
- سۈيۈملۈكۈم، مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك، ئوتتەك مۇھەببىتىمنى ئاخىرى قۇبۇل قىلدىڭىز. شېرىن ئېيىمىز ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ، ھەر بىر ئارزۇيىڭىزنى قانائەت تاپقۇزماي قويمايمەن. بىراق، سىز بىلەن بىر ئىشنى مەسلىھەتلىشىۋالساقمىكىن دەيمەن. ئۈچ ئاي بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتەمدۇ، قانداق؟....مەن پەقەت پىكرىڭىزنىلا ئېلىپ باقماقچى.

بىر ھەپتە؟ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، سۈيۈملۈكۈم. چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقساق، بەك بۇزۇپ چاچقانلىق بولۇپ قالامدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ ساياھەت قىلغۇدەك مەنزىرىلىك جايلار بارغۇ- ھە! دېڭىز مەنزىرىسىدىن بەھىرلىنىشمۇ تازا كۆڭۈلنى ئاچىدىغان ئىش، قوشۇلامسىز؟
بىراق، سۈيۈملۈكۈم، مېھمانخانىدا يېتىشىمىزنىڭ راستتىنلا زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ پۇل بۇزىدىغان ئىشقۇ ئۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، بۇ پۇلغا سىزگە ئەڭ ئېسىل بۇلاپكىدىن بىرنى ئېلىپ بەرسەم ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ مەيدىڭىزدە يالتراپ ئۆمۈر بويى سىزگە ھەمراھ بولىدىغۇ.
لېكىن، ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ، ئەمەلىيەتتە بۇلاپكا ئالغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ بولمىسا بۇ پۇل بىلەن تويىمىزنى تازا ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزمەيمىزمۇ؟

گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، تويغا ئۇنچىۋالا كۈچەپ كېتىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇ دېگەن خەقنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىش، ئەقىللىق ئادەملەر بۇنداق سەنەمگە دەسسىمەيدۇ!
قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدىم، سىز دېگەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق قىز. يەنە بىر ئىشتا سىز بىلەن پىكىرلىشىۋالاي دەيمەن: توي كۆڭلىكى كىيمىسىڭىز قانداق؟ ئۆي ئېلىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پۇل ئىقتىساد بولۇپ قالسا....

يېقىن دوست - بۇرادەرلىرىمىزنى چاقىرىش جىيالىدا بولىۋاتقانسىز- ھە؟ ئەمما بىزدەك بىر - بىرىنى چىن قەلبىدىن سۈيىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر ئارتۇقچە ئىش. بۇ پۇلنى تىككۈچىگە خەجلەپ، سىزنى ئەڭ چىرايلىق كىيىندۈرەيمىكىن، دەيمەن.
ئەلۋەتتە، سۆيۈملۈكۈم، ھازىر دېگەن ياز تۇرسا، مۇراسىم كىيمىنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ سىزگە ئاددىي، چىرايلىق كۆڭلەك بولسىلا بولىۋېرىدىغۇ! تۆت مېتىر رەخت ئالساقلا يېتەرمىكىن؟ ئەمەلىيەتتە، پۇلنى ئاشۇ بىغەرەز تىككۈچىلەرگە بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەخمەقلىق، قوللىرىڭىز شۇنچىلىك چىۋەر بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز تىكىۋالسىڭىزمۇ بولار!

تۆت مېتىر ئالساق بەك كۆپ بولۇپ كېتەمدۇ نېمە؟ قىسقا يوپكا بولسىلا كۇپايە، ئۇنىڭغا 1.5 مېتىر رەخت بولسىلا يېتىدۇ. سۈيۈملۈكۈم، سىز بار يەرنىڭ ئۆزىلا جەننەت تۇرسا، ئۆي ئالىمىز دەپ نېمە ئاۋارە بولۇپ يۈرىمىز؟ يوپكا ئۈچۈن نېمە دەپ باش قاتتۇرىمىز؟
جېنىم، دەرھال توي قىلايلىچۇ!

-تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئېلىندى