تاڭنۇرنى قارشى ئالامسىلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ ئەزى ئىشتىراكچىلىرى ھەم جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى مەن تاڭنۇردىن سىلەرگە
ئوتلۇق سالام كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغىنىنى بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ كىچىككەن بولساممۇ دوسلارغا بىر سالام بىرەي دەپ
كىردىم ،دوسلارنىڭ مىنى يات كۆرمەي،يېقىن بىلىپ بىرلىكتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىغا بىرلىكتە كۈچ ھەسسە
قۇشساق دىگەن ئۈمۈتتە كىردىم ،
دوسلارنىڭ قارشى ئېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلمەن ،ئەمدى كىرگەن بولغاچقا ياخشىراق تېما ئالغاچ كىلەلمىدىم شۇنداق
بولسىمۇ بىر مۇھەببەت شئېىرى ئالغاچ كەلدىم قۇبۇل قىلىپ كەم -كۈتتا يەرلىرى بولسا پىكىر بىرەسىلەر ،كۆپ سۆزلەپ قۇيغان
بولسام ئەپۇ قىلىڭلار ھە ............ مەن مۇشۇنداق گەپنى تۈزلا قىلىشنى خالايمەن ،
پىغانلىق مۇھەببەت
دەرەختىن تۈكۈلگەن ياپراقلار كەبى ،
ياشلىرىم كۈزۈمدىن تۈكۈلەر ئۇنچە ،
قەلبىمگە نۇرى يوق ئازاپنى سېلىپ ،
ئەي نىگار قىينىدىڭ ئەجەپمۇ بۇنچە .
خۇش كۈلۈپ ئالدىمدا تۇرساڭ پەرىدەك ،
ئىشىنىپ مەن ساڭا ئاشىق بوپتىمەن ،
يالغاندىن قۇلۇمنى تۇتساڭ مەزگىلسىز ،
سۆيگۈنىڭ چېكىگە يەتتىم دەپتىمەن ،
سەن ئەسلى سۆيگۈمگە قۇرۇپسەن قىلتاق ،
گۇمانسىز يۈرۈكىمگە كۈلپەتلەر سېلىپ ،
بەختىمدىن قىلچىمۇ شاتلىق كۆرمىدىم ،
ھەسرەتلىك پىغانىم قەلبىمدە يېنىپ .
دەرىت ئازاپ تۇرمۇشۇم ماڭا تەسەلى
ئەقىدەم ئۈزۈمگە گۇماندا قاراپ ،
ئۇيقۇسىز كەچلىرى ئايغا تەلمۇرسەم،
پىچىرلار يۇلتۇزلار رۇجەكتىن ماراپ .
ھەقىقى مۇھەببەت كۆرمەي سىنىڭدىن ،
سۆيگۈممۇ قۇردىغۇ سۇسىز كۈچەتتەك ،
گەر ئاشىق بولساممۇ يەتمەي تىلەككە ،
بارچىگە نۇر تۈكۈپ ياشاي قۇياشتەك،
مەنبە--- تاڭنۇر