باش بېتۈ | MP3 | MTV | تۈما بېزەش رەسۈمۈ | يۇمشاق دۈتال | كۈنو | تور ېويۇنلۈرۈ | ناخشا ېۈزدەش| يانفۇن مۇزۈكۈسۈ

ېالدۈنقۈ تېماكۈيۈنكۈ تېما
مەزكۇر يازما 1714 قېتۈم كۆرۈلدۈ
تېما: دېھقان بولماق تەس
ېەر بولساڭ ېەل  دەپ   ياشا
دەرۈجە: تۈرۈشچان ېەزا

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 3140
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 1
ېومۇمۈي يازما: 719
ېۇنۋان:قەلۈبداش ھازۈرغۈچە719دانە
ېۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلۈ: 5761 سوم
تۆھپۈسۈ: 2 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 1515 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-10-22
ېاخۈرقۈ: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-11 23:40

دېھقان بولماق تەس

دېھقان بولماق تەس

رۇزۈ سايۈت

شائىرمەن، قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس.
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مېنى مەس،
مەسلىكتە دەپ ئالاي لېكىن مەن پەخەس،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئالەمنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ تەرىدىن،
چۆللەرنىڭ ېەبەدى ئۇنىڭ بەھرىدىن.
ئۇ باقار شەھەرنى كېچىپ مەرىدىن،
ئۇنىڭ يوق تاماسى «تاختىپەرى» دىن.
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ مۆمىن، بەك ياۋاش، ساددا مۇلايىم،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم.
دەر؛ئىشلەي ساق بولسا يەتتە ئەزايم،
تەقدىردە ئېتىزدىن ئېلىنمىش رايىم.
رىزقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

پاراغەت دىلبىرى ئاچقۇچە قۇچاق،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئوتۇن.
قىشتا سوغ، يازدا ئوپ، باھاردا قۇيۇن،
گاھ كەلكۈن، گاھ تومۇز، قىستۇرار بويۇن.
قىسمەت دەر «جاپاغا كېكىر-تويۇن!»
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

قاراشلىق كەل -بار يالغۇز بېشىغا،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە دامبا بېشىغا.
ئىشلەيدۇ شۇلارنىڭ توپا -ئىشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز بېشىغا.
قورۇقلار ماس كەلمەس ئۇنىڭ يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ ئۆكۈز، توختىماي تارتىدۇ ساپان،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ تاپان.
كۆيىدۇ چوققىسى، كۆيىدۇ تاپان،
چاك -چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان.
ئەمما ئۇ«ۋايجان!» لاپ كۆتۈرمەس چۇقان،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋېشى،
ھە دىمەي بولىدۇ يىغىم تەرۋىشى.
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋېشى،
ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى، قوينىڭ مەرىشى.
يىل بويى ئۆكسىمەس پىشىپ تەرلىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

كېلىدۇ بايراملا ئايەمگە تۇتاش،
دىھقاننىڭ بايرىمى «ئوتاش ھەم پۇتاش».
ئوي پىكىر ھېيىت ئەمەس-ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كۆپۈرەك كىرسە ئاش.
مەشرىپى ماتىمى خاماندا، ئاداش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى.
يوق «تۆمۈر تاۋىقى» ئۆرلەش ئىشى،
يوق مائاش، دەرۈجە ئۆستۈرۈش ئىشى.
ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن ئىشلەر ياز قىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

يەكشەنبە، شەنبىلەر يوقلىماس ئۇنى،
شۈيەنجاڭمۇ، شۈياڭجاڭمۇ يوقلىماس ئۇنى.
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى،
يوقلايدۇ، ساقلايدۇ ئەمگەك خاس ئۇنى.
شۇ «خاس » لىق باغاشلاپ راست سۆيەر ئۇنى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش،
ئۇ چەشلەپ يىققان دان -بىزنىڭ يىگەن ئاش.
ھەم شۇنىڭ لىگەنگە چىققان گۆش -ئوتياش،
ئۇ باققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش.
ئۇ بولغاچ مەرد ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«مەن، سەن، ئۇ» -سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى.
نەسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخىت ۋەسلى،
قەدىرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى.
«يەسلى» گە سوزمىسۇن قول ئاياز پەسلى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك.
ئۆزىلا«ئاق » ئۇنىڭ كۆڭلى ئالىدەك،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت -يالىدەك.
رىزقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ۋاھ خەقلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللۇشۇپ،
ھيلىسى يىلسىرى باردى موللۇشۇپ.
سەھنىدە تۈزۈشۈپ «توختام» -قوللۇشۇپ،
«قاتلىشىپ ئاشتى » دەپ دوكلات يوللۇشۇپ.
مۇكاپات ئېلىشتى «تۆر» نى گوللۇشۇپ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق خالىس ئەمگىكى،
يىل بويى ئىشلەيتى ھاشار بەگلىگى.
رەت قىلسا تۆلەم بار-قالتىس دەللىكى،
ئەرز قىلسا چار قونداقلار پەللىكى.
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«تەكىت» تە ئاجايىپ دىھقاننىڭ رولى،
دىيىلەر «ئاساسنىڭ ئاساسى -ئۇلى».
ئەمەلدە بېشى كەڭ، تار ئاياغ يولى،
شۇڭىمۇ تىرنىقى ئۆسمەيدۇ غولى.
ئون فۇڭنى خەجلەشكە تىتىرەيدۇ قولى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ساتقىلى ئەپ كىرسە ياڭاق يا گۈلە،
ئۇ كىلەر: يەر ھەققى تاپشۇرغىن، بولە؟...
ئۇ كىلەر :دەپ قېنى رەسمىيەت تۆلە!...
دەپ قالسا:سەل توختاڭ. ..دەر «يوقال ئۆلە!» ،
ئۇنىڭغا ھەممىسى توقۇيدۇ مۆلە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ دىسە:قىغ- تېزەك ھىدى بەستىدە...
ماۋۇ دەر:يول قىستاڭ ئۇنىڭ دەستىدە...
يولنى ئۇ ياسسىغان تۇرسا ئەسلىدە،
ھارۋۇسى ماڭالماس كوچا رەستىدە.
ئاھ، گويا ھەممىسى ئۇنىڭ قەستىدە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

خەزىنە تارقاتسا «يۆلەش پۇلى» نى،
بانكىر دەر:«ئۇ بىلمەس بېيىش يولىنى».
يۇيامدۇ بىزنى، بىز يۇيساق قولىنى؟
چىقىرىپ تۇرسا كېيىن دولا -غولىنى!
كۆزىمىز كۆرمىسۇن قەرزى تولىنى!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

مۇشۇنداق ھالەتتە دىھقان بىچچارە،
كۆزى ياش، دىلى خۇن يۈرىكى پارە.
ېەپتۈ جۇل، گېلى ئاچ، مىسكىن، ئاۋارە،
ھالىغا ۋاي ئۇنىڭ قەيەردە چارە.
ھەتتاكى جانغىمۇ تۆلەر ئىجارە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۈزۈلەي دىگەندە ماغدۇر- يىلىكى،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئارمان -تىلىكى.
ھال سوراپ كېلىشەر خىزمەت ئۆمىكى،
«يېتەمدۇ يىلىغا -دەپ ئوزۇق يىمىكى؟».
بارى -بار، نە ھاجەت «ئۇ-بۇ » دېمىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۆمەككە،
«ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسەز مۇنەككە».
بىز گويا قارچۇغا چۈشكەن خۇنەككە،
مۇھتاج بىز يۇرۇققا، بىر يار -يۆلەككە.
(دىمەك تەس بۇ گەپنى سىزدىن بۆلەككە)،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

جەدىۋەللەر« ئاشتى» غا يوللايدۇ ساننى،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى.
ئالدايدۇ ئۆزىنى، كۆر بۇ زىياننى،
پوچۈلۈق -«نوچۈلۈق» قىينايدۇ جاننى.
جەرىمانە توختىماي كولايدۇ ياننى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

كۆرۈڭلار ھالىمىز شۇ قەدەر ناچار،
ئاش تۆككەن قازناقتىن چاشقانمۇ قاچار.
يەي دېسەك تۈگىدى، يىمىسەك ئاچار،
بىز نىچۈن بوپ قالدۇق شۇ ھالغا دۇچار؟!...
كەتسەڭلار «چاقتىڭ!» دەپ قەھرىنى چاچار،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئىشقىلىپ بىرسى بار پەيلى بەزگەكتىن،
ئىمتىياز تەختىدە تۇرۇپ ئەزگەكتىن.
چىقمىسا بۇ قەستنى بىلگەك، سەزگەكتىن،
بولىمىز سەرگەردان -«جاھان كەزگەك» تىن.
گاراڭ بىز توختىماس تېپىك تەستەكتىن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

يۇرت-يۇرتتىن تەڭلەيدۇ كۆڭلەك، چاپان، كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىم كەش.
بىز شۇنداق تىلەمچى -گاداي، كۆڭلى غەش،
قىززىق ئىش، يەر مۇنبەت ھەر خاماندا چەش.
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«ئوغۇتمۇ پۇل!» دەيدۇ، يالتىراقمۇ ھەم،
«تۈگمەنمۇ پۇل! » دەيدۇ جېن چىراقمۇ ھەم.
«پۇل» دەيدۇ تاغارمۇ، توقۇناقمۇ ھەم،
«پۇل» دەيدۇ يولدىكى بوغۇناقمۇ ھەم.
پۇل قېنى؟پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

بىزنىڭمۇ باي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
لەۋلىرى ماي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
نامراتلىق نومۇسقۇ، بىزگە ئوزۇقمۇ؟
قىسمەتنىڭ پۈتكىنى ئامانەت، دوقمۇ؟
يوق ھەتتا تەسەللى-«ۋاي نىمە قوق» مۇ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىمىسىمۇ مەركەزدىن «باي بولسۇن دىھقان!»
قۇلاقنى يۇپۇرغاچ يەرلىك بەگ، خاقان.
ھەددىدىن ئاشماقتا«ئۈچ قالايمىقان» ،
بەس !ئەمدى سالمىساق بولمايدۇ چوقان.
چاچما دەپ سېلىقتەش يۈز -كۆزگە قوقان،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا!
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا!
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا!
كىم دېدى:دىھقانىڭ قېنىنى شورا؟
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقانمۇ ياشىسۇن، كۈلسۇن يايرىسۇن،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن.
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن، ئۆسسۇن -ئاينىسۇن،
قازىنى ماي كۆرسۇن، شورپا قاينىسۇن.
«ئۇھ...» دېسۇن، ھېيىت -بايرام، مەشرەپ ئوينىسۇن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

سەن بىزدەك گەردىنى قاتقان نەدە بار؟
مىۋە يەپ، شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نادە بار؟
ئەل يۇرتنى دىھقاندەك باققان نەدە بار؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن.
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغىرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن توي كۆرگەن -ناغرىدا ئۆسكەن.
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن،
تەس دىسە جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس!!!
ېادەم دۇنياغا ياشپغپلپ كەلمەيدۇ،ياراتپقپلپ كپل ..
دەرۈجە: رەسمۈي ېەزا
ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 212
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 0
ېومۇمۈي يازما: 263
ېۇنۋان:ياخشۈ ھازۈرغۈچە263دانە
ېۆسۈش: 310 %
مۇنبەر پۇلۈ: 2912 سوم
تۆھپۈسۈ: 0 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 0 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-06-08
ېاخۈرقۈ: 2012-03-28

بەرھەق ، دۈھقان بولماق ھەقۈقەتەن تەس، بەلكۈ گۇناھ................!
ھەق گەپ ېاچچۈق بولسۈمۇ ھەق سۆزلۈگۈن
دەرۈجە: سەھۈپە مەسېۇلۈ

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 65
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 13
ېومۇمۈي يازما: 1604
ېۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازۈرغۈچە1604دانە
ېۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلۈ: 19322 سوم
تۆھپۈسۈ: 30 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 5 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-05-31
ېاخۈرقۈ: 2011-06-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 14:41

شاېۈرۈمۈزنۈڭ ېوغلۈ دادۈسۈنۈ  ېازراق بولسۈمۇ دوريالۈسۈچۇ كاشكۈ.......................
كۆڭلۈ خوشلارنۈ كۈلدۈرگەن ياخشۈ ېەمەس كۆڭلۈ يېرۈملارنۈ كۈلدۈرگەن ياخشۈ
سەن كۈم ېۈدۈڭ كۈم بولدۇڭ يەنە كۈم بولماقچۈ
دەرۈجە: ېۇچقۇر پالۋان

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 1695
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 0
ېومۇمۈي يازما: 1133
ېۇنۋان:ېالاھۈدە ھازۈرغۈچە1133دانە
ېۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلۈ: 12233 سوم
تۆھپۈسۈ: 4 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 0 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-09-09
ېاخۈرقۈ: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 15:29

ياخشۈ
سەن كۈم ېۈدۈڭ كۈم بولدۇڭ يەنە كۈم بولماقچۈ
سەن كۈم ېۈدۈڭ كۈم بولدۇڭ يەنە كۈم بولماقچۈ
دەرۈجە: ېۇچقۇر پالۋان

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 1695
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 0
ېومۇمۈي يازما: 1133
ېۇنۋان:ېالاھۈدە ھازۈرغۈچە1133دانە
ېۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلۈ: 12233 سوم
تۆھپۈسۈ: 4 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 0 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-09-09
ېاخۈرقۈ: 2012-03-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 15:31

ھەقۈقەت ېۈگۈلۈدۇ ھەرگۈز سۇنمايدۇ
سەن كۈم ېۈدۈڭ كۈم بولدۇڭ يەنە كۈم بولماقچۈ
a
دەرۈجە: چولپان ېەزا
ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 2631
جۈنسۈ : يوشۇرۇن
نادۈر تېمۈسۈ: 0
ېومۇمۈي يازما: 945
ېۇنۋان:مۇنبەرداش ھازۈرغۈچە945دانە
ېۆسۈش: 1630 %
مۇنبەر پۇلۈ: 6376 سوم
تۆھپۈسۈ: 0 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 0 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-10-04
ېاخۈرقۈ: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 21:39

شاېۈرنۈڭ بالۈسۈ بولدۈ ېۇسۇلچۈ . دادۈسۈنۈ دورۈمۈدۈ ھەرگۈز ېۇ نوچۈ. بۈر كۇبلۈت شۈر يازسا ېۈلھام بولاتتۈ . دادۈسۈنۈڭ قەدرۈۈگە ېان يۈتەتتۈ  
ېەر بولساڭ ېەل  دەپ   ياشا
دەرۈجە: تۈرۈشچان ېەزا

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 3140
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 1
ېومۇمۈي يازما: 719
ېۇنۋان:قەلۈبداش ھازۈرغۈچە719دانە
ېۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلۈ: 5761 سوم
تۆھپۈسۈ: 2 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 1515 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-10-22
ېاخۈرقۈ: 2011-12-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 11:33

          
سەھرانۈ سۆيۈمەن!
دەرۈجە: تۈرۈشچان ېەزا

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 5001
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 0
ېومۇمۈي يازما: 1018
ېۇنۋان:ېالاھۈدە ھازۈرغۈچە1018دانە
ېۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلۈ: 7298 سوم
تۆھپۈسۈ: 2 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 0 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-12-19
ېاخۈرقۈ: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-18 13:30

ېۈشلۈتۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتۈكۈ oguzhan نۈڭ 2010-12-13 21:39 يوللۈغان يازمۈسۈغا نەقۈل :
شاېۈرنۈڭ بالۈسۈ بولدۈ ېۇسۇلچۈ . دادۈسۈنۈ دورۈمۈدۈ ھەرگۈز ېۇ نوچۈ. بۈر كۇبلۈت شۈر يازسا ېۈلھام بولاتتۈ . دادۈسۈنۈڭ قەدرۈۈگە ېان يۈتەتتۈ  

گەپ قۈلۈڭ دېسە بەك چوڭ يەردۈن چۈشۈدۈكەنسۈز،ېالدۈ بۈلەن ېانا يېزۈقۈڭۈزنۈ ېۆگۈنۈپ بولۇپ ېاندۈن مۇنبەرگە كۈرۈڭ بولامدۇ؟
1.يولۋاس يولۋاسنۈ يېمەيدۇ،پەقەت ېادەملا ېادەم بۈلەن ېۆزۈنۈ سەمرۈتۈدۇ. _تاگور
2.ېۆزۈنۈ ېۈپادۈلۈيەلمۈگەن كۈشۈ قۇل دېمەكتۇر._ېا.مۇھەممەتېۈمۈن
دوستلۈشۈش
جەڭچۈ
ېالدۈم يا بۈلەن ېوقنۈ ياۋنۈ ېاتارمەندەپ-كەيدۈم پ ..
دەرۈجە: ېۇچقۇر پالۋان

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 6814
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 0
ېومۇمۈي يازما: 1546
ېۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازۈرغۈچە1546دانە
ېۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلۈ: 16128 سوم
تۆھپۈسۈ: 0 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 0 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2011-03-29
ېاخۈرقۈ: 2012-03-26
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-18 20:20

شۇنداقمۇ ؟ ھازۈر مۈنۈڭچە  ېۇ   ي  غ  ۇ   ر       بولاماق تەس بوپ قالدۈ . مەن قارسام دۈھقانلارنۈڭ كۈنۈ ېۈلگۈركۈدۈن كۆپ ياخشۈ.
دۈشمەنلۈرۈمگە ېۆزۈم تۈتۈيمەن ،قۈرۈنداشلۈرۈمنۈڭ سۈيقەستۈدۈن ساقلۈغۈن ېۇلۇغ ېاللاھ.