باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2478 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سېنىڭ داداڭ ھاراقكەش ...
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 1420
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
ئۆسۈش: 11950 %
مۇنبەر پۇلى: 12859 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-19 16:05

سېنىڭ داداڭ ھاراقكەش ...


 دۇنيادا نامرات ئاتىلار كۆپ.ئۇلارنىڭ ئۆزى،ئەۋلادى يوقسۇزلۇق دەردىنى تارتماقتا.يوقسۇزلۇق دەردى تاشتىن قاتتىق.بۇنى يوقسۇللار ئەڭ چۈشىنىدۇ.شۇڭا ،ئۇلار يوقسۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش يولىدا تىرىشىدۇ،تىرمىشىدۇ.نۇرغۇن نامرات ئاتىلار ھالال ياشىدى،ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىنى تۈزۈكرەك تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئايانماي بەدەل تۆلىدى.بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن بىر ئۇرۇق -جەمەت ئۈچۈن ،مىللەت ئۈچۈن تۆلەنگەن باھاسىز بەدەل بولۇپ قالدى.
     ئەمما بارلىق ئاتىلىرىمىز ئۇنداق قىلالمىدى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  بالىلىرىغا مەڭگۈلۈك روھى ئازاپ،ئار-نومۇس قالدۇردى.بۇنىڭغا چەتئەللىكلەر تۇرمۇشىدىن بىر مىسال كەلتۈرەي:
     23 ياشلىق بۇ يىگىت ساقچى باشلىقىىنىڭ بالىسى ئىدى.ئۇ داڭلىق پىئانىنوچى بولۇپ يېتىشتى ۋەدۆلەت دەرىجىلىك مۇزىكا كېچىلىكىدە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەت  قازاندى.كىشىلەر ئۇنى گۈلدەستىگە پۈركىدى،بېشىدىن ئېگىز كۆتۈردى.
    ئەزىزلىنىۋاتقان بۇ يىگىت  پاجىەنىڭ ئۆزىگە قاراپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى  نەدىن بىلسۇن؟!
      مۇزىكا كېچىلىكى تارقىغاندا ،سالاپەت  بىر كىشى ئۇنى توختاتتى:
      _ يىگىت،سىزگە سۆزۈم بار ئىدى،
     _مەرھەمەت!
     ئىككىيلەن ھەشەمەتلىك مۇزىكا زالىدىن  چىقىپ خالىي جايغا ئۆتتى.
     _مېنى كەچۈرۈڭ،مەن سىزنىڭ  ئاتىڭىزنى  تونۇيتتۇم،بوينۇمدا قەرز بولۇپ قالمىسۇن دەپ...
    _  ئاتام ئالدىنقى رەتتە بار ئىدىغۇ،سۆزلەشسىڭىز  بولىدۇ.
    _ ياق،مەن دېمەكچىمەنكى ،بۇ سىزنىڭ بىقىۋالغان ئاتىڭىز،ئۆز  ئاتىڭىز بولسا  بىر ھاراقكەش،دىۋانە،ئۇ ھېلىمۇ شۇنداق ياشاپ تۇرۇپتۇ...
     يىگىت تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى.
     بىردەمدىن كېيىن ئۇ ساقچى  دادىسىنىڭ يېنىغا باردى.يىگىت تولىمۇ پەرىشان ئىدى:
    _ مەن كىمنىڭ بالىسى؟
    _ مېنىڭ!
    _ يالغان!
ئاتا شۇ ھامان ھاياتىدا ئەڭ ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ راست گەپنى ئەمدى يوشۇرالمايتتى:
     _بالام،مېنى كەچۈرگىن،مەن 22يىل ئىلگىرى تاسادىبىي  پۇرسەتتە سېنىڭ ئوماق،زېرەك بالا ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن ھەم سېنى ئاشۇ مەسئۇلىيەتسىز ،لاياقەتسىز ئاتىنىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ،ئۆز تەربىيەمگە ئالغان.
       _ ئۇ نەدە؟
      _ ئىنىق  ئۇقمايمەن، پەرىزىمچە...
    يىگىت زالدىن ئوقتەك  چىقىپ كەتتى.
    ... .ئۇ يىراق ،خىلۋەت  دېڭىز بويىدىكى تاشلاندۇق كەپىدە  ھاراق تۇڭىنى ئۆزىگە  ھەمرا قىلىپ ئولتۇرغان ، جۇلدۇر كىپەن   كىشىنى _ئۆز ئاتىسىنى تاپتى.
   _سەن كىم؟
   _ ئوغلۇڭ!
    _ئوغلۇم؟ قايسى ئوغلۇم؟سېتىۋەتكەن ئوغلۇممۇ ياكى خەققە بېرىۋەتكىنىممۇ؟
  يىگىتنىڭ مېڭە تومۇرلىرى چاك-چېكىدىن ئاجراپ كەتكەندەك،گۈزەل دۇنياغا،لىرىك مۇزىكىلارغا قانمىغان يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى گويا!
    _ھە،خەققە بېرىۋەتكىنىڭ مەن،سېتىۋەتكىنىڭمۇ بارمۇ تېخى؟ مانا ئەمىسە!
     ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ ئاتنىڭ كانىيىنى بوغدى...
  يىگىت ئەسەبىلەشتى،ئۇنىڭ پىسخىكىسى بۇزۇلغان،ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممە بەربات بولغان ئىدى:
    _ مېنىڭ نۇمۇسلۇق تەرجىمىھالىمنى يات بىروۋلارنىڭ بىلىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. مەن مەخلۇقنىڭ بالىسى،مەن ئاشۇ يىرگىنىشلىك مەخلۇقنىڭ پۇشتى......
    شۇ چاغدا لاياقەتسىز ئاتىنىڭ بالىغا كەلتۈرىدىغان مۆلچەرلىگۈسىز  روھى ئازابى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تېشىپ چىقتى...سانسىز كىشىلەرنى گۈزەل كېچىلەردە سېھىرلىك سادالار دولقۇنىغا غەرق قىلغان ،ئۇلارغا ھوزۇر،راھەت،شادلىق بېغىشلىغان بۇ مۇزىكا ئۇستىسىنىڭ چىۋەر قولىغا كويزا سېلىندى...
    ھاراقكەشلىكتىن دىۋانە بولۇپ ،بالىسىنى  خەققە بېرىۋەتكۈدەك  دەرىجىدە ئەرلىك غۇرۇرىنى يوقاتقان،مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن بالىسىنىڭ قولىدا ھەق جازاغا ئۇچراشقا تېگىشلىك بولۇپ قالغان ئاتىلار بىزدە يوقمۇ؟ جىسمى ساغلام،نامرات ئاتىلارنىڭ پىشانىسىگە نامراتلىق تامغىسى مەڭگۈلۈك بېسىلغانمۇ؟بېجىرىم،ھايات تۇرۇقلۇق خەقنىڭ خەير-ساخاۋىتىگە قالغان بالىلىرىنىڭ روھى ئازابى ئاشۇ ئاتىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى شۈركەندۈرمەمدۇ؟مۇقىم كىرىمى بولمىغان،ھايات باياۋانلىرىدا مۈدۈرۈلۈپ،سوقۇلۇپ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان  ئاتىلارنى قويۇپ تۇرۇپ،روھى زەئىپلىكتىن  بالىلىرىنى تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىۋاتقان  ئاتىلارنىڭ ھېلىھەم كۆزىنى ئاچمايۋاتقىنىغا نېمە دېيىش كېرەك؟
     مەن تونۇيدىغان ئەقىللىق بىر بالىنىڭ ئات-ئانىسى ئاجرىشىپ  كەتكەنىدى.بالىغا بەزى قولايلىقلارنى يارىتىش ئۈچۈن ،ئانا تۇرمۇش پۇلى بېرىدىغان،بالا ئاتىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولدى.ئاتىسى يېنىدا بولغاندا  ئانىسىنى،ئانىسى يېنىدا بولغاندا ئاتىسىنى ئىزدەپ قەلبى جاراھەتلەنگەن بالىنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،زامانىۋى رىقابەتكە تەييارلىنىشى قىيىنغا توختاۋاتقان كۈنلەرەد،ئاتا بالىغا ئۇقتۇرماي بالا نامىدىن"ئانام مېنىڭ تۇرمۇش پۇلۇمنى بەرمىدى"دەپ قانۇن ئورنىغا ئەر زسۇندى.ئانا بىلەن بالا يۈزلەشتۈرۈلگەندە ،بالا پۇل ئۈچۈن ئۆز نامىنىڭ كىم تەرىپىدىن سېتىلغانلىقىنى بىلدى .ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىغا ئېچىندى،ئۆز ئانىسى  ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان "تۇزكور بالا"بولۇپ قالغىنىغا ئازاپلاندى.
     بالىسىنى ھايۋانمۇ ياخشى كۆرىدۇ.ئىنساننىڭ ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرۈشى تۈپ مەنىسى بىلەن ھايۋاننىڭ ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرۈشى بىلەن ئوخشاش،ئۇنداقتا چەتئەللىك ھاراقكەشتەك بالىسىنى كىشىلەرگە بېرىۋەتمىگەن،سېتىۋەتمىگەن بولسىمۇ،ئەمما بالىسى بىلەن كارى يوق ئاتىلار مەسئۇلىيەتچان ئاتىلارمۇ؟
     ئەجىبا ،جەمىيەتتە ئورنى بار  بىر  كىشىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئەقىللىق بالىنى باققۇدەك،ئوقۇتقۇدەك مادارى يوقمىدۇ؟!
    بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ قورامىغا يەتكۈچە بولغان مەزگىلدە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا  ئەقلى،جىسمانىي،ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەبلەغ سېلىشقا مەجبۇر.مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، بالا تەربىيىلەش كەم-كۇتىسىز خالىس ئەمگەك.
       شۇنى قاتتىقراق ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەقلىقمىزكى ،بالىلار ئۈچۈن ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ناھايىتى كۆپ.بۇ خىزمەتلەر ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن،تېخىمۇ موھىمى ،ئۇلارنىڭ ۋىژدانىغا ھاۋالە قىلىنغان بولىدۇ،ئۇنداقتا سوراپ باقاي:ھكرمەتلىك يىگىت ،سېنىڭ پەرزەنتلىك بولغۇڭ بارمۇ؟ئاتا بولۇشقا لايىقمۇ سەن؟سەن ھاياتنىڭ دوقال -دوقمۇشلىرىدىمۇ،راھەت-پاراغەتكە چۆككىنىڭدىمۇ،غېرىپ كۈنلەرگە قېلىپ بوينۇڭ قىسىلغاندىمۇ ئۆزۈڭنى باشقۇرالامسەن؟ ئەخلاقىڭغا خوجايىنلىق قىلالامسەن؟ پەرزەنتنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭنى ئادققىچە ئورۇندىيالامسەن؟
     ئەگەر شۇنداق قىلالىساڭ ،پەرزەنتلىك بولۇۋەر،چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ   پادىشاھلىقىدىكى "دۆلەت"تە ئانىلار دۇنياسىدا بالىلىرىڭنىڭ شاد باغچىسىنى قۇرۇشقا بەدەل تۆلىيەلەيسەن!!!
مەنبە:  غېرىپ شىۋاقلار دېگەن كىتاپتىن
turmux sizga bir ketim kulumsirax pursiti barsa siz qukum kulumsirixingiz kerak
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 890
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2011-05-16
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-19 21:37

ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز     ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !