باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1633 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان سەھىھ ھەدىسلەر دىتالىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
ھەقىقەت بۇ قۇرئاندا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1184
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 1502 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-25
ئاخىرقى: 2011-07-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-19 11:42

ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان سەھىھ ھەدىسلەر دىتالىنى چۈشۈرىۋېلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭساي ئەھلى :
 مەن سىلەرگە تىرىشچانلار تورى تەرىپىدىن  رەتلەپ  تارقىتىلغان ،ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان قولايلىق يۇمشاق دىتال سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى تەۋسىيە قىلاي .
 ھەدىس توپلىمىنى چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ ،ئىجرا قىلغاندىن  كېيىن ئۈستىدىكى پۈتۈن كىتاپتىن ئىزدەش دىگەن يەرنى بېسىپ ، چىققان يېڭى كۆزنەكتىكى ئىزدەيدىغان سۆز دىگەن يەرگە  ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەش دىگەن يەرنى باسسڭىز شۇ سۆز بار بارلىق ھەدىسلەرنى چىقىرىپ بېرىدۇ . مەسىلەن تاھارەت دىگەن سۆزنى  كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز 2قىسىملىق كىتاپتىكى بارلىق تاھارەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنى چىقىرىپ بېرىدۇ . بەكمۇ قولايلىق .
 چۈشۈرۈش ئادرىسى :
 http://down.tirish.cn/DownShow.asp?SoftID=99
 مۇشۇ دىتالنى ئىشلەپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سۇنغان قېرىندىىشمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
 
[ hakikatتەرىپىدىن2010-12-21 17:17قايتا تەھرىرلەندى ]
«ھەقىقەت ( ئىسلام) كەلدى، باتىل ( كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن. بەنى ئىسرائىل81 - ئايەت
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30

ھەممىڭلارغا بۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-19 14:10

1(ھەمزە)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

سىز كۆرۈپباققانمۇ؟ ئىشەنچىلىكتۇ ھە؟
ئەتە ئۈلۈم!
ھەقىقەت بۇ قۇرئاندا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1184
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 1502 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-25
ئاخىرقى: 2011-07-15
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-19 16:31

Re:1(ھەمزە)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئىشلىتىش
引用第2楼saifulla于2010-12-19 14:10发表的 1(ھەمزە)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :
سىز كۆرۈپباققانمۇ؟ ئىشەنچىلىكتۇ ھە؟

 بۇ كىتاپ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشلىرى ئۈچۈن دوستلارغا بۇ كىتاپنىڭ كىرىش سۆزنى يوللاپ قويدۇم .

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم بارلىق ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ – سانا ئېيتىمىز. ياردەمنى پەقەت بىر ئاللاھدىنلا سورايمىز. ئاللاھدىن گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سورايمىز. ئاللاھقا شەكسىز ئىشەنگەن ھالدا تەۋەككۈل قىلىمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىشى ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ بۇ بەندە ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلسا، يول قويسا، شارائىت، پۇرسەت بەرسە، ھېچكىشى ئۇ بەندىنى ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھدىن ھىدايەت، توغرا يول سوراپلا قالماستىن، نەپسىمىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. شەيتاندىنمۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىدىن، جىننى، ئىنسى شەيتانلاردىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھنىڭ بارلىق بىرلىكىگە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، قىيامەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، ساماۋى كىتابلارغا، ئۆلگەندىن كېيىن روھ ۋە تەن جىسىم بىلەن تېرىلىشىمىزگە شەكسىز ئىشىنىمىز، ئىمان كەلتۈرىمىز. ئاللاھتائالا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ، ساھابىلار، تابىئىنلارغا، ئۇلارغا ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان مۆئمىنلەرگە رەھمەت قىلسۇن، رازى بولسۇن، جەننەتتە جامالىنى ئاتا قىلسۇن. ئامىن! بارلىق ئىشلىرىمىزنى، خىزمەتلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن، جامالى ئۈچۈن خالىس قىلىپ بېرىپ قوبۇل قىلسۇن. ئامىن! پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا، بولۇپمۇ، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاجىز، بىچارە مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ ئۆزى ئىگە بولۇپ رەھىم قىلسۇن، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھ، خاتالىق، مەئسىيەتلىرىنى كەچۈرۈپ، ئەپۇ قىلىپ، ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادەتمەنلىك ئاتا قىلىپ، ياردەم بەرسۇن، قەلبىنى ھىدايەت قىلىپ، ئىسلاھ قىلىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەقۋا مۆئمىنلەردىن قىلسۇن. ئامىن! كىرىش سۆز مەن «يالغان ھەدىسلەر توپلىمى»، «مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرى» دېگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ بولغىنىمدا، ئەمدى نۆۋەتنىڭ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»غا كەلگىنىنى ھېس قىلدىم، دوستلىرىم، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنى ھېس قىلىپ، ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى، ئاللاھنىڭ ياردىمى، شارائىت، ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن مەن بۇ خىزمەتنى داۋام قىلدىم. شەيخ ، مۇھەددىس، مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھمەھۇللاھنىڭ ،ئىمام جالالۇددىن سۇيۇتىنىڭ جامىئۇسسەغىير ناملىق كىتابىغا ئاساسەن تۈزگەن8200 سەھىھ ھەدىسلەر توپلانغان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلىشقا ئاتلاندىم. مەقسەت ، نىيەت، ئارزۇيۇم، مۇرادىم: ئاللاھنىڭ جامالى، جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە ، ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھىدايىتى، توغرا-ھەق يول تېپىشى، قۇرئاننى پەقەت مۇشۇ سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىزاھلاش، شەرھىيلەش، تەپسىرلەش. يالغانغا، زەئىپكە ئەمەس، سەھىھ، ھەسەن، راست، توغرىسىغا ئەمەل قىلىش ۋە قىلدۇرۇشتۇر. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردىكى زور بوشلۇقنى تولدۇرۇشتۇر، بىر ئايەت، بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ مۇراد – مەقسىتىمىزگە يەتكۈزسۇن، ئامىن! مەندىن كۆرۈلگەن سەۋەنلىك، خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى، كەچۈرۈشىنى مەن ئۈچۈن سوراپ، تۈزىتىپ ئوقۇپ، پىكىر – تەكلىپ، تەنقىد، تەربىيە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئەبۇ مۇھەممەد قۇرئان، ھەدىسنى تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس، تەرجىمە ، بەزى مەنىسىنى بايان قىلۇر ھەممىنى ئەمەس، قۇرئان-ھەدىس لەبزىنىڭ تەفسىرى،ئۇنىڭ بەزىسىدۇر، بەزى ئايەتنىڭ مەنىسى،توپلامدىدۇر،بىردىلا ئەمەس. بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم مۇقەددىمە سەھىھ ھەدىسلەرنى تەرجىمە قىلىشىمدىن بۇرۇن سەھىھ ھەدىس توغرىسىدا توختىلىمەن. ھەدىس تەتقىقاتى، ھەدىس ئىلمى، كىتابلىرىدىن سۆز تاللاپ يېزىپ، قانداق ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىمەن. ھەدىس ئىلمى تەتقىقات توغرىسىدا تۈزۈلگەن كىتابلار: 1. «يادلىغۇچى بىلەن راۋىيسى ئارىسىنى ئايرىغۇچى مۇھەددىس»: بۇ كىتابنى قازى ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن رامھورموز يازغان. ۋاپاتى 360 – يىلى ھىجرىيە . 2. «ھەدىس ئىلىملىرىنى تونۇش»: بۇ كىتابنى ئەبۇ نۇئەيىم ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسبىھانى يازغان. ۋاپاتى ھىجرىيە 43 – يىلى. 3. «ھەدىس ئىلىملىرىدىن مەرىپەت»: بۇ كىتابنى مۇھەممەد ھاكىم نىسابورى يازغان. ۋاپاتى 405 - يىلى، ھىجرىيە . 4. «راۋىيەت ئىلمىدىكى كۇپايەت»: بۇ كىتابنى ئەھمەد ئىبنى ئەلى خەتىيبولبەغداد يازغان. ۋاپاتى ھىجرىيە 463 – يىلى. 5. «ھەدىس سۆزلىگۈچى راۋىينىڭ ئەخلاقى بىلەن ئاڭلىغۇچىدىكى ئەدەب – ئەخلاقلار توپلىمى»: بۇ كىتابنىمۇ خەتىيبۇلبەغداد يازغان. 6. «راۋاىيەتنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇتقان نۇر»: دېگەن كىتابنى قازى ئىياز يازغان. ۋاپاتى ھىجرىيە 544 – يىلى. 7. «ھەدىس ئىلىملىرى دېگەن كىتابنى» ئوسمان ئىبنى ئابدۇرەھمان شەھرەزورى يازغان. ۋاپاتى، 643 – يىلى 8. «تەقرىيب» ناملىق كىتابنى يەھيا ئىبنى شەرپى ننەۋەۋى يازغان، ۋاپاتى 676 – يىلى، ھىجرىيە . 9. «بۇ كىتابقا تەدرىيب» ناملىق شەرھىنى جالالۇددىن ئابدۇرەھمان سۇيۇتى يازغان. بۇ مۇھەددىس، مۇپەسسىرنىڭ ۋاپاتى، 911 – يىلى، ھىجرىيە .دەل مۇشۇ كىشى بۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئاپتورىدۇر . 10. ئەسەر ئىلمىدىكى گۆھەرلەر تىزىقى، بۇ كىتابنى زەينوددىن ئابدۇرەھىيم يازغان، ۋاپاتى، ھىجرىيە 806 – يىلى. 11. «پەتھۇلمۇغىيس»نى ئىمام ساخاۋى يازغان، ۋاپاتى، ھىجرىيە 902 – يىلى. 12. «ئەسەر ئىلمىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ تاللانمىسى» دېگەن كىتابنى ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقالانى يازغان، بۇخارىنىڭ شارھى، ۋاپاتى ھىجرىيە 852 – يىلى. 13. «بەيقونىييە نەزمسنى» ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد يازغان، ۋاپاتى ھىجرىيە 1080 – يىلى. 14. «ھەدىس سۆزلەش قائىدىلىرى» دېگەن كىتابنى مۇھەممەد جامالۇددىن قاسىمى يازغان، ۋاپاتى، ھىجرىيە 1332 – يىلى. 15. ئۇندىن باشقا ھازىرقى ئالىملاردىنمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان، مەسىلەن: ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ يازغان، ۋاپاتى، مىلادى 2001 – يىلى يەنە ھەدىس ئاتالغۇلىرى ناملىق مەدىينە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرسلىك قىلىنىدىغان بارلىق ھەدىس ئىلىملىرىنىڭ خۇلاسىسى توپلانغان كىتابنى مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد تەھان يازغان، كىتابلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىسمىنىمۇ يېزىپ بولالمايمەن، بولۇپمۇ ھازىرقى تەرەققىي قىلغان پۇرسەت ۋە ماتېرىياللار تولۇق بولغان، كومپيۇتېر دەۋرىدە، كومپيۇتېر دىسكىسى، پلاستىنكىسى ۋە تور بەتلىرىدىكى ماتېرىياللارنى ئىككى – ئۈچ ئۆمۈردىمۇ ئوقۇپ بولالمايمىز، ئاللاھقا چەكسىز شۈكرى. مەن ھازىر ئەنە شۇنداق كىتابلاردىن سەھىھ ھەدىسلەر توغرىسىدا سۆز تاللاپ يازىمەن. ئەڭ ئىشەنچىلىك سەھىھ، توغرا بولغىنى، ھەقىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئاغزى بىلەن دېگەن ، قىلىقى بىلەن قىلغان، ئىشەنچىلىك ھەدىس مۇتىۋاتىردۇر. يەنى بىزگە؛ قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش ئىشەنچىلىك ھالدا يېتىپ كەلگەن ھەدىس. كۆپ جايلاردىكى كۆپ كىشىلەر ئوخشاش سۆزلىگەن، ئوخشاش خاتىرىلىگەن، ئۇلارنىڭ يالغانغا ئىتتىپاققا كېلىۋېلىشى، ئالدىن دېيىشىۋېلىشى زادى مۇمكىن ئەمەس، خۇددى پۈتۈن مەملىكەتلەردە بىردەك بەرگەن خەۋەردەك، بارلىق مۇسۇلمان، غەيرى مۇسۇلمانلار بىردەك، چىڭگىزخان، مۇسۇلمانلارنى باغداتقىچە تاجاۋۇز قىلىپ قىرغان زالىم. گىتلېر يەھۇدىيلارنى قىرغان دېگەندەك خەۋەر. يۇقىرىقى مۇتىۋاتىر ھەدىسكە بىر مىسال: « رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئۆتۈككە مەسىھ قىلغان» ھەسەن بەسەرى رەھمەھۇللاھ بۇ خەۋەر بۇ ئەسەر، بۇ ھەدىس 70 ساھابىنىڭ ئاغزىدىن ئوخشاش، بىردەك سۆزلەنگەن دېدى. مۇتىۋاتىر ھەدىس، قۇرئان ئايىتىگە ئوخشاش بولۇپ، تانغۇچى كاپىر بولىدۇ، بۇنداق ھەدىسلەر سۇيۇتىنىڭ قۇتۇپۇلئەزھار، ئىمام كەتتانىنىڭ نەزمۇلمۇتەناسىر مىن ھەدىسى مۇتىۋاتىر دېگەن كىتابلاردا توپلانغان. ئاندىن قالسا، مەشھۇر ھەدىس، بۇ خىل ھەدىس مۇتىۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئەمما، ئۈچدىن كۆپ كىشىلەر بىردەك ئوخشاش سۆزلەيدۇ. لېكىن، بۇ مەشھۇر ھەدىستىن، ئىككىلا كىشى ئىككى ئىسناد، ئىككى راۋىيدىن سۆزلەنگەن ئەزىز ھەدىستىن، راۋىيسى باشتىن – ئاخىرى بىرلا بولغان غەرىيپ ھەدىسلەردىن، سەھىھ ھەم ھەسەن، ھەم زەئىپ، ھەتتا يالغانلىرىمۇ بولىدۇ. مەلۇم يالغان سۆز، كەڭ تارقاپ كەتسە، تىلدىن – تىلغا كۆچۈپ يۈرسە، مەشھۇر بولىۋىردۇ، خۇددى مەشھۇر شەخسلەردە ، پەيغەمبەر، ساھابە، تابىئىن، ئەۋلىيالار، شۇنداقلا كاپىر، دىنسىز زالىملارمۇ بولغاندەك، شەيتانمۇ ھەممە كىشىگە مەشھۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن، مەشھۇر، ئەزىز غەرىيپ ھەدىسلەرنىڭ سەھىيسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ، مەشھۇر ھەدىسلەرگە ساخاۋىينىڭ مەقاسىد دېگەن كىتابى، شەيبانىنىڭ تەمىييىز دېگەن كىتابلىرى بار. ھەقىقى سەھىھ ھەدىس، يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئاغزى بىلەن دېگەن ياكى ئۆزى قىلغان، راست، توغرا، سەھىھ ھەدىس دېگەن ، ئىسنادى تۇتاشقان بولۇش، يەنى ھەدىسنى يازغان، بۇخارى، مۇسلىمدەك، كاتىپدىن باشلاپ ئۇنىڭ شەيخ ، ئاندىن شەيخنىڭ ئۇستازى ئاندىن ئەتىبائ، ئاندىن تابىئىن، ئاندىن ساھابە، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ، مۇنداق قىلغان دېگەن ھەدىس، كاتىپدىن باشلاپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە يۆلەنگەن يول، ئىسناد تۇتاشقان بولۇش لازىم، ئەگەر ئىسناددىن ساھابە ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇ چاغدا ھەدىس مۇرسەل زەئىپ بولىدۇ. تابىئىن ياكى كېيىنكى راۋى ئۈزۈلۈپ قالسا، مۇنىقەتىئ مۇئزەل زەئىپ دېيىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىس ئىشەنچىلىك ئىتېماتلىق كىشىلەرگە زىت، خىلاپ رىۋايەت قىلىنسا، بۇ ھەدىسنى شاز زەئىپ دەيمىز. ھەدىسنىڭ سەھىلىكى توغرىىسدا ئىللەت، ئەيىب بولماسلىقى، سۆز قىلىنماسلىقى لازىم، ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى، مۇسۇلمان بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىللىق بۇلىشى، پاسىق، پاجىر ئەمەس، ئادىل، تەقۋا بولۇشى شەرت ، مۇكەممەل، كامىل، پۇختا يادلاش ، قابىلىيىتى بولۇش، ئېلىشىپ قالماسلىق لازىم. ھەدىسنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن، بەش شەرت لازىم. 1. كاتىبدىن باشلاپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە ئىسناد يولى تۇتاشقان بولۇش. 2. راۋىيلار ئىشەنچىلىك، تەقۋا، ئادىل بولۇش. 3. پۇختا، مۇكەممەل يادلاش . 4. ئىللەت، تەنە تېپىلماسلىق. 5. ئىشەنچىلىك كىشىلەرگە زىت، خىلاپ بولماسلىق، مۇشۇ بەش شەرتنىڭ بىرەرسى تېپىلمىسا، ئۇ چاغدا ھەدىس، سەھىھ بولمايدۇ. مەسىلەن: كاتىپ، مۇھەددىس ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئابدۇللاھ ئىبنى يۈسۈپ، ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ دەيدۇكى: بىزگە مالىك ئىبنى شىھابىددىن خەۋەر قىلدى، ئۇ جۇبەيىر ئىبنى مۇتىئىمدىن دادىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شام نامىزىدا سۈرە تۇرنى ئوقۇغىنىنى ئالغان ئىدىم. مانا بۇ ھەدىس سەھىھ، چۈنكى، كاتىپ بۇخارى رەھمەھۇللاھدىن باشلاپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە يۆلەنگەن، تۇتاشقان، يول ئۈزۈك ئەمەس، راۋىيلىرى ئادىل، تەقۋا، ئىشەنچىلىك، بۇخارى رەھمەھۇللاھ مۇكەممەل، پۇختا يادىلايدۇ، سەھىھ، ئىشەنچىلىك ھەدىسكە ياكى كىشىلەرگە زىت، خىلاپ ئەمەس. مانا مۇشۇنداق سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش، ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىش، بارلىق ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىجمائقا، ئىتتىپاققا كېلىشى بىلەن ۋاجىپتۇر. ئۇ شەرىئەت، ئىسلام قانۇن – پرىنسىپ ، مەنبەلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ، ئەقىدە، ئەھكام، ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدە ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدۇ. ئالىملار، بۇ ھەدىس سەھىھ دېگەن بولسا، ئۇ ھەدىسنىڭ يۇقىرىقى شەرتلىرى مۇكەممەل، توشقان بولىدۇ، سەھىھ ئەمەسلىكىگە ھېچبىر ئىللەت يوق. ئەگەر بۇ ھەدىس، سەھىھ ئەمەس دېسە، يۇقىرىقى بەش شەرت توشمىغان بولىدۇ. بارلىق ھەدىس ئىماملىرى، فىقھى ئىماملىرى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان مۆئمىنلەر، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن قالسا، سەھىھۇلبۇخارى بىلەن مۇسلىم ئەڭ ئىشەنچىلىك، سەھىھ دەپ ئىتتىپاققا كەلدى ۋە قوبۇل قىلىپ، ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىپ، ئەمەل قىلدى. بۇخارى رەھمەھۇللاھنىڭ، مەن بۇ كىتابىمغا سەھىھ بولغانلىرىنى كىرگۈزدۈم، نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرنى كىتابنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدۇرۇپ قويدۇم دېگەن سۆزى. مۇسلىم رەھمەھۇللاھنىڭ، مەن كىتابىمغا مىنىڭ نەزلىمدە سەھىھ بولغىنىنى ئەمەس، بارلىق كىشىلەر سەھىھ دەپ ئىتتىپاققا كەلگىنىنى يازدىم دېگەن سۆزىگە، شۇنداقلا، بۇخارى رەھمەھۇللاھ، مەن قالدۇرغان سەھىھ ھەدىسلەر نۇرغۇن، مەن سەھىھ ھەدىستىن 100000نى سەھىھ بولمىغاندىن 200000نى يادا ئالدىم دېگەن ، سۆزىگە قارىغاندا، سەھىھ ھەدىسلەر بۇ ئىككى كىتاب بىلەن تۈگەپ كەتمىگەن، يەنە باردۇر. بۇخارىدا تەكرار بىلەن 7275 ھەدىس بولۇپ، تەكرارنى ئېلىپ تاشلىغاندا، 4000 ھەدىس قالىدۇ، ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا ئىسنادى يۆلەنگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى تەكرارسىز 2602 – ھەدىس دېگەن ، يەنى بۇخارىدا تەكرارسىز 2602سەھىھ ھەدىسلەر بار دېگەن . مۇسلىمدا تەكرار بىلەن 12000 تەكرارسىز 4000 ھەدىس باردۇر، بۇخارى، مۇسلىمدىن قېلىپ قالغان سەھىھ ھەدىسلەر مۇنۇ كىتابلاردا باردۇر. ئىبنى خوزەيمە، ئىبنى ھەببان، ھاكىم مۇستەدرەك، نەسەئى، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، دارىقۇتنى، بەيھەقى، ئەھمەد، مالىك مۇئەتتا، مۇسنەد شافىئى، مۇسنەد ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەھۇللاھ قاتارلىقلار. ئەمما، بۇ كىتابلارنى قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قاتتىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن: ھاكىم مۇستەدرەكنى ئىمام زەھەبى رەھمەھۇللاھ تەكشۈرۈپ، ھەربىر ھەدىسكە ئۆزىگە لايىق، باھا ھۆكۈملەرنى بەرگەن، 4/1نى زەئىپ دەپ 100 يالغان ھەدىس بار دېگەن . ھاكىم مۇستەدرەككە قارىغاندا، ئىبنى ھەبباننىڭ سەل قارىشى كەمرەك، بۇ سەھىيرەك، ئاندىن يۇقىرىقى ئىبنى خۇزەيمە، بۇ كىشى قاتتىق تەكشۈرگەچكە، شەرتنى چىڭ، قاتتىق قويغاچقا، سەھىيرەك ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ سەھىھ، ئىسناد؛ سەھىھ سەھىيدىن كەلگىنى، مەسىلەن: مالىكدىن ناپىئدىن، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى كەلگەن ھەدىس، چۈنكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ساھابە، ناپىئ ئۇنىڭ خادىمى ئىمام مالىكنىڭ شەيخىدۇر ، ئاندىن قالسا، ھەمماددىن، سەلمەددىن، سابىتدىن، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى سۆزلەنگەن، تۆت كىشى سۆزلىنىدۇ، ئاندىن سۇھەيلىدىن، ئەبۇ سالىھدىن دادىسىدىن، ئەبۇ ھۈرەيرەدىن سۆزلەنگەن ھەدىس، ئاندىن كېيىنكىسى بولسا، ئىسناد، راۋىيلىرى كۆپ بولسىمۇ شەرتكە توشقانلىرىدۇر. ئەڭ ئىشەنچىلىك مۇتىۋاتىر ھالدا كەلگەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن قالسا، بۇخارى رەھمەھۇللاھ بىلەن مۇسلىم ئىتتىپاققا كەلگەن ئۈنچە – مارجانلارنىڭ ھەدىسىدۇر. بۇ، 1906دۇر. ئاندىن قالسا، بۇخارىينىڭ، ئاندىن مۇسلىمنىڭ، ئاندىن بۇ ئىككى كىشىنىڭ شەرتىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن سەھىھ كىتابلار، ھازىر ئالىملار شەيخ ئىماملار، سەھىھ ھەدىسلەرنى توپلاپ، «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» دېگەن ، نام بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. مانا ھازىر بىز بۇخارى، مۇسلىمدەك سەھىھ ھەدىسلەر توپلانغان بارلىق سەھىھ ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. ئومۇمىي سانى 8200دىن ئاشىدۇ. سەھىھ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ئاتالغۇسى، ھەسەن، بۇ خىل ھەدىسنى ئىمام خەتتابى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ، كېلىش ئورنى ئېنىق بولغان، راۋىيسى، ئەرلىرى، مەشھۇر بولغان، كۆپىنچە ھەدىس ئالىملىرى قوبۇل قىلغان، بارلىق فىقھى ئالىملىرى ئىستېمال قىلىپ، دەلىل قىلغان، ھەدىسلەر ھەسەن بولىدۇ، تىرمىزى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ: ئىسنادى تۇتاش ھالدا سۆزلەنگەن، راۋىيلىرى ئارىسىدا يالغانچى دەپ ئەيىبلەنگەن كىشى بولمىغان، ئىشەنچىلىك، ئادىل، تەقۋالارغا خىلاپ، زىت بولمىغان، باشقا يوللاردىنمۇ شۇنداق خاتىرىلەنگەن ھەدىس ھەسەندۇر. ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى مۇنداق دەيدۇ: ئىسناد يولى تۇتاش، ئادىل، تەقۋا، يادلاش قابىلىيىتى كامىل، راۋىيلار سۆزلىگەن، ئىللەت يوق، خىلاپلىق، زىتلىق بولمىغان. يەنى يۇقىرىقى بەش شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن، ھەدىسلەر سەھىھ لىزاتى بولىدۇ. ئەگەر يادلاش قابىلىيىتى سەل تۆۋەن بولسا، ئۇ چاغدا ھەدىس ھەسەنۇللىزاتى دېيىلىدۇ . ھەسەن ھەدىسنى تونۇشتۇرۇشدا، ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى تاللاندى، يەنى يادلاش قابىلىيىتى سەل تۆۋەنرەك بولغان، قالغان شەرتلەر سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان ھەدىستۇر. ھەسەن ھەدىسنىڭ ھۆكمى سەھىھ ھەدىسكە ئوخشاشتۇر، ئەمەل ۋە ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدۇ، بارلىق فىقھىشۇناس ئالىملار بۇ خىل ھەدىسنى دەلىل، ھۆججەت قىلدى. «جەننەتنىڭ ئىشىك ئاچقۇچى قىلىچ سايىسى ئاستىدا »دېگەن ھەدىسنى تىرمىزى ھەسەن دېگەن . تۆت راۋىيسى ئىشەنچىلىك، كامىل، ھاپىز دېگەن ، جەئفەر ئىبنى سۇلەيمان دېگەن كىشىنىڭ ھەدىسى، ھەسەن دەرىجىلىك ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، سەھىھ مەردىبىسىدىن ھەسەنگە چۈشكەن. ئەگەر تىرمىزى رەھمەھۇللاھ، بىر ھەدىسنى ھەسەن ھەم سەھىھى دېگەن بولسا، بۇ خىل ئاتالغۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئەڭ ياخشى جاۋاب، ئىبنى ھەجەرنىڭ جاۋابى، بۇ جاۋابقا ئىمام سۇيۇتى رازى بولغان، ئۇ بولسىمۇ، ھەدىسنىڭ ئىككى ئىسنادى بولۇپ، بىرسى سەھىھ بولسا، يەنە بىرسى ھەسەن دەرىجىلىك، ئەگەر بىرلا ئىسنادى بولسا، بەزى قەۋمنىڭ نەزلىدە سەھىھ بولسا، يەنە بىر قەۋمنىڭ نەزلىدە ھەسەن بولىدۇ دېگەن . بەغۋىي مەسابىھنىڭ ھەدىسلىرىنى تەقسىم قىلىشتا مۇنداق دېگەن ، بۇخارى مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرىنى سەھىھ دېگەن . نەسەئى، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجەنىڭ ھەدىسلىرىنى ھەسەن دەۋەتكەن، بۇ بارلىق مۇھەددىس، ئىماملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، خاتا ئاتالغۇ بولغان، چۈنكى، بۇ تۆت كىتابدا سەھىھ ھەم ھەسەن، زەئىپ، مۇنكەر، ھەتتا ئاز – تولا يالغان ھەدىسلەرمۇ باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبنى سىلاھ بىلەن ئىمام نەۋەۋى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: مەسابىھ دېگەن كىتابنى ئوقۇغان ئادەم چوقۇم ھەدىس ئىلمىنى بىلىشى لازىم. ھەدىس ئاتالغۇلىرى دېگەن پەندىن خەۋىرى بولۇشى لازىم دېگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن، مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ باش تەرىپىگە شەيخ ، مۇھەددىس، دىھلىۋنىڭ ھەدىس ئىلىملىرى كىرگۈزۈلگەن، لېكىن، بىزنىڭ تۈرۈك، جاھىل، موللىلىرىمىز بۇ ئىلىمدىن خەۋىرى يوق، ھەتتا كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنىمۇ قويۇپ، نەخ ھەدىسنىلا ئوقۇتىدۇ، ئوقۇغۇچىلار زەئىپ ھەدىس، يالغان ھەدىسلەرنى ئايرىيالماي گاڭگىرايدۇ، ھەدىسكەنغۇ دەپلا ئېتىقاد ۋە ئەمەل قىلىپ ئازىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ پەنگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. شەيخ ئەلبانى رەھمەھۇللاھ، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ، مىشكاتنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرىنى ئايرىپ بەرگەن، مەن ئۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بولغان، نەشىر قىلىندىغۇ دەيمەن. ھەتتا، مەخسۇس مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ يالغان ھەدىسلىرى ناملىق كىتابلار بار، بۇ خىل يالغان ھەدىسلەرنى بىز يالغان ھەدىسلەر توپلىمىدا يېزىپ بولغان، 20دىن ئاشىدىغۇ دەيمەن. مىشكاتتا زەئىپ، مۇنكەر، يالغان بولۇپ، 830 ھەدىسنى زەئىپ ھەدىسلەر قاتارىدا تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدۇق، مانا ئەمدى، خاتىرجەم ئوقۇڭلار، لېكىن، شۇ كىتابنى ھەمراھ قىلىش شەرتتۇر. ھەسەن ھەدىسلەر توپلىمىغا مەخسۇس كىتاب تۈزۈلمىگەن، چۈنكى، بۇ خىل ھەدىس، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن، تىرمىزىيدا بۇ خىل ھەدىس كۆپتۇر، تىرمىزى رەھمەھۇللاھ ئالاھىدە ھەسەن دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئەبۇ داۋۇد، دارىقۇتنىلاردا ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسلەر كۆپتۇر، قالغان ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسلەر مۇشۇ كىتابىدا سۆزلىنىدۇ. ھەسەن ھەدىس يوللىرى كۆپىيىپ، كۈچلىنىپ، ئۆزىدىن كۈچلۈك يەنە بىر يولدىن خاتىرىلىنىپ، باشقا ھەدىسنىڭ ياردىمىدە سەھىھۇلغەيرى دېگەن نامغا كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ خىل ھەدىس، ھەسەن ھەدىسدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. مۇرسەل، مۇئەللەق دېگەن زەئىپ ھەدىسلەر يوللىرى ئىسنادى كۆپىيىپ، كۈچلىنىپ، زەئىپلىك سەۋەب، ئىللەتلىرى يوقاپ، ھەسەنۇللىغەيرى دېگەن ئۇنۋانغا كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ خىل ھەدىس، سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ئەمما، يەنىلا مەقبۇل، قوبۇل قىلىنىپ ئەمەل ۋە ھۆججەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى تامام بولدى. ئەمدى بىز ناسىخ، مەنسۇخ ھەدىسلەرنى سۆزلەپ ئاندىن شەيخ ، مۇھەددىس، مۇھەممەد ئىبنى سالىھ، ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھنىڭ، ھەدىس ئىلمى تەتقىقات كىتابىدىن سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەر توغرىسىدا سۆز تاللاپ يازىمىز. ناسىخ، مەنسۇخ دېگىنىمىز : ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ مەلۇم ھېكمەتتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەنە بىر ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەمەلدىن قالغىنى مەنسۇخ، كۈچكە ئىگە، ھۆكۈم، ناسىخ دېيىلىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال، قۇرئان، ھەدىسلەردە بار بولۇپ، بارلىق ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن، مەخسۇس قۇرئان كەرىمنىڭ ناسىخ، مەنسۇخلىرى، ھەدىسلەرنىڭ ناسىخ، مەنسۇخلىرى ئۈچۈن كىتابلار يېزىلغان. بۇ كىتابلار تەپسىر، ھەدىس پلاستىنكىلىرى ۋە شۇ كىتابلاردا مەۋجۇتتۇر. ھەدىسنىڭ ناسىخ، مەنسۇخلىرى مۇنداق تونۇلىدۇ. 1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن تونۇلىدۇ. مەسىلەن: مىئراج ھەدىسىدە 50 ۋاخ ناماز، بەش ۋاخ نامازغا چۈشۈرۈلگەن، قۇربانلىقنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېيىشتىن توسۇپ، كېيىن رۇخسەت قىلغان، بىر قىسىم قاچا، كۆزىلاردا ئىچىملىك، سۇ ئىچىشدىن توسۇپ، كىيىن رۇخسەت قىلغان، قەبرىنى زىيارەت قىلىشدىن توسۇپ، كېيىن ئەرلەرگە رۇخسەت قىلغان، قىبلىنى مەككىگە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار. 2. ساھابىلەر سۆزى بىلەن تونۇلىدۇ. مەسىلەن: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇنجى قېتىم ئوت تەگكەن كاۋابدەك نەرسىنى يېسە، تاھارەت ئالاتتى، كېيىن، تەرك ئەتتى، يەنى كېيىن تاھارەت ئالمىغان دېگەندەك ، بۇ خىل ئەھۋاللاردا بىز كېيىنكى ئىشلارغا ئەمەل قىلىمىز. 3. تارىخ بىلەن تونۇلىدۇ، كېيىنكىسى كۈچكە ئىگە، مەسىلەن: شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە قان ئالغان، قان ئالدۇرغان كىشى ئىپتار قىلغان بولۇپ، روزىسى سۇنىدۇ دېگەن . ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامزان ئېيىدا ئېھرام باغلاقلىق ھالدا قان ئالدۇرغان، شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى، مەككىنى ئىشغال قىلغان ۋاخ بولۇپ، ئىبنى ئابباسنىڭ ھەدىسى، ھەججەتۇل ۋىدادا كېيىن دېيىلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى مەنسۇخ بولىدۇ، خۇددى ئات گۆشىنى يېيىشتىن توسقان دېگەن ھەدىسنى، بۇخارى، مۇسلىمنىڭ مۇتتەپەقۇن ھەدىسى بىلەن يەنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغان ھەدىسى بىلەن ئەبۇ داۋۇد مەنسۇخ دېگەندەك . 4. ئىجمائ بىلەنمۇ مەنسۇخ ئايرىلىدۇ. مەسىلەن: تۆتىنچى قېتىم ھاراق ئىچكەن كىشىنى ئۆلتۈرۈڭلار دېگەن ، ھەدىس ساھابىلەر، تابىئىنلار ئىجماسى بىلەن مەنسۇخ قىلىنىپ ھېچبىر ھاكىم بۇ ھەدىس بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان، نەۋەۋى رەھمەھۇللاھ بۇ مەنسۇخ دېگەن ، ئىجمائ، ناسىخ، مەنسۇخ بولمايدۇ. لېكىن، ناسىخقا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ناسىخ مەنسۇخنى ئايرىپ بىرىدۇ. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ ھەدىس ئاتالغۇسى دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: مۇتىۋاتىر ھەدىس، يالغانچىلىققا ئىتتىپاقلىشىۋېلىشى مۇمكىن بولمىغان، دېيىشىۋېلىش مۇمكىن بولمىغان، جامائەت ھېسسىي ئىسناد بىلەن يەنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم بىلەن سۆزلىگەن ھەدىستۇر. ھەدىس قۇددۇس، ھەدىس ئىلاھى، رەببانى دېگەن ھەدىس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئاللاھ مۇنداق دېدى دېگەن ھەدىستۇر. بۇ خىل ھەدىسنىڭ مەردىبىسى قۇرئان كەرىمدىن تۆۋەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى لەۋزەن، مەئنەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپ قىلىنىدۇ، ھەدىس قۇددۇس بولسا، مەنىسى ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىدۇ، لەۋزنى بولسا، يەنىلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىس قۇددۇس لەۋزى بىلەن تىلاۋەت قىلىنىپ، ئىبادەت قىلىنمايدۇ، نامازدا قىرائەت قىلىنمايدۇ. قۇرئاندەك مۇتىۋاتىر ھالدا خاتىرىلەنمەي، بەلكى،ئۇنىڭدىن مۇتىۋاتىر، سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ، مۇنكەر، ھەتتا يالغانلىرىمۇ بولىدۇ، ھەدىسنىڭ لەۋزى، مەنىسى كۆپ جامائەتتىن مۇتىۋاتىر ھالدا، سۆزلەنسە، بۇ لەۋزەن ۋە مەئنەن مۇتىۋاتىر بولىدۇ، ئەگەر مەنىسى بىر لەۋزى ھەرخىل بولسا، مۇتىۋار مەئنىۋى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش، ھەدىسى، ماڭا يالغاننى توقۇغان، ئادەم دوۋزاخدىن ئورۇن ئالسۇن دېگەن ، ھەدىسلەر مۇتىۋاتىر 60دىن 70 گىچە كىشى سۆزلىگەن، دۇئادا قول كۆتۈرۈش بولسا، مۇتىۋاتىر، مەئنەن بولىدۇ، مەنىسى بىر خىل لەۋزى ھەرخىلدۇر.
«ھەقىقەت ( ئىسلام) كەلدى، باتىل ( كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن. بەنى ئىسرائىل81 - ئايەت
ھەقىقەت بۇ قۇرئاندا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1184
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 1502 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-25
ئاخىرقى: 2011-07-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-19 16:32

داۋامى :
مەشھۇر، ئەزىز، غەرب ھەدىسلەرنى يۇقىرىقىغا ئوخشاش تونۇشتۇرغان، ئەمەللەر، نىيەت بىلەن دېگەن ھەدىسنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلقەمەتدىن، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تەيمىدىن، يەھيا قاتارلىقلار سۆزلىگەن بولۇپ، باشتىن – ئاخىر بىرلا راۋىيى سۆزلىگەن بولغاچقا، غەرب ، لېكىن، ئۆزى سەھىھ دېگەن ، مانا بۇ غەرىيپ، سەھىھ. مەشھۇر، ئەزىز، غەرب ھەدىسلەردىن سەھىھ، زەئىپ، ھەسەن، ھەتتا يالغانلىرىمۇ بولىدۇ، بۇنى بىز سۆزلەپ بولدۇق. سەھىھ لىزاتى، سەھىھ لىغەير ھەسەن لىزاتى، ھەسەن لىغەير دېگەن ھەدىسلەرنى يۇقىرىقىغا ئوخشاش بايان قىلغان، زەئىپ ھەدىسنى بولسا، سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەرنىڭ شەرتلىرى توشمىغان ھەدىس دېگەن . ئوقەيلى، ئىبنى ئەدى، خەتىيبولبەغداد، ئىبنى ئەساكىر، دەيلىمى پىردەۋىس، ھاكىم مۇستەدرەك، ئىبنى جارۇد قاتارلىق كىتابلارنى زەئىپ دېگەن . زەئىپ ھەدىسلەر توغرىسىدا «مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرى» دېگەن كىتابىمدا تەپسىلى سۆزلىگەنمەن، ئالدى بىلەن يالغان ھەدىسلەر توغرىسىدا ئاندىن زەئىپ، ئاندىن سەھىھ ھەدىسلەر توغرىسىدا سۆزلىدىم. بۇ ئۈچ مۇقەددىمىنى بىرلەشتۈرسە، ھەدىس ئىلمى تەتقىقات كىتابى، ھەدىس ئاتالغۇلىرى تولۇق سۆزلىنىپ بولىدۇ. ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ، كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا مۇنداق دېگەن: مەرپوئ ھەدىس دېگەن ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۆزى، قىلىقى، جىم تۇرۇپ ئىقرار قىلىشى بىلەن مەنسۇپ قىلىنغان ھەدىستۇر. مۇنداق دېگەن ، مۇنداق قىلغان، مۇنداق قىلساق، جىسىم تۇرغان ياكى بىز شۇ زاماندا مۇنداق قىلاتتۇق. بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلگەن، بىلىپ توسىمىغان دېگەندەك ھەدىسلەر. ساھابىلارنىڭ بۇ ئىش سۈننەت دېيىشى ، ياكى بىز مۇنداق بۇيرۇلغان، بۇنىڭدىن چەكلەنگەن دېگەن سۆزى ياكى ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەرپوئ قىلىپ ئۆزى سۆزلەپ كېتىشى، ھۆكمەن مەرپوئ دېيىلىدۇ . ساھابىلارنىڭ ئۆزى ئۆز كۆز قارىشىدىن سۆزلىگەن، قىلغان ئىشى، تەپسىرلىرى ھەدىس مەۋقۇپ دېيىلىدۇ، بىر قىسىم تەپسىرلەر مەرپوئلۇق ھۆكمىدە بولىدۇ. تابىئىنلارنىڭ سۆزى، قىلىقى ھەدىس مەقتۇئ دېيىلىدۇ . ساھابە دېگەن ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇسۇلمان ھالدا تاپقان، بىرلەشكەن، كۆرۈشكەن، مۆئمىن ھالدا كۆرۈپ ئىمان ئۈستىدە ئۆلگەن كىشىدۇر. نەججاشىيدەك كۆرمەي تۇرۇپ، ئىمان كەلتۈرسە، ساھابە بولالمايدۇ. چۈنكى، ھەمراھ بولالمىغان، لېكىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن سۆزلىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى دېگەن سۆزلەر ھەدىس بولىدۇ. مۇرتەد بولۇپ، ئىماندىن قايتىۋالغان كىشىلەر ساھابە ھېسابلانمايدۇ، ساھابىلەر تەخمىنەن 114000 دىن ئاشىدۇ، ھەممىسى ئادىل، ئىشەنچىلىك كىشىلەردۇر. ساھابىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكىنى بولسا، ئامىر ئىبنى ۋاسىلەت لەيسى بولۇپ، مەككىدە ھىجرىيە 110 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن، مەدىينىدە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن ساھابە مەھمۇد ئىبنى رەبىيئۇلئەنسارى، ھىجرىيە 99 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن، ۋاسىلەت ئىبنى ئەسقەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، شامدا ئەڭ ئاخىرىدا ھىجرىيە 86 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن، ئابدۇللا ئىبنى بۇسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيە 96 – يىلى ھىمسىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئەنەس ئىبنى مالىك ئەنسارى بەسرەدە ئەڭ ئاخىرىدا ھىجرىيە 93 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ چاغدا ئەبۇ ھەنىيفە 13 ياشتا ئىدى. بەزىلەر ئەبۇ ھەنىيفە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرگەن، تابىئىن دېيىشىدۇ ، ئىمام مالىك رەھمەھۇللاھ بولسا،ئۇچاغدا بىر ياشتا ئىدى، چۈنكى ئۇ، ھىجرىيە 94 – يىلى تۇغۇلغان، ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇ ئەۋپارەز ھىجرىيە 87 – يىلى كۈپىدە ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن ساھابە. ئابدۇللا ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھىجرىيە 89 – يىلى مىسىردا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاخىرقى ساھابە. خۇلاسە كالام شۇكى، 110 - يىلدىن باشلاپ ساھابە قالمىغان، شۇ يىلى ئاخىرلاشقان، كىم ئۇندىن كىيىن ساھابىلىق داۋاسى قىلسا، ياكى مەن ساھابىدىن ئاڭلىغان دېسە، ئۇ كاززاپ، يالغانچى ھېسابلىنىدۇ،خۇددى روتنى كاززاپدەك، بۇنىڭغا سەھىھ ھەدىس دەلىلدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپاتىدىن بىر ئاي بۇرۇن، 100 يىل توشقاندا، يەر يۈزىدە ھايات تۇرغان كىشىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ دېگەن . مۇسلىم خاتىرىلىگەن، سەھىھ ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنىڭ دەلىلى بىلەن، خىزىر ئەلەيھىسسالام ھايات دېگەنلەرگە قاتتىق رەددىيە بېرىلگەن ، ۋە ئۇ توغرىلىق ھەدىسلەر يالغان دېگەن ، راۋىي ساھابىنى تىلغا ئالمىسا، ھەدىس ئىسنادى، يولى ئۈزۈك، زەئىپ بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ھەدىس سۆزلىگەن ساھابىلەر. 1. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەدىسى 5374. 2. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەدىسى 2630. 3. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەدىسى 2286. 4. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھەدىسى 2210. 5. ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەدىسى 1660. 6. جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەدىسى 1540. 7. ئەبۇ سەئىدىلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەدىسى 1170. ھەدىسى ئاز بولۇشنىڭ سەۋەبى، بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىش، ھەمزى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك، ياكى خەلىپە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك، ياكى ھەر ئىككى سەۋەب بولۇش ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىككى يىل كېيىنلا، شۇنداقلا مەشغۇللىقى كۆپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىسلىرى ناھايىتى ئازدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتۈرۈپ ئۇچقاشمىغان، كۆرۈشمىگەن كىشى مۇخىزەرىم دېيىلىدۇ . ساھابە بىلەن تابىئىن ئارىسىدا تۇرىدۇ، بەلكى، چوڭ تابىئىنلار قاتارىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ سانى 40دىن ئاشىدۇ، ھەدىسلىرى مۇرسەل قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. تابىئىن بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتۈرگەن مۆئمىن ھالدا، ساھابىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئىمان ئۈستىدە ئۆلگەن كىشىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئەتبائ دېيىلىدۇ . تابىئىنلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، سانى ئېنىق ئەمەس، بۇلار چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك دەپ ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن: سەئىيد ئىبنى مۇسەييىب رەھمەھۇللاھ، ئۇرۋەت، ئەلقەمەت، ئىبنى قەيىسلار چوڭ، ھەسەن بەسرى، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىين، مۇجاھىد ئىكرىمەت، قەتادە، شۇئىبى، زۇھەيرى، ئەتائ، ئومەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، سالىم ئىبنى ئابدۇللائىبنى ئۆمەرلەر ئوتتۇرانجى تابىئىنلاردۇر. ئىبراھىم نەخئى يەنى ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ شەيخى ، ئەبۇ زەناد يەھيا ئىبنى سەئىدلەر كىچىك تابىئىنلار. ئەنە شۇلار سەلەپ سالىھلاردۇر. ئەھلى سۈننى ۋەلجامائەلەر ئەقىدىسىدە ئىشەنچىلىك ئادىل تەقۋادار كىشىلەر، ۋەھى زامانىسىغا يېقىن كىشىلەردۇر. ئۇلار تائىپەتۇممەنسۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەدىسنى تەتقىق قىلماقچى بولسىڭىز، نەسەب ، لەقەم، سۈپەت، ئىسىم، كىنايە، ۋەتەن، جاي، قەبىلىسىنى بىلىشدىن باشقا، مۇنداق تارىخلارنى بىلىشىڭىز شەرت ، ئاددىي بىر مىسال: 1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 63 يېشىدا ھىجرىيە 11 – يىلى رەبىئولئەۋۋەلنىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە، چاشكا ۋاقتى بىلەن ۋاپات بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئوڭۇمدا، ئەمەلىيەتتە كۆردۈم دەپ ساھابىلىق داۋاسى قىلغان كىشى كاززاپ، يالغانچى بولىدۇ. 2. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، 63 يېىشدا، ھىجرىيە 13 – يىلى ۋاپات بولغان. 3. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھىجرىيە 23 – يىلى ھەج ئېيىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. 4. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھىجرىيە 35 – يىلى 82 ، يەنە بىر خاتىرىدە 90 يېشىدا شېھىت قىلىنغان. 5. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھىجرىيە 40 – يىلى 63 يېشىدا رامزان ئېيىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ شېھىت بولغان. ھەكىيم ئىبنى ھىزام، ھەسسان ئىبنى سابىتلار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، 60 يىل جاھالىيەتتە، 60 يىل ئىسلامدا ياشاپ، 120 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، ئىككى ساھابە، ھىجرىيە 54 – يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان. ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەھۇللاھ، ھىجرىيە 80 - 150 – يىلى ۋاپات بولغان. مالىك ئىبنى ئەنەس رەھمەھۇللاھ، ھىجرىيە 93- 179 – يىلى ۋاپات بولغان. مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئى رەھمەھۇللاھ، ھىجرىيە 150- 204 ۋاپات بولغان. ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل رەھمەھۇللاھ، ھىجرىيە 164 – 241 ۋاپات بولغان. بۇ تۆت ئىمامنىڭ تارىخىي تەپسىلاتى تۆت فىقھى كىتابلاردا بار. مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارى 194 – 256 - ھىجرىيە . مۇسلىم ئىبنى ھەججاج نىيسابورى رەھمەھۇللاھ، 204 – 261 - ھىجرىيە . ئەبۇ داۋۇد سەجسەتانى رەھمەھۇللاھ 202 – 275 - ھىجرىيە . ئەبۇ ئەيسا تىرمىزى رەھمەھۇللاھ 209 – 279 - ھىجرىيە . ئەھمەد ئىبنى شۇئەيىب نەسەئى رەھمەھۇللاھ 2124 – 303 - ھىجرىيە . ئىبنى ماجە قوزۋىينى رەھمەھۇللاھ 207 – 275 – ھىجرىيە دارمىي رەھمەھۇللاھ 181 – 255 – ھىجرىيە ، 75 ياش، سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان. بۇلار مۇھەددىسلەرنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان تارىخى، تەپسىلاتى تارىخ كىتابلىرىدا ھەدىس كىتابلىرىدا فىقھى كىتابلىرىدا مەۋجۇتتۇر. ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ، ھەدىس كىتابلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: 1. سەھىھۇلبۇخارى بۇ كىتابنى مۇھەددىس 16 يىل جەريانىدا ئىزدىنىپ كۆپ جاپا – مۇشەققەت تارتىپ، 600000 ھەدىستىن تاللاپ، ھەربىر سەھىھ ھەدىسنى، غۇسلى – تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ يازغان، پەقەت سەھىھ ھەدىسلەرنى يازغاندۇر. كىتابى پۈتكەندە، ئۇنى ئىمام ئەھمەدكە، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئەلى ئىبنى مەيدەنى ۋە باشقىلارغا سۇنغان، ئۇلار ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ دەپ ماختاپ، سەھىھ ئىكەنلىكىگە شاھىد، گۇۋاھچى بولغان. بارلىق ئالىملار، قوبۇل قىلىپ، ئەمەل قىلغان، بۇ ئەھۋال ھەربىر زاماندا يۈز بەرگەن. ھاپىز ئىبنى ھەجەر بىلەن زەھەبي رەھمەھۇللاھ ۋە باشقىلار ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن قالسا، سەھىھۇلبۇخارى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئېسىل، كاتتا، ئەۋزەل كىتابى دېگەن . ئومۇمىي ھەدىسى 7397 ، تەكرارنى ئېلىۋەتكەندە 2602 ھەدىس باردۇر. بۇ ھاپىز ئىبنى ھەجەرنىڭ تەھرىررلىشىدۇر . باشقىلار 4000 دېگەن . بەلكى ساھابىلەر، تابىئىنلار سۆزلىرىمۇ باردۇر. 2. سەھىھۇلمۇسلىم ئەڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلانغان، ئىمام نەۋەۋى مەدھىيلەپ، ماختاپ سۆز يازغان، ۋە شەرھى يازغان، تەكرار بىلەن 7275 ، تەكرارسىز 4000 ھەدىس بار. سەھىھ مۇسلىمنى بارلىق ئالىملار سەھىھ دەپ ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇخارىدىن قالسا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياكى يېقىن تۇرىدۇ. ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ: بۇخارى رەھمەھۇللاھ، سەھىيلىكتە ئۈستۈن بولسا، مۇسلىم سانائىتىنىڭ، تەسسىنىپنىڭ گۈزەل، ياخشىلىقىدا ئۈستۈن دېگەن ھەدىسلىرى ئوخشاشلا سەھىدۇر. 3. نەسەئى ئالدى بىلەن سۇنەنۇلكۇبرا دېگەن كىتابنى يېزىپ، سەھىھ ھەدىسنى شۇنداقلا، ئىللىتى بار ھەدىسلەرنى توپلىغان، كىيىن، بۇ كىتابنى قىسقارتىپ، مۇجتەبا، تاللانغان ھەدىسلەر دەپ ئاتىغان، ئۆز نەزلىدە سەھىھ دەپ قارىغان ھەدىسلەرنى توپلىغان، ئۇنىڭ بۇ كىتابى بۇخارى، مۇسلىمدىن قالسا، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. زەئىپ ھەدىسلىرى ئىنتايىن ئازدۇر، قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق شەرت قويغاچقا، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى، ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ئەبۇ داۋۇد بىلەن تىرمىزى ھەدىسلىرىنى يازغان، نۇرغۇن كىشىلەردىن نەسەئى ھەزەر قىلغان. نەسەئىيدا تەكرار بىلەن قوشۇپ، 5758 ھەدىس بار، بەزىلەر 5662 دېگەن . تەكرارسىز 2525 ھەدىس باردۇر. خۇلاسىسى 120، قىسقارتىلغىنى 2358 ھەدىستۇر. 4. ئەبۇ داۋۇد، 4800 ھەدىسنى 500000 ھەدىسدىن تاللىغان، مەخسۇس فىقھى ھۆكۈم ھەدىسلىرى باردۇر، سەھىھ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەرنى يازغان، كۆپىنچىسى مەشھۇردۇر. ئىمام سۇيۇتى، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سالىھ دېگەن سۆزى ھۆججەت، دەلىل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئېتىبار ، ئىبرەت ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە ئۇ زەئىپ ھەدىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ سۆز قىلمىغان ھەدىسلەر ھەسەن، دېگەن . ئىبنى مۇندىھ دېگەن ئالىم، ئەبۇ داۋۇد بىرەر بابقا سەھىھ ھەدىسنى تاپالمىسا، زەئىپ ھەدىسلەرنى يازغان، چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىدا زەئىپ ھەدىس كۆز قارىشىدىن ياخشى ئىكەن دېگەن . ئەبۇ داۋۇدتا پۈتۈنلەي فىقھى ھەدىسلىرى بولغاچقا، فىقھى ئالىملىرىنىڭ نەزلىدە مەشھۇردۇر، ئۇ كىتابنى يېزىپ بولۇپ، ئىمام ئەھمەدكە سۇنىدۇ، ئىمام ئەھمەد رەھمەھۇللاھ، ياخشى دەپ باھا بېرىدۇ، كاتتا سانايدۇ، ئىبنى قەيۇممۇ مەدھىيىلەيدۇ، بۇ كىتابتا سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ ھەدىسلەر باردۇر. 5. تىرمىزى بۇ مۇھەددىس كىتابىغا سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ ھەدىسلەرنى يازغان بولۇپ، ھەربىر ھەدىسنىڭ ئورنىنى ھۆكمىنى بىرمۇ بىر بايان قىلىپ قويغان، كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئىلەل ئىسىملىك مەزمۇن قويۇپ، نۇرغۇن پايدىلارنى يازغان، بۇ كىتابتىكى ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىنغاندۇر. ھىجاز، ئىراق، خاراسان ئەھلى بۇ كىتابنى ياخشى ساناپ مەدھىيىلىگەن. ئىبنى رەجەب بۇ كىتاب توغرىسىدا مۇنداق دېگەن ، تىرمىزى كىتابىدا سەھىھ، ھەسەن، غەرب ، مۇنكەر ھەدىسلەرنى يازغان. تىرمىزىدا 3891 ھەدىس بار، ئەھمەد شاكىر 3956 دېگەن . تەكرارسىز 3367 ھەدىس، خۇلاسىسى 90، قىسقارتىلغىنى 2549 ھەدىس. 6. ئىبنى ماجە، ئومۇمىي ھەدىسى 4332، ئابدۇلباقى 4341 دېگەن . ئەئزەمى 4397 دېگەن ، ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللاھ 4341 دېگەننى يازغان، تەكرارسىز 3978 ھەدىس بار. خۇلاسىسى 198، قىسقارتمىسى 3858 ھەدىس. بۇ كىتاب ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ئالتىنجىسى، لېكىن، ھەممىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىبنى ماجە تەنھا، يالغۇزلا خاتىرىلىگەن، ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى زەئىپ، ھەتتا، مۇنكەر ئىكەنلىكى مەشھۇردۇر. ئەلبانى رەھمەھۇللاھ ئۇنىڭ948 ھەدىسنى زەئىپ دېگەن ، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجەلەرنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم چىقارغان. ئىبنى ماجە 1339 ھەدىستە يالغۇز قالغان، تەنھا ئۆزىلا خاتىرىلىگەن، دەل مۇشۇلاردا زەئىپ، مۇنكەر ھەدىسلەر بار بولۇپ، بۇ مەشھۇردۇر. 7. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل رەھمەھۇللاھنىڭ مۇسنەد ناملىق ھەدىس كىتابى تەكرار بىلەن 40000 تەكرارسىز، 30000 ھەدىس بولۇپ، ئوغلى ئابدۇللا زىيادە قىلىۋەتكەن. كومپيۇتېر پلاستىنكىسىدا 27100 ھەدىس بار، تەكرارسىز 9339 ھەدىس بار دېيىلىدۇ ، قىسقارتىلمىسى 7275 ھەدىس. مۇھەددىس بۇ ھەدىسلەرنى 75000 ھەدىسدىن تاللاپ يازغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، دىن، دۇنيالىقتا زور پايدىلىقتۇر، ھەربىر مەسىلىگە مەخسۇس ھەدىس يازغاندۇر. ئالىملار بۇ كىتاب ئۈستىدە مۇنداق قارىدى. 1. بۇ كىتابدىكى بارلىق ھەدىسلەر ھۆججەت بولالايدۇ. 2. ئۇنداق ئەمەس، بۇ كىتابدا سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ، ھەتتا يالغان ھەدىسلەر بار ، بولۇپمۇ ئوغلى ئابدۇللا زىيادە قىلغىنى كۆپىنچىسى زەئىپ، يالغان، ئىبنى جەۋزى 29 ھەدىسنى يالغان دېدى ، ئىراقى ئۇنىڭ ئۈستىگە يانا توققۇز ھەدىسنى قوشۇپ، 38 يالغان ھەدىس بار دېيىلدى. 3. بۇ كىتابدا سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ ھەدىس بار بولسىمۇ، يالغان ھەدىس يوق دېدى. بۇ خىل كۆزقاراشقا ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىييە، ئىمام زەھەبى، ئىبنى ھەجەر، ئىمام سۇيۇتىلار يۈرۈپ كەتتى، ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن ، بۇ مۇسنەد كىتاب، ئەبۇ داۋۇددىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەبۇ داۋۇد ھەدىس خاتىرىلىگەن، نۇرغۇن كىشىلەردىن ئىمام ئەھمەد رەھمەھۇللاھ يۈز ئۆرىگەن، قويغان شەرتلىرى ، تەلەپلىرى قاتتىقتۇر، زەئىپ، ھەتتا يالغىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ زىيادە ئارتۇق قوشۇپ قويغىنىدا باردۇر، بۇنى ئىلىمسىز كىشىلەر ئەھمەدنىڭ ھەدىسى دەپ گۇمان قىلىپ قالغان دېگەن . بۇ كۆز قاراشلارنى خۇلاسىلىغاندا، بۇ كىتابدا سەھىھ ھەدىسلەر بار، زەئىپ ھەدىسلەرمۇ بار، لېكىن، بۇ زەئىپ ھەدىسلەر ھۆججەت بولالمايدۇ دېيىلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ ھەسەن مەردىۋىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ، خۇددى، ئىمام سۇيۇتى دېگەندەك ، يالغانلىرى بولسا، ئوغلىنىڭ زىيادىلىرىدە باردۇر. بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىبنى ھەجەر بىلەن ئىمام سۇيۇتى ئادۋۇكاتتەك ئاقلاپ، يالغان دېيىلگەن، ھەدىسلىرىگە بىرمۇ بىر باھا بېرىپ، چۈشەنچە بەرگەن. بۇ كىتابنى يەتتە قىسىملىق قىلىپ، بابلاشتۇرۇپ، مۇندەرىجىلىك قىلىپ تۈزگەن، شەرھى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇرەھمان، كىتاب ئىسمى، پەتھۇررەببانىدۇر. 8. دارمى سەھىھ كىتابلار قاتارىدا توققۇز كىتاب پروگراممىسىدا بار، ئومۇمىي ھەدىسى 3367، تەكرارسىز 1668 ھەدىس باردۇر. بۇ كىتابدا سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ ھەدىسلەر بار بولۇپ، ئەمەل قىلىنىدۇ، زەئىپلىرى تەكشۈرۈلىدۇ، مۇشۇ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىغا سەھىھ ھەدىسلىرى كىرگۈزۈلگەن. 9. مالىك مۇئەتتا، ئومۇمىي ھەدىسى 1891 – ھەدىس، بەزىلەر 1594 دېگەن ، بىز ئەمدى، ئىمام سۇيۇتىينىڭ كىتابلارغا بەرگەن باھاسىنى يازىمىز. بۇ سۆزلەر جامىئۇسسەغىير ناملىق ھەدىس كىتابىدىن ئېلىنغان ئىمام سۇيۇتى مۇنداق دېگەن ، «ۋاپاتى ھىجرىيە 911 – يىلى» بۇخارى، مۇسلىم زادى سەھىھ، ئىبنى ھەببان، ھاكىم مۇستەدرەك، ئىبنى خۇزەيمە، زىيائولمەقدەسى، ئەبۇ ئەۋانە، ئىبنى سەكەن، مالىك مۇئەتتا، بۇلاردا سەھىھ ھەدىسلەر بار، لېكىن، ھاكىم مۇستەدرەككە سۆز قىلىندى، توغرا، بىز بۇ سۆزنى يۇقىرىدا يېزىپ بولدۇق، 1/4 زەئىپ ، 100 يالغان ھەدىس بار دېيىلگەن. ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ زىيادىلىرى، ئابدۇرەززاقنىڭ كىتابى ئىبنى مەنسۇر، ئەبۇ شەيبە، ئەبۇ يەئلا، تەبرانى ئەۋسەت، دارىقۇتنى، بەيھەقى قاتارلىق بۇ كىتابلاردا سەھىھ ھەدىسمۇ، ھەسەن، زەئىپ ھەدىسلەرمۇ باردۇر، ئەھمەدنىڭ ئوغلىدىن باشقا ئۆزى چىقارغان ھەدىسلىرى مەقبۇل، قوبۇل قىلىندى، ھۆججەت بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى زەئىپ، ھەسەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ دېگەن . ئۇقەيلى، ئىبنى ئەدى، خەتىيبۇلبەغداد، ئىبنى ئەساكىر، ئىبنى جارۇد، دەيلىمى پىردەۋس، ھاكىم تارىخى، بىز يۇقىرىدا دېگەن ئەبۇ ئەيسا تىرمىزىدىن باشقا ھەكىيىم تىرمىزىلار زەئىپتۇر دېگەن ، مانا بۇ ئىمام سۇيۇتىنىڭ باھاسى. ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى ھەرپلەر بىلەن قىلىنغان ئىشارەتلەر ، مۇنداق ئىسىملارنى كۆرسىتىدۇ. خ: بۇخارىي، م: مۇسلىم، تخ: بۇخارىي تارىخىدا، خد: بۇخارى ئەدەپتە، ن: نەسەئي، ت: تىرمىزي، د :ئەبۇداۋۇد ، ھ ، ە : ئىبنى ماجە ، 4 : يۇقىرىقى تۆت كىتاب ، 3 :ئىبنى ماجەدىن باشقا، ن، ت، د، ئۈچ كىتابنى كۆرسىتىدۇ. ھەب : ئىبنى ھەببان، ك : ھاكىم ، زاد ھەرفي : زىيائۇلمەقدەسى ، ھەم : ھاممىم : ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل ، ئەيىن بىلەن م: ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللانى كۆرسىتىدۇ.ئىتقىي تە ھەرپي: تەيالىسىي، ئەيىن بىلەن بە ھەرپى ئابدۇررەززاقىدۇر . ساد ھەرپى : سەئىد ئىبنى مەنسۇر نى كۆرسىتىدۇ ، ش : ئىبنى ئەبۇ شەيبە ، ئەيىن بولسا ئەبۇيەئلا ، ئىتقىي تەسي بىلەن ب : تەبراني.ئىتقي تە بىلەن س: تەبرانى ئەۋسەتتە توپلىغان ، ق : بەيھەقىي ، ق بىلەن ئىتقىي تە : دارىقۈتني ،ئەيىن بىلەن ق : ئۇقەيلى ، ھب : بەيھەقي شوئبىلئىماندا ، ئەيىن بىلەن د : ئىبنى ئەدي.خ بىلەن ئىتقي تە : خەتىيبولباغداد ، فر: دەيلىمي فىردەۋستە توپلىغاننى كۆرسىتىدۇ.كر : ئىبنى ئەساكىر. بۇلاردىن باشقا ئىبنى خۇزەيمە ، خەرائىتي ، ئىبنى سەئىد ، سەمۋىيھ ، ئىبنى قانىئ ،باۋرۇدي جارۇد ،ئىبنى جەرىر تەبرىي ، ھەل : يەنى ئەبۇ نۇئەيىم قاتارلىقلار باردۇر.ھەدىس كىتابلىرى كۆپتۇر . (بۇكىتاپنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسمىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ، شەرھى-ئىزاھاتى تىرناق ئىچىگە ئېلىندى) شەيخ ، ئىمام مۇھەددىس، مۇھەممەد ناسرۇددىن ئەلبانى رەھمەھۇللاھ، بۇ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» دېگەن كىتابىنى ئىمام سۇيۇتىينىڭ «جامىئۇسسەغيىر» دېگەن 10000دىن ئارتۇق ھەدىس كىرگۈزۈلگەن كىتابىنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرىنى شاللىۋېتىپ ،سەھىھ ھەسەن ھەدىسلەرنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈپ تۈزگەن. بۇ ئەسەر ئۇلۇغ ئىككى ئىمامنىڭ ئەسىردۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن تەكرار كۆرۈلۈپ قالىدۇ،بۇنى توغرا چۈشىنىڭلار. شەيخ بۇ كىتابنىمۇ ئىمام سۇيۇتىينىڭ كىتابىغا ئوخشاش، ھەرپلەر بىلەن باشلانغان قىلىپ تۈزگەن. 28 ھەرپكە شۇ ھەرپ بىلەن باشلانغان ھەدىسلەرنى تىزغان. بۇنداق قىلغاندا، تەكرارسىز بولىدۇ، باب، پەسلە، كىتاب قىلىنمايدۇ، بەلكى، ھەربىر ھەدىسنى ھەرپ بويىچە ئىزدەپ تاپىمىز، ئەرەبچە بىلگەنلەرگە بۇ ئاسان، لېكىن، بىز ھازىر ئامالىمىزنىڭ يوقلۇقىدىن، بىزمۇ شۇ كىتابنىڭ تەرتىپ، تۈزۈلۈشىگە بويسۇنۇپ، ھەرپ بويىچە يازىمىز. مەسىلەن: ب بە ھەرپى بىلەن باشلانغان ھەدىسلەر. پ ياكى ي ھەرپى بىلەن باشلانغان ھەدىسلەر دېگەندەك ، مۇندەرىجىمۇ دەل شۇنداق تۈزۈلىدۇ. ھەدىس باشلانغان ھەرپ ياكى ئىسىم ياكى پېئىل بولسا، بىز ئۇنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ قويىمىز. مەسىلەن: نۇن ھەرپىدە نەھا بىلەن باشلانغان ھەدىسلەرنى چەكلىدى، توستى، مەنىسى بىلەن باشلانغان ھەدىسلەر دەپ قويىمىز. ئىننە، ئىننە بولسا، مەنىسى ھەقىقەتەن دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان ھەدىسلەر بولىدۇ. ھەدىس، ئەرەبچە 28 ھەرپ بىلەن باشلانغان بولىدۇ، بىز پەقەت، شۇ ھەرپ ، شۇ ئىسىم، شۇ پېئىلنىڭ مەنىسىنى يېزىپ قويىمىز خالاس. ئەپسۇس! ھەدىسنى ئىزدەپ تاپماق تەس، قىيىنغا توختايدىغان بولدى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئامال يوق. چۈنكى، ئاپتور بۇ كىتابنى شۇنداق يازغان، ئەرەبچە بىلگەنلەر ھەرپ بىلەنلا ئىزدەپ تاپسۇن، چۈنكى، ئەرەبچىسى كىرگۈزۈلگەن. ئەرەبچە بىلمىگەنلەر مەنىسى بىلەن تەرجىمىسى بىلەن ئىزدەپ تاپسۇن، ھېچ بولمىغاندا، رەقەم سانى، ھەدىسنىڭ نومۇرى بار، بۇ بەك مۇھىم گەرچە بىز ئەپسۇسلانغان بولساقمۇ ،كىتابنىڭ ھەرپ تەرتىپى بويىچە تۈزۈلۈشىنىڭ مۇنداق ھېكمەتلىرى بار. 1- ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ مۇشۇنداق ئۇسلۇب بىلەن كىتاب تۈزىلىشى لازىم. 2- ھەدىس ھەرپ تەرتىپى بويىچە ئىزدىلىپ ئاسان تېپىلىدۇ. 3- ھەربىر سۆزلۈك ،لۇغەت ئىزدىلىپ،ئاسان تېپىلىپ ،لۇغەت جەھەتتىن پايدا مەنپەئەت بىرىدۇ. 4- بۇ ئۇسلۇب ھەدىس يادلاشقا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. 5- تەكراردىن ساقلانغىلى بولىدۇ . 6- مۇتىۋاتىر ھەدىسلەر ئاسان ئېنىقلىنىدۇ.بولۇپمۇ مۇتىۋاتىر مەئنەن. 7- ھەدىسنى دەلىل ئىسپات قىلىشتا ئاسان ئەسكە ئالغىلى بولىدۇ . 8- ھەدىس رەقەملىك سانلار بويىچە تىزىلغان بۇنىڭدا ئاسانلىق قۇلايلىق باردۇر. 9- بۇ خىل ئۇسلۇب ،كومپيۇتېر پلاستىنكىسىغا ھەدىسلەرنى كىرگۈزۈپ پىراگىراممائىشلەشكەقۇلايلىقتۇر. 10- بۇ كىتابتىن ئاز مىقداردا ئوقۇپلا نۇرغۇن ھاجەتتىن چىققىلى بولىدۇ،بۇ كىتاب بابلىق ،پەسىللىك بولمىغاچقا ھاجەتتىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە دەرسلىك قىلمىسىمۇ بىر ئىككى مىڭنى ئوقۇپلا ئۇنىۋېرسال مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ .بولۇپمۇ دىننى دەرسلىك چەكلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە تاللانغان مۇشۇ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى»دەرسلىك قىلىشىمىز لازىم.بۇنىڭدىن باشقا ھېكمەتمۇ باردۇر ئۇ بولسىمۇ ھەدىسلەر ئارىسىدا ................ ھەدىسلەر باردۇر. ئۇنداق بولسا، بىز سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلىشنى باشلايمىز. تەرجىمە ۋە خەت ئىملالىرىدا خاتا كەتكەن جايلاردا تۈزىتىپ ئوقۇپ، پىكىر – تەكلىپ، تەنقىد، تەربىيە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، مەن ئۈچۈن، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، مەغپىرەت، ئەپۇ، كەچۈرۈم سوراپ قويارسىلەر، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈپ، مەندىن رازى بولغاي، ئامىن! مۇھىم بىر سۆزنى ئەسكەرتىمەنكى، خۇددى قۇرئان ئايىتىنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەپسىرى قۇرئان ھېسابلانمىغاندەك ، ھۆكۈم پەقەت تەرجىمە تەپسىردىن ئەمەس، بەلكى، قۇرئان ئايىتىنىڭ ئۆزىدىن ئېلىنغاندەك، بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى ئەرەب تىلى بولغان نۇسخىسىدىن ھۆكۈم ئېلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئەقىدە، ئەھكام، ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدە شۇنداقتۇر. تەرجىمىسىدىن ھۆكۈم ئېلىشىدىن ھەزەر قىلىڭلار. چۈنكى، ئۇ دېگەن تەرجىمە. ئايەت، ھەدىسلەرنى تەرجىمە قىلساق، بىر مەناسىنى بەرسەك، يەنە نۇرغۇن مەناسى قېلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەڭ خەلق ئاممىسى، ھەدىس ئىلمى، فىقھى ئىلمىدىن 20، 30 يىل تەتقىقاتتىن، تىل تەتقىقاتتىن مەنا بايان ئىلىملىرىدىن،ئۇسۇل ئىلمىدىن خەۋەرسىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمنى يەنىلا موللا، ئالىم، مۇھەددىس، فىقھىشۇناس، تەپسىرشۇناسلار ئالسۇن، سىلەر پەقەت تەرجىمىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمدىن باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىڭلار، ئالىملار ئېلىپ بەرگەن ھۆكۈملەرگە ھەدىسلەرنى دەلىل –ئىسپات قىلىڭلار. مەن تەرجىمە قىلماقچى بولغان ھازىرقى ھەدىسلەر پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دېگەن ھەدىسلىرىدۇر. ئىش - ھەرىكىتى، سۈكۈت،تەقرىراتى ئەمەس بەلكى سۆزىلامدۇر. خۇددى ھۆكۈم ئايەتلىرى 150 دىن 170 گىچە بولغاندەك، ھۆكۈم ھەدىسلىرىمۇ 500دىن 1000 غىچە بولۇشى مۇمكىن،شۇڭا بىز تەرجىمىسىنى يەتكۈزىۋەردۇق. ئەرەپلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ پايدىلانسۇن دېدۇق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن، توغرا يولغا سېلىپ، ئاخىرەتتە جامالىنى بەرسۇن، ئامىن!
«ھەقىقەت ( ئىسلام) كەلدى، باتىل ( كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن. بەنى ئىسرائىل81 - ئايەت
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 503
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە503دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-21 13:49

  بارماق دېسكامغا قاچىلىۋالاي . كومپىيۇتىرىمدا ئورۇن قالمىدى .
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!