مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى سەنيۈەن كۆمۈر كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئالتە ئادەم قازا قىلدى
كان ئىشچىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى خەۋەر كۈتمەكتە 21–دېكابىر سائەت 17:37 دە ، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن–كۆكتاغ رايونىدىكى سەنيۈەن كۆمۈر كېنىدا كان ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، ئالتە ئادەم قازا قىلغان . ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن پۈتۈن شەھەردىكى كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن كاندا ئاۋۋال ئىككى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، تۇنجى قېتىم 19–دېكابىر سائەت 15:50 دە كان ئاستىدىكى 170 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كان ۋاقتىدا رېمونت قىلغان ؛ 21 – دېكابىر سەھەر سائەت 8:30 ~ 3:30 ئىككىنچى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ، كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىق داڭ يۇڭجىن ئادەم تەشكللەپ قايتىدىن رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، سائەت 17:37 دە كاندا ئۈچىنچى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، نەق مەيداندا بەش ئىشچى قازا قىلغان ، بىر ئىشچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن قازا قىلغان . ۋەقەدىن كېيىن ، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان . ئىگىلىنىشىچە ، كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىق داڭ يۇڭجىنمۇ ۋەقەدە قازا قىلغان .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، سەنيۈەن كۆمۈر كېنى 1992–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 90 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن .
ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانقۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدىۋەقەدىن كېيىن كاندا جىددىي يىغىن چاقىرىلدى