باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1156 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: exce جەدۋىلىدىكى ھەركەتچان تىزىملىك مەسلىسى
تىرىشقان ئۇزار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2882
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-17 20:21

exce جەدۋىلىدىكى ھەركەتچان تىزىملىك مەسلىسى

exce جەدۋىلىنى ئىشلىتىش جەريانىدا مەن دايىم مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقاتتىم.
بىزدە بىر نەتىجە نۇمۇرلىرى خاتىرىلەنگەن جەدۋەل بار. مەسىلەن : ئىسىم فامىلىسى، جىنىسى، مىللىتى، ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئەنگىلىز تىلى، تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلەر بار. بۇ سىنىپتا 68 ئوقۇغۇچى بار. دىمەك، بۇ جەدۋەل بىر قەدەر ئۇزۇن. ئالدىنقى 20 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان نۇمۇرى ۋە دەرسلىك تۈرلىرى بىزگە بىر قەدەر ئوچۇق، ئەمدى بۇ جەدۋەلنى تۆۋەنگە سېيرىپ 40، ياكى 60-نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچىغا كەلگەندە يۇقارقى ئىسىم فامىلىسى، جىنىسى، مىللىتى، ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئەنگىلىز تىلى، تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلەر كۆرۈنمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 60-نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدىكى بۇ نۇمۇرلارنى زادى قايسى پەن ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن جەدۋەلنى يەنە ئۈستىگە سېيرىپ كۆرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
سۇئال: ئىسىم فامىلىسى، جىنىسى، مىللىتى، ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئەنگىلىز تىلى، تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلەر بىزنىڭ جەدۋەلنى ئاستىغا سېيرىشىمىز بىلەن تەڭ ھەرىكەتلىنىپ قولايلىق يارىتىپ بېرەلەمدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇنىڭ مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىدەك.
تۆۋەندىكىسى بىزگە بېرىلگەن جەدۋەل

بىز يۇقارقى جەدۋەلدىن 16-نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنىلا ئىمتىھان تۈرلىرى بىلەن قوشۇپ كۆرەلەيمىز.

يۇقارقى رەسىمگە قاراڭ. بىز سېيرىلما كۇنۇپكىنى تۆۋەنگە سېيرىغاندىن كېيىن بىزگە بېرىلگەن دەرسلىك تۈرلىرى كۆرۈنمەي قالىدۇ. پەقەتلا 5،6پەن بولسىغۇ بىزنىڭ يادىمىزدا تۇرىدۇ، ئەگەر 10 نەچچە تۈرلۈك سىتاستىكا جەدۋىلى بولسا، بىز يەنە ئۈستىگە سېيرىپ چىقىپ ھەر قايسى تۈرلەرنى كۆرۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇنىڭدا بەك ئاۋارىچىلىق ئەلۋەتتە.
ئەمدى بىز تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىپ باقايلى.

بز يۇقارقى جەدۋەلدىكى 2-قۇردىكى تىزىملىكلەرنى بىزنىڭ كۇنۇپكىنى پەسكە سېيرىشىمىز بىلەن تەڭ ھەركەتلىنىدىغان، يەنى بىز 68-نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرگەندىمۇ بۇ تىزىملىك تەڭ ھەركەتلىنىدىغان قىلىمىز. 2-قۇردىكى تىزىملىك قاتتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن 3-قۇردىكى كاتەكچىنى تاللايمىز. 窗口 كۆزنىكى ئىچىدىن 冻结窗口 ( كۆزنەكنى قاتتۇرۇپ قويۇش) نى تاللاڭ. ئاندىن جەدۋىلىڭىزدىكى تىزىملىكنى پەسكە سېيرىپ بېقىڭ.

يۇقۇرىقى رەسىمدە كۆرستىلگەندەك، بىز 67-نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرمەكچى بولغىنىمىزدىمۇ بىزگە مۇناسىۋەتلىك 2-قۇردىكى ئۇچۇرلار بىزگە بىرلىكتە كۆرىنىدۇ.

سىناب بېقىڭ. بىلىمنى ياخشى ئىگەللەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىڭىز ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا ئۆگىتىش، بۇخىل تەكرارلىنىش جەريانىدا سىز تېخىمۇ تەجرىبىلىك بولىسىز ئەلۋەتتە.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4989
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-11-25

بەك چوڭ جەدىۋەللەردە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنىق بىلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بۇلىدۇ
تىرىشقان ئۇزار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2882
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-03-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-30 12:01

شۇنداق. بۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. خىزمەتلىرىمدە كۆپ ئىشلىتىمەن بۇنى .