نىكاھ- ئىنسان ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش، شۇنداقلا يىگىت- قىزلار ۋە ئاتا ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ باش قاتتۇرىدىغان مۇھىم ئىش. بىراق، نىكاھ ئىشىدا بەزى ۋاقىتلاردا ئوغۇل- قىزلارنىڭ خاھىشى بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ خاھىشى بىر يەردىن چىقمايدۇ. بەزى يىگىت- قىزلار ئۆز قىزغىنلىقى، ھېسسىياتى ۋە مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئاتا- ئانىلار بىلەن قارشىلىشىدۇ. بۇنداق نىكاھ بەزى ھاللاردا يىگىت- قىزلارغا بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. كىمنى تاللاش، نېمىنى كۆزلەپ تاللاش، نېمىگە ئاساسلىنىپ تاللاش- مەسلىنىڭ ئاچقۇچى. ئۇنداقتا، ياشلار جورىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟ قىزىم سىزگە شۇنداق مەسلىھەت بېرىمەنكى، جورا تاللىغاندا، ئۆز خاھىشىڭىزغا ئاساسەن تاللاڭ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پىكرىنىمۇ ئوبدان ئويلىنىپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېقىڭ. چۈنكى چوڭلارنىڭ پىكىرى بەزى چاغلاردا ئىنتايىن ئورۇنلۇق، سىز توي قىلسىڭىز بىر ئادەم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ سىزگە ئەر بولغۇچىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توي قىلىسز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرجەھەتتىن ئويلىنىشىڭىز كېرەك.
1. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغىنىنى تاللاڭ.
سىز ياخشى كۆرگەنلەر سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ- يوق؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغىنىنى تاللىسىڭىز، ھەردائىم قەدىرلىك ھەم ھۆرمەتلىكسىز. سىز ياخشى كۆرگەننى تاللىغىنىڭىز بىلەن ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە جورىڭىز قەدرىڭىزگە يەتمەيدۇ، ھۆرمىتىڭىزمۇ دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ، ئەجرىڭىز بىكار كېتىدۇ، بۇنداق تۇرمۇش ئۇزاققا بارمايدۇ.

2. قىزىقىشىڭىز بىردەك بولغىنىنى تاللاڭ.
قىز ئوغۇل نىكاھلىنىش ئالدىدا كۆرۈشمەي قالمايدۇ. شۇ جەرياندا بىر- بىرىنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغان- نېمىگە قىزىقمايدىغانلىقى بىر- بىرىگە چۈشىنىشلىك بولىدۇ. بىراق قىز- يىگىتنىڭ قىزىقىشى بىر يەردىن چىقمىسا ياكى ئاساسەن بىر يەردىن چىقمىسا تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولمايدۇ.
3. ئەر- خوتۇن ئۆزئارا ياخشى ئۆتۈۋاتقانلار بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئوغۇل- قىزلاردىن تاللاڭ. ئەگەر سىز تاللىماقچى بولغان قىز- ئوغۇلنىڭ مۇھىتىدا نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر- ئاياللار كۆپ بولسا تاللىغان جورىڭىزمۇ بىللە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
4. ئاتا- ئانىسىغىمۇ دىققەت قىلىڭ. بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا «قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال، ئاتا- ئانا كۆرۈپ قىز ئال» دېگەنگە ئوخشاش تەمسىللەر بار. بۇ تەمسىللەردە پەرزەنتلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ نىسپىي ھالدا ئاتا- ئانىسىغا تارتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئاتا- ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ۋە ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئاتا- ئانىسى ياخشى، يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەر بولسا، كۈيئوغۇل ياكى كېلىنلىرى ئارىسىدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتتىمۇ سۇغۇققانلىق، مەسئولىيەتچانلىق بىلەن ئەتراپلىق، توغرا نەسىھەت قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى تۇرمۇشنى سۈيۈشكە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا، قەدىر- قىممىتىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەيدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئوغۇل- قىزلىرىنى ئەپلەپ- سەپلەپ «نىكاھ»لاندۇرۇپ، ئارقىدىنلا باھانە ئىزدەپ ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

5. ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەننى تاللاڭ. ئاتا- ئانا دېگەن مەڭگۈ ئاتا- ئانا. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەربىيىچىسى. پەرزەنت بولسا ئاتا- ئانىغا مەڭگۈ ئەقىدە قىلغۇچى. پىداگوگلارنىڭ «ئادەمنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى تەربىيىدىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى پەرۋىشتىن» دېگىنىدەك، ئاتا- ئانا تەربىيىسىنى بالا ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ.
( ئاتا - ئانىسى تەقۋادار، ئىخلاسمەن ، مۆمىن ، ئالىيجاناپ كىشىنىڭ بالىسىنى ئالدىن تاللاڭ )
6. مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەننى تاللاڭ. مەكتەپ- ئىنسانلارنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، ئادەم بولۇش، ياشاشنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەرنى ئەخلاقلىق، ئەقىللىق ۋە مەدەنىيەتلىك قىلىپ تەربىيلەشتە ئىنتايىن مۇھىم. تۈزۈكرەك مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمەيلا، تۇرمۇش بۇسۇغۇسىغا قەدەم قويغانلار كەم دېگەندىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆي بولالمايدۇ.
7. ئائىلە ئەھۋالىغىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇڭ. بۇنداق دېگەنلىك ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ئوغۇل- قىزىنى تاللاڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆز ئائىلىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ماس كېلەمدۇ- يوق، ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بەزىلەر توي قىلىپ بولۇپلا: «مەن ئۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان، پالانى دېسە تونۇمايدىغان ئادەم يوق» دەپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇنداقلار بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز توي قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان يەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
8. ئۆي ئىشىغا پىشقانراقلارنى تاللاڭ. ھازىر كۆپ ساندىكى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتمىسۇن دەپ، ئۇلارنى ئۆي ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندا، يېڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمەي، سوغۇقچىلىق پەيدا بولىدۇ، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك ئائىلە تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي ئىشىغا پىشقانراقلارنى تاللاڭ.
9. تەكەببۇر، مەنمەنچىنى ئەمەس، كەمتەر، كىچىك پېئىللارنى تاللاڭ. ئادەم- ئادەم بىلەن ئادەم. ھەرقانداق بىر ئادەم تەكەببۇر، مەنمەنچىلەر بىلەن چىقىشالمايدۇ. كەمتەر، كىچىك پېئىل ئادەملەر ھەرۋاقىت باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ئاخىرىغىچە ساقلىيالايدۇ.
10. پىيەنچۈكنى تاللىماڭ. ھاراق- ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ كۈشەندىسى، سالامەتلىكنىڭمۇ كۈشەندىسى. ھاراققا زىيادە بېرىلگەنلەر ئۆز ئەقلىنى خورىتىپ، ئىقتىسادىنى تۈگىتىپلا قالماستىن، ھاياتىنىمۇ نابۇت قىلىدۇ. ئۆزىنىلا بەخىتسىز قىلىپلا قالماي، جورىسىنىمۇ بەخىتسىز قىلىپ قويىدۇ. پىيەنچۈكنى تاللىغانلارمۇ كۆپىنچە ھاللاردا پۇشايماندا قالىدۇ.
11. ئىسراپخورنى تاللىماڭ. ئىسراپخورلۇق- ئورۇنسىز پۇل سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. ئۆزىگە لازىمى بولمىغان كۆرگەنلا نەرسىنى سېتىۋېلىش، بايۋەچچىلەرنى دوراش ئەخمەقنىڭ ئىشىدۇر. ئىقتىسادچىل كىشى ھەتتا نان ئۇۋاقلىرىنىمۇ زايە قىلمايدۇ. پۇل تېپىش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئىسراپخوردا بايلىق تۇرمايدۇ. بايلىقنى تۇتۇشنى بىلمىگەن ئادەم كېچە- كۈندۈز ئىشلەپمۇ يەنىلا موھتاجلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىسراپخورلارنى تاللىغانلارمۇ ئېھتىمال پۇشايماندا قېلىشى مۇمكىن.

12. چىراي تاللىماڭ، ئەخلاق- پەزىلىتىنى تاللاڭ.خەلق ئارىسىدا «چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار. ئۆزى گۈزەل بولغىنى بىلەن، ئەخلاق- پەزىلىتى بولمىسا بىكار. ئۆزىمۇ، پەزىلىتىمۇ بولسا قەلىبلەرنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئائىلىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەخلاق- پەزىلىتى بولمىسا، جورىسىنى ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدۇرىدۇ.
قىزىم سىز جورا تاللىغاندا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ، بىردەملىك ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ. جورا تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىمانلىق، ئىنساپلىق، يۈزى تۆۋەن، شەرم- ھايالىق، كۆڭلى پاك، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، كۆيۈمچان، ئەقىللىق، ۋاپادارنى تاللاپ، ئاتا- ئانىڭىزنى مەڭگۈ خاتىرجەم قىلىپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، مەڭگۈ خۇشال- خورام ئۆتۈشكە تىرىشىڭ. ئوغلۇم سىزمۇ كۆرۈۋالدىڭىز بىلىمەن، بۇ سىزگىمۇ ماس كېلىدۇ، مەن ئەرلەرنىڭ قىلماڭلار دىگەن ئىشنى قىلىشقا ئامراق ھەم تەۋەككۈلچى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ياخشى كۆرۈپ، ئىبرەت قىلىڭلار.