1982— يىلى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ، ئىتالىيە كوماندىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ، شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن داڭلىق ترېنېرى ئېنزو بېئارزوت 22 ـــ دېكابىر ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە 83 يېشىدا ۋاپات بولدى .
ئېنزو بېئارزوت ترېنېرلىق قىلغان ۋاقتىدا غاڭزا چىشلىۋىلىشكە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ ، ‹‹ غاڭزا ترېنېر ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەنىدى ، ئۇ ئىتالىيە پۇتبولىنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىكى مۇھىم ئاساسچىسى ھېساپلىنىدۇ .
ئېنزو 1978 ــ يىلى ئىتالىيە كوماندىسىنى باشلاپ ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا تۆتىنچى بولغان ، 1982 ــ يىلى ئىسپانىيەدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .
2002 ــ يىلى ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسى تېخنىكا تاللاش بۆلۈمىنىڭ رەئىسى بولغان .