باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1362 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: روس يۇمۇرلىرى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1658
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 192
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە192دانە
ئۆسۈش: 990 %
مۇنبەر پۇلى: 2706 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-18 14:13

روس يۇمۇرلىرى

                                                 ساراڭ
      ساراڭلار ساناتورىيىسىدە بىر دوختۇر ئاپتۇبۇسنىڭ رەسىمىنى سىزىپ: كۆپچىلىك ئاپتۇبۇسقا چىقىڭلار  ماڭىمىز-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ساراڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆپۈر -تۆپۈر يۈگرەپ كەپتۇ. دوختۇر شۇنداق قارىسا بىرلا ساراڭ مىدىرىماي جىم تۇرغۇدەك.دوختۇر بۇ ساراڭغا داۋالاش ئۈنۈم بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ،ساراڭنىڭ قېشىغا كېلىپ:سەن نېمىشقا ئاپتۇبۇسقا چىقمايسەن- دەپ سوراپتۇ. ساراڭ:قويىڭە ئاپتۇبۇسنى، چىقىدىغان ئادەم كۆپكەن ،مەن تاكسىدا بارىمەن -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
                                              مەست شوپۇر
     روسسىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەيدىغانلار پەيدا قىلغان ۋەقە كۆپىيىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش ساقچىللىرى يىغىن ئېچىپتۇ،يىغىندا قاتناش ساقچى باشلىقى بۈگۈندىن باشلاپ ھاراق ئىچكەننى قاتتىق تەرتىپكە سالىمىز،ھاراق ئىچكەنلەرنى تۇتقانلارنى مۇكاپاتلايمىز،كىم بوشاڭلىق قىلسا شۇنى ئىشتىن بوشىتىمىز دەپ قاتتىق سۆزلەپتۇ.  بىر قاتناش ساقچىسى يىغىندىن كېيىن  ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتسا شۇنداقمۇ يوغان ، كوزۇپى ئۇزۇندىن ئۇزۇن بىر يۈك ماشىنىسى پۈتۈن يولنى ئىگەللەپ لەپەڭ-لەپەڭ قىلىپ كېلىۋاتقىدەك.قارىماققىلا شوپۇر غىق مەس.قاتناش ساقچىسى خىزمەت كۆرسىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ ماشىنىنى توسۇپتۇ. ئۇ يۈك ماشىنىسى بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا ئاران توختاپتۇ-دە ،شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپتۇ .قارىسا ئۆرە تۇرالمىغىدەك مەس.قاتناش ساقچىسى شوپۇرنى سوراققا تارتىپتۇ.:ھە نوچى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى بىلەمسەن بىلمەمسەن.
شوپۇر كىكەچلەپ ئاران جاۋاپ برىپتۇ: ھاراق ئى..چمى..دىم مەن باشلىق.
ساقچى:غىق مەس تۇرۇپ يالغان سۆزلەيسىنا،ئاغزىڭنى ئېچىپ ھا... قىلە تەكشۈرەيمەن.
شوپۇر ئاغزىنى ئېچىپ :ھا.........
ساقچى:توۋا مەس تۇرۇپ ھاراق پۇرىمايسەنغۇ ،سەن زادى نىمە ئىچتىڭ.
شوپۇر ئۈندىمەپتۇ.
 بېشى قاتقان ساقچى دەپتۇ:بولدى سەن شۇنچىۋالا مەس تۇرۇپ پۇرىمايدىغان نىمە ئىچكەنلىگىڭنى دەپ بەرسەڭ سېنى قويۇپ بېرىمەن-دەپتۇ.
شوپۇر:مەن ئاق ھاراق(ۋوتكا) ئىچكەن.
ساقچى:يالغان سۆزلىمە،ئەمىسە نېمىشقا ھاراق پۇرىمايسەن.
شوپۇر: بۈگۈن قاتناش ساقچىللىرى ھاراق ئىچكەنلەرنى تەكشۈرىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ،ھاراقنى ئىچەلمەي ئوكۇل قىلىپ يانپاشقا ئۇرۇۋالغان.
ساقچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن بېگىز بارمىقىنى لېۋىگە تەڭلەپ دەپتۇ: ئۈش... بۇ گەپنى ھىچكىمگە تىنماي جىممىدە كېتىۋالە . بىكار بىزنىڭ باشلىق بىلىپ قالسا  پۈتۈن شوپۇرنىڭ قوڭىنى پۇرىتىدۇ.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1575
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1575دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16015 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-28


ساراڭلار توغرىسىدىكى يۇمۇر شۇنداق قىزقارلىقكەن
اللا
قوزام
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 776
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە776دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-13 00:45

  ئىسىل يۇمۇرلاركەن.
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.