تور پونكىتلىرى: تورىمىزغا چىقسىڭىز ھەق ئالمايمىز.
تېلېگراف ئىدارىلىرى: بىز زىيان تارتىپ كېلىۋاتىمىز.
خىيانەتچى ئەمەلدارلار: بىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.
پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەر: بىز ساختا مەلۇمات بەرمەيمىز.
خوجايىنلار: تۆھپىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرلىرى: دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىمىز.
شىركەت خىزمەتچىلىرى: ئەتىدىن باشلاپ بۇ شىركەتتە ئىشلىمەيمەن.
سودىگەرلەر: ماللىرىمنى زىيىنىغا سېتىۋاتىمەن.
كىنو - تېلېۋىزىيە چولپانلىرى: بىز پەقەت دوست، باشقا مۇناسىۋىتىمىز يوق.
ساقچىلار: ھەرقانداق جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويمايمىز.
پارىخور ئەمەلدارلار: مەن بىر تىيىنمۇ ئالمىدىم.
رەھبەرلەر: تۆۋەندە ئاددىي قىلىپ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ ئۆتىمەن.
ئاپتۇرى: فۇ تىيەنيۈ