ئىتالىيە پۇتبول كۇماندىسىنىڭ 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە زور تۆھپە قوشقان بېكى ماتىراززى ئالدىنىى ئايدا مىلان شەھرىدە فىرانسىيە پۇتبول كۇماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى زىدانى بىلەن ئەپلىشىپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى . ( 2006 -يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابېقىسىنىڭ ھەل قىلىغۇچ مۇسابقىسىدە ماتىراززى قەستەن زىدانىينىڭ يېغىرىغا تەگكەچكە ،زىدانى ئۇنى ئۈسسۈپ يىقىتىۋەتكەن ئىدى ).
ماتىراززىنىڭ ئېيتىشىچە نويابىردا AC مىلان كوماندىسى بىلەن جەمەت مادىرىد كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپاچە چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابېقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابېقىسىنى خان جەمەت مادىرىد كۇلۇبى رەئىسىنىڭ مەسلەھەتچىسى بولغان زىدانىمۇ كۆرگىلى كەلگەندە ئۆز ئارا ياخشىلىشىپ قالغان ئىكەن .
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابېقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زىدانى ماتراززىنى ئۈسكەنلىكتىن مەيداندىن قوغلانغان ،فىرانسىيە كۇماندىسىمۇ چىمپىيۇنلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان .
ئاخپارات ۋاستىلىرىمۇ ماتىررازى زىدانىغا زادى نىمە دىگەندۇ

دىگەن سوئالىغا جاۋاپ تاپالمىغان .
زىدانى : << ئۇ مىنىڭ ھەدەمنى تىللىغاچقا ،مەن ئۇنى ئۈستۈم>> دىسە ، فىرانسىيەلىك بىر يازغۇچى بۇ يىل نەشىردىن چىققان كىتابىدا : << زىدانى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى خوتونى بىلەن سوقشۇپ قالغان ،شۇڭا ئۇ ماتىراززىنىڭ تېرىكتۈرىشىگە چىدىماي ئۇنى ئۈستى >> دەپ يازغان .
لىكىن ماتىراززىنىڭ زىدانيىغا زادى نىمە دىگەنلىكى ھازىرغا قەدەر بىر سىر بولماقتا .