باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1033 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۇلكە_جان ئوزۇقى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-22 12:20

كۇلكە_جان ئوزۇقى

                                                  ياراملىق ئىت
بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ئادەم بەك ھۇرۇن ئىكەن.  يولدىشى ئايالىنى ئىشقا بۇيرىسا، ئايالىنىڭ قىلغۇسى كەلمەي، چوڭ قىزىنى بۇيرۇيدىكەن، چوڭ قىزى سىڭلىسىنى بۇيرۇيدىكىن، سىڭلىسى .ئىتىنى بۇيرۇيدىكەن.
بىركۇنى ئۆيگە مىھمان كېلىپ، ئىتنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى بەك چاققان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن:
_  ئىتنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن،_  دەپتۇ.
_ ئامال يوق، ئۇلارنىڭ قىلغۇسى كەلمەي ھەممىنى ماڭا بۇيرۇيدۇ، _ دەپتۇ ئىت.
_ سەن تېخى گەپ قىلالامسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ مېھمان تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ.
_ بوشراق سۆزلەڭ، ئەگەر ئۇلار ئاڭلاپ قالسا تېلېفۇننىمۇ  ماڭا ئالدۇرىدۇ دەپتۇ، _ ئىت ئالدىراپ.

                                                 تىللاش
  
ئېرى يېرىم كېچە بولغاندا غەرق مەست ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ياتاق ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىپ ئۆي ئىچىگە قۇلاق ساپتۇ.
 بىراق ئۆيدىن ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانماپتۇ.
  ئېرى خېلىغىچە ھېچقانداق ئاۋاز  ئاڭلىيالمىغاچقا ئاخىر چىداشلىق بېرەلمەي، يۇقىرى ئاۋازدا:
_ خوتۇن، مىنى نېمىشقا تېخىچە تىللىمايدىغانسەن؟  تېزرەك تىللىغىنە، بولمىسا ئۆينىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن كارۋاتنى  تاپالمايۋاتىمەن___ دەپ ۋارقىراپتۇ.

                                                ئۇ  يەر  بەك سوغۇق ئىكەن

        پو ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ئېكىسپېدىتسىيەچى پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
    __  مەن بارغان ئۇ جاي بەك سوغۇق ئىكەن. شام توڭلاپ قالغاننى ئاز دەپ ئوتمۇ توڭلاپ قالىدىكەن،پۈۋلەپمۇ  ئۆچۈرەلمەيدىكەنسەن،__ دەپتۇ.

   __ بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار.  مەن بارغان ئۇ جاينىڭ سوغۇقلۇقىدىن سۆزلىگەن سۆزلىرىڭمۇ توڭلاپ قالىدىكەن،  ئېرىغاندىن كېيىنلا نېمە دېگەنلىكىنى بىلەلەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ، __ دەپتۇ يەنە بىرىمۇ بوش كەلمەي.

                                               راست ۋە يالغان

بىر كۇنى بىر ئايال ماشنا ھەيدەپ سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇ  ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن يولدا كېتىۋاتقان تانكا، بىرونېۋىكلارنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.
     ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتەي دەپ تۇرۇشىغا بىر ئەسكەر ئۇنى توسۇپ:
  __ ئۇ يەردىن ئۆتسىڭىز بولمايدۇ خانىم، __ دەپتۇ.
  __  نېمىشقا؟
  __ ئۇ كۆۋرۈك ئككى سائەت ئىلگىرى پارتىلاپ كەتتى.
 كۆۋرۈكنىڭ ساپمۇ ساق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئايال ماشىنىدىن چۈشۈپ يەنە بىر  ئەسكەردىن سوراپتۇ.
  __ ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتسەم نېمىشقا بولمايدۇ؟
  __  كەچۈرۈڭ خانىم، سىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۈچ سائەت ئىلگىرى ئوق يەپ ئۆلگەن.

                                                ئالاھىدە ماھارەت

ئىندىيانلارنىڭ  يۇرتىغا بىر ئائىلىلىك ساياھەتكە بېرىپتۇ. 
بىركۇنى ئۇلار بىر ياشانغان ئىندىياننىڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇلىنى تاشيولغا چاپلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
   دادىسى ھەيران  قېلىپ ئۇنىڭدىن نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ.
  __ قىرىق ياشقا توشمىغان بىر ئايال، ئۈچ بالا، بىردانە ئىت، تۆت ئشىكلىك ساياھەت ماشىنىسى سائىتىگە  65 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتەئالدىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ،__ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىندىيان.
  __ قالتىسقۇ؟!  سەن قۇلىقىڭنى يەرگە يېقىپلا شۇنچەكۆپ ئۇچۇرلارنى بلەلەمسەن؟  سەندە ئالاھىدە ماھارەت بار ئىكەندە؟
  __ ياق، تېخى بەش مىنۇت ئىلگىرى ئۇلار مېنى سوقۇۋېتىپ كېتىپ قالدى.



 

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4904
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 229
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
ئۆسۈش: 520 %
مۇنبەر پۇلى: 2690 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2012-03-21

       بۇلدىكەن
guzal
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 61 %
مۇنبەر پۇلى: 103 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-08
ئاخىرقى: 2010-12-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-22 15:47

ھى ھى ھى .. كۇلكە  ئاتا قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر
yahxiga yahxi
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4940
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2011-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-22 17:20

بۇ مۇنبەردە يۇمۇرلارنىمۇ كورگىلى بۇلىدىكەن ھە !