇر، كەلىمە تەييىبەدۇر، ھەققە دەۋەت قىلغۇچى سۆزدۇر. ئۇ ئېسىلىشقا تېگىشلىك مۇستەھكەم ھالقىدۇر، جەننەتنىڭ بەدىلى شۇدۇر» دېگەن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ» (55:60)
دۇنيادىكى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن كەلىمە تەۋھىدكە تەڭداش ئېھسان(ياخشىلىق) ئاخىرەتتىكى جەننەتتىن ئىبارەتتۇر، دەپ قارىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ...» (10:26)
بەرا بىن ئازىب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«يۇقىرىدىكى دۇئانى ئون قېتىم ئوقۇغان كىشى بىر قۇل ياكى بىر جاننى ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ». (ھەكىم توپلىغان)
ئەمر ئىبنى شۇئەيب ئاتىسىدىن، ئاتىسىمۇ ئاتىسىدىن شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كۈندە ئىككى يۈز قېتىم ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر›دېگەن كىشىگە ئالدىدا كەلگەنلەردىن ھېچكىم يېتىشەلمىگەندەك، ئارقىدا كەلگەنلەردىنمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. پەقەت بۇ ئىبادەتنى بۇنىڭدىن كۆپ قىلغانلار مۇستەسنادۇر». (ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل).
«كوچىدا كېتىۋېتىپ يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇغان كىشىنىڭ بىر مىليون گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ، نامۇ ئەمالىغا(ئىش-ئەمەل دەپتىرىگە) بىر مىليون ساۋاب يېزىلىدۇ ۋە جەننەتتە ئۇنىڭغا بىر كىشىلىك ئورۇن ھازىرلىنىدۇ».
رىۋايەت قىلىندىكى، بەندە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن چاغدا بۇ كەلىمە تەۋھىد ئۇنىڭ ئەمەل دەپتىرىدە (بەتمۇ بەت) ھەرىكەتلىنىپ، قەيەردە بىر گۇناھ(خاتىرىسى) بولسا ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە ئوخشاش بىر ساۋاب (كەلىمە تەۋھىد ئېيتىش ساۋابى) نىڭ يېنىغا بېرىپ شۇ يەردە قالىدۇ.
سەھىھ سەنەدى (توغرا مەنبەسى) بىلەن ئەبۇ ئەييۇب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ(نەقىل كەلتۈرىدۇ):
«ئون قېتىم ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر› دېگەن كىشى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تۆت ئەسىرنى ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ». (بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان)
يەنە سەھىھ ئىسناد بىلەن ئەبۇ ئەييۇب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«كىمكى كېچە ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر. سۇبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھى ئەلىييىل ئەزىم› دەپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ. دۇئا قىلسا دۇئاسىنى، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا نامىزىنى قوبۇل قىلىدۇ». (بۇخارى توپلىغان).
مەنبە : خانجەمەت