باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 726 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەشۋىش(شېئىر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-28 21:14

تەشۋىش(شېئىر)

تەشۋىش

       يۈرىكىم سوقماقتا ئەنسىز ،تىنىچسىز ،
       قىينىغاچ قەلبىمنى غەيرى بىر ئەلەم .
       باسالماي ئۆزۇمنى يازدىم مانا شېئر ،
       خىياللار ئىلكىدە تەۋرىتىپ قەلەم .

       ئەجداتلار قالدۇرغان پارلاق«ئىز»لارنى ،
       دائىملا ئىزدىگۈم كەپلا تۇرىدۇ .
       ۋۇجۇدۇم گۈزەل بىر پارلاق ئەتىنى،-
       سېغىنىپ دولقۇنلۇق مەۋىج ئۇرىدۇ.

       قىينايدۇ جاراڭلىق چوقانلانلار سېلېىپ ،
       ئەجداتنىڭ قالدۇرغان ئۇلۇغ ئارزۇسى .
       قىينايدۇ ئەۋلاتلار مۇڭلۇق كۆز تىكىپ ،
       تەلەپ قىپ مەدەنيەت،بايلىق مىراسى.

       نە سەۋەپ دوسلىرىم ھالىمىز بەك بوش ،
       بولمىدى بۇنىڭدىن خەلقىمىزمۇ خوش .
       چىرمىدى قەلبىمنى مۇدىھىش تەشۋىش ،
       ئۆتەرمۇ ئۆمىرىمىز ئىشىرەتتە مەستخۇش .  

            2009.يىل 22.ئاپىرىل

                 مەنبە: ئىجادىيەت