باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1857 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۆپ تىللىق قۇرئان ھۆججەتلىرى
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 21:48

كۆپ تىللىق قۇرئان ھۆججەتلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
كۆپچىلىك قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلغان «كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم» پروگراممىسى بىلەن Sound Vision تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ تارقىتىلغان «ئەلقارىي (Al-Qari)» پروگرامنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى لايىق كۆرۈپ قايتىدىن چىقىرىپ چىقىرىپ قويۇش قارارىغا كەلدۇق.
بۇ پروگراممىلارنى نۇمۇرىغا ئاساسەن قاچىلاڭ!
تۆۋەندىكىسى مەنبە توردىكى ئىزاھاتلار:
1- ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ تۆت خىل تىلدا تەييارلانغان (ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە) كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم يۇمشاق دىتالىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىنىلىشى ئۈچۈن تارقىتىشقا باشلىدى.


بۇنى كۆرگەن، توردىن چۈشۈرۈپ پايدىلانغان ۋە ۋۇجۇدقا چىققانلىقىدىن سۆيۈنگەن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ خىزمەتنى باشقا ئېلىپ چىقىش ۋە ئېلان قىلىپ تارقىتىش ئىشلىرىغا ھەسسە قوشقان بارلىق دوستلارنى دۇئالىرىدا ئونۇتماسلىقىنى سورايمىز.
ھۆججەتنىڭ ئومۇمىي سىغمى 15 MB كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىمنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!


2- ھۆرمەتلىك تورداشلار! يېقىندىن بويان ھەممىمىزنىڭ پۈتۈن ئارزۇسى ۋە تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرغان كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم پروگراممىسىنىڭ تىلاۋەت (قىرائەت) ھۆججىتى تولۇق ئىشلەندى. ھازىرچە كەڭ تورداشلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ چۈشۈرىۋېلىشى  ئۈچۈن توردا تارقىتىلىشقا باشلاندى. بۇ تىلاۋەت ھۆججىتىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن يۇقىرىدىكى كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم ئاللىبۇرن قاچىلانغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى مۇندەرىجىسى شۇ پروگرام مۇندەرىجىسى ئاستىغا كېلىدۇ. ئومۇمىي ھۆججەتنىڭ سىغىمى188 MB بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

3- كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىمنىڭ يەنەبىر قوشۇمچە بولغان ھۆججىتى قۇرئان كەرىم ئەرەبچىسىنىڭ ئوسمانىيە نۇسخىسى بىرلىكتە قېتىلدى. مۇۋاپىق كۆرگۈچىلەر.  بۇ يەردىن چۈشۈرۋالسا بولىدۇ. سىغىمى 20 MBبۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!
---
ئەمما پارىدىكى سۈرىلەر پروگراممىسى:

مۇنبەر تور بېكىتى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ كۈندە بەشۋاخ ئوقۇيدىغان نامىزىنى تولۇق مۇكەممەل ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئوتتۇزىنچى پارىسى يەنى "ئەممە" پارىسىدىكى سۈرىلەرنى ئاسان، توغرا، تىز يادلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە تۇلۇق ئۇيغۇرچە بولغان سۈرە يادلاش ياردەمچە يۇمشاق دېتالىنى قېرىنداشلىرىمىزغا سۇندى. بۇ يۇمشاق دېتال بىر سۈرىدىكى بىر ياكى بىر قانچە ئايەتنى كۆپ خىل تاللاش شەكلى بويىچە تەكرار قىرائەت قىلىش ئارقىلىق يادلاشقا ياردەم بىرىدۇ. ئومۇمىي سىغىمى 14.1 MB بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
---
ئېلىپبەدىن باشلاپ قۇرئان ئۆگۈنۈش پروگراممىسى:

بەزى دىن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى يازلىق مەكتەپ تەتىلنى بىھۇدە ۋاقىتىنى ئۆتكۈزمەستىن ئائىلىسىدە كومپيوتېر بارلار بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۆگەنسە ناھايىتى ياخشى. پروگرام ناھايىتى سىستېمىلىق بولۇپ، باشتا ئېلىپبە دىن باشلاش بىلەن بىرگە ئاۋازىمۇ ناھايىتى ئېنىق تەلەپپۇزى ياخىشى ئايەت - ئايەت ۋە سۈرە - سۈرە ئۆگىتىشنى تەكرار - تەكرارلاپ بېرىدۇ. ئۈچ ئايلىق تەتىل ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق قوللىنىشچان، ئوقۇتقۇچىغا كېرەك يوق! ئومۇمىي پرەسلانغان سىغىمى 8 مىيگابايت. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

مەنبە:ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى
كەلگەن جايى: 新疆库尔勒市 چوققا
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2114
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2114دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25218 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-14 18:03

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ، ئاللا رەخمەت قىلسۇن ، مۇشۇ دىتالنى ياساپ بىزلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق قىرىنداشلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن  ، ئامىن ..  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ