بۇرۇن ھەقسىز بوشلۇقتىن چۇ پەننى ئىشلىتەتتۇق ، ھازىر چۇ پەننىڭ ئېلانىنىڭ كۆپلىگى،ھەقلىق Vip ئەزادىن باشقا ئەزالار يالغۇز ھۆججەت يوللىغاندا 100MB تىن چوڭ ھۆججەت يوللىغىلى بولماسلىقى كىشىلەرنى بىزار قىلدى .
مەن ئەمدى تورداشلارغا 3G چوڭلۇقتىكى ھەقسىز بوشلۇقنى تەۋسىيە قىلماقچى ، بۇ بوشلۇقنىڭ ئىقتىدارى ، تىزىملاتسىڭىزلا 3G چوڭلۇقتا مەڭگۈ ھۆججەت ساقلايدىغان بوشلۇق ، 5G چوڭلۇقتىكى ۋاقىتلىق (ھۆججەتنى ساقلاش مۇددىتى 31 كۈن ) بوشلۇق سوغا قىلىدۇ ،جەمى 8GB بوشلۇققا ئىرىشىسىز. بىر قېتىمدا چوڭلۇغى 1G ھۆججەتتىن توپ بىرقانچىنى چىقارغىلى بولىدۇ . ھەم باشقىلار بىلەن ئورتاق چۈشۈرگىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆججىتىڭىزنى چوقۇم( 共享 ) قىلىشىڭىز كېرەك . 迅雷、快车、旋风 قاتارلىق چۈشۈرۈش قوراللىرىنى قوللايدۇ .
تىزىملىتىش ئادرىسى :www.115.com
ياخشى يېرى يەنە 20MB ئالبۇم بوشلۇق ، 20MB مۇزىكا بوشلۇق ، 200MB دوكۇمىت بوشلۇقنىمۇ تەڭ بېرىدۇ ، دېتالدىن باشقا يەنە خالىغانچە رەسىم ، ناخشا-مۇزىكا ۋە ۋورت ،پوۋېرپئونېت ، ئېكىسئېل ھۆججەتلىرىڭىزنىمۇ بىمالال چىقىرالايسىز .
مەڭگۈلۈك بوشلۇقىڭىز ۋە ۋاقىتلىق بوشلۇقىڭىز ئالغان (积分 ) نۇمۇرىڭىزغا قارىتا چوڭىيىپ ماڭىدۇ . ئەڭ چوڭ بولغاندا 126GB بوشلۇققا ئېرىشىسىز ، ھەم دەرىجىڭىز 3- دەرىجىگە كۈتۈرىلگەندە FTP سوغا قىلىدۇ .