باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14081 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى سەۋەپ( ئەڭ موھىم)
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-11 21:50

سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى سەۋەپ( ئەڭ موھىم)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-12)
بىز نىمىشقا پەقەت قۇرئانغىلا ئەگەشمەستىن ، پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ سۈننىتىگىمۇ ئەگىشىشىمىز لازىم ؟ نىمىشقا مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشىمىز كىرەك ؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى سۇئال ئىخلاسمەن ، ئەمەلىيەتچىل مۇسۇلمانغا غەلىتە ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغاندەك كۆرىنىدۇ . ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى شۇنداق ئىنىق بولغان بىر نەرسە قانداق بولۇپ بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ؟ بىراق سۇئال سورالغان بولغاچقا ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ، سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئاساسلىرى ۋە پرىنسىپلېرىنى ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ لازىملىقىنى ، ئۇنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمىنى تەقدىم قىلىمىز . شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ، شەكلەنگۈچىلەر ۋە ئۆزىنى [قۇرئانىييىن(قۇرئانچىلار)]دەپ ئاتىۋالغان ئازغۇن گۇرۇھلارغا-قۇرئان ئۇلاردىن ئادا-جۇدادۇر - ردددىيە بېرىمىز . خۇدا خالىسا بۇ بايانلار مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشنى خالايدىغان ھەرقانداق كىشىگە پايدا ئىلىپ كىلىدۇ .
سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئىسپاتى
(1) قۇرئان سۈننۈتنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەيدۇ ، مەسىلەن:
(ئا) ئاللاھ دەيدۇ : « كىمكى ئاللاھ ئەلچىسىگە بويسۇنىدىكەن ئاللاھقا بويسۇنغان بولىدۇ . . . » [ ئاياللار 4 : 80 ] ئاللاھ پەيغەمبەرگە بويسۇنۇشنى ئۆزىگە بويسۇنۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ سۈپەتلىدى . ئاندىن ئۇ ئۆزىگە بويسۇنۇش بىلەن پەيغەمبەرگە (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) بويسۇنۇشنى بىرلەشتۈردى : « ئى مۇئىمىنلەر ! ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار ھەمدە ئەلچىگە بويسۇنۇڭلار . . .» [نىسا( ئاياللار) 4 : 59 ]
(ب) ئاللاھ بىزنى پەييغەمبەرگە قارشىلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىنى مەڭگۈلۈك دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : « پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنياداچوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن . » [ نۇر 24 : 63 ]
(س) ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بويسۇنۇشنى بىر دىنىي بۇرۇچ قىلدى ؛ ھەمدە ئۇنىڭغا قارشىلىشىشنى مۇناپىقلىقنىڭ بىر بەلگىسى قىلدى : « (ئى مۇﻫەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ﻫۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ﻫۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ . » [ نىسا (ئاياللار) 4: 65 ]
(د) ئاللاھ بەندىلىرىنى ئۆزىگە ۋە ئەلچىسىگە ئاۋاز قوشۇشقا بۇيرىيدۇ : « ئى مۆمىنلەر! اللە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان( يەنى ئەبەدىي ﻫاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنڭغا ئاۋاز قوشۇڭلار . . . »
[ ئەنفال ( غەنىمەتلەر ) 8: 24 ]
(ئې ) ئاللاھ بەندىلىرىنى يەنە بارلىق ماجرالارنى ئۇنىڭ بىر تەرپ قىلىشىغا سۇنۇشقا بۇيرىيدۇ : « . . . ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اللە غا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار . . . » [ نىسا ( ئاياللار) 4: 59 ]
(2 ) سۈننەتنىڭ ئۆزى سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن :
(ا) تىرمىزىي ئەبۇ رافىئې ۋە باشقىلاردىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « مەن ، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ مىنىڭ يوليورۇقلىرىمنى ياكى چەكلىمىلىرىمنى ئاڭلىغاندا ، كارۋىتىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ : مەن بۇنى قوبۇل قىلمايمەن ؛ بىز ھىچ ئۇنداق نەرسىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا بايقىمىدۇق . دىيىشىنى ، كۆرۈشنى خالىمايمەن . » ئەبۇ ئەيسا : بۇ سەھىيھ ياخشى ھەدىيس دىگەن . [ «سۈنەنى تىرمىزىي» شاكىر نەشىرى ، 2663 - گە قاراڭ ]
ئىرباد بىن سارىيە ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ، نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : « سىلەرنىڭ بىرىڭلار كارۋىتىغا يۆلەنگەن ھالدا ، ئاللاھ چەكلەنگەن نەرسىنى پەقەت قۇرئاندىلا بايان قىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ ؟ مەن سىلەرگە دەي ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، مەن ئاگاھلاندۇرغان ، بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن نەرسىلەر قۇرئاندىكى نەرسىگە ئوخشاش ياكى كۆپ . » [ ئەبۇ داۋۇت نەقىل قىلغان ، « كىتاب ئەل خىراج ، ئىمارە ۋەل فەيئى » ]
(ب) ئەبۇ داۋۇت يەنە ، ئىرباد بىن سارىيە دىن نەقىل قىلدىكى ، « ئاللاھ ئەلچىسى بىر كۈنى بىزگە نامازدا ئىمام بولدى ، ئاندىن ئۇ بىزگە بۇرۇلدى ھەمدە بىزگە قاتتىق ۋەز قىلدى . . . « مىنىڭ سۈننىتىمگە(يولۇمغا ) ۋە مىنىڭدىن كىيىنكى توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ يولىغا دىققەت قىلىڭلار ، ئۇنىڭغا يىپىشىڭلار ھەمدە ئۇنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار . » [ سەھىيھ ئەبۇ داۋۇت ، كىتاب سۈنەن ] .
(3) ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى (ئىجمائې) سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى دەلىللەيدۇ .
شافىئېي مۇنداق دىگەن : مەن ساھابىلار ھەمدە تابىئېينلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ئەلچىسىدىن بىر ھەدىيسنى نەقىل قىلىپ ، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان ، ئۇنىڭغا يىپىشمىغان ھەمدە ئۇنىڭ سۈننەتلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرمىگەن بىرەرسىنى ئۇقمايمەن . كىمكى بۇ يولدىن ئايرىلىدىكەن پەيغەمبەرنىڭ ھەمرالىرى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئالىملارنىڭ يولىدىن ئايرىلغان بولىدۇ ، ھەمدە نادانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ .
(4) ئەقىل سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ .
پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى بىزنىڭ ئۇ دىگەن ھەربىر نەرسىگە ئىشىنىشىمىز كىرەكلىكىنى ھەمدە ئۇ بەرگەن ھەر بىر بۇيرۇققا بويسۇنىشىمىز كىرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ . ئەلۋەتتە ، ئۇ قۇرئاندىكى نەرسىلەردىن زىيادە بۇيرۇقلارنى بەردى ۋە ئىشلارنى خەۋەر قىلدى . سۈننەت بىلەن قۇرئاننىڭ ئارىسىنى ئايرىۋىتىش ، ئۇنىڭغا يىپىشىشنىڭ لازىملىقى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشتا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋىتىش بولسا توغرا بولمىغان ئايرىۋىتىش . ئۇ بىزگە دىگەن نەرسىگە ئىشىنىشىمىز ، ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنىشىمىز ۋاجىپ .
سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى بولسا ئۇلار كاپىرلار ، چۈنكى ئۇلار دىننىڭ ھەممىگە مەلۇم بولغان ھەمدە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان قىسمىنى ئىنكار قىلدى ۋە رەت قىلدى .
سىزنىڭ ئىككىنچى سۇئالىڭىز ، مۇسۇلمان مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشى تەلەپ قىلىنامدۇ -يوق دىگەن مەسىلىگە كەلسەك ، جاۋاپ - ئۇنىڭ لازىمى يوق . ھەر بىر ئادەتتىكى مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ مەزھىپى بولسا ئۇنىڭ فەتىۋاچىسىنىڭ ياكى دىنى ئىشلاردا مەسلەھەت سورايدىغان ئالىمنىڭ مەزھىپى بولىدۇ ؛ ئۇ ئۆزى ئىشىنىدىغان ، تەقۋا ئالىملاردىن فەتىۋا سورىشى كىرەك . ئەگەر بىر كىشىدە قايسى دەلىل ۋە قاراشلارنىڭ كۈچلۈكرەكلىكىنى بىلەلەيدىغان يىتەرلىك بىلىم بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئەڭ كۈچلۈك دەلىلگە ئىگە بولغان قاراشلارغا ئەگىشىشى كىرەك . مۇسۇلمان مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ بىرىگە ئەگەشسە بولىدۇ ، شەرىت ، ئەگەر ئۇ مەلۇم بىر مەسىلىدىكى ھەقىقەتنىڭ باشقا بىر مەزھەپتە ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە ، بۇ ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەزھىپىنىڭ قارىشىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ھەقىقەتكە ئەگىشىشى كىرەك . مۇسۇلماننىڭ نىشانى قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدىكى ھەقىقەتكە ئەگىشىش . فىقھى مەزھەپلىرى بولسا پەقەتلا قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدىكى ئەھكاملارنى بىلىشنىڭ يوللىرى بولۇپ ، قۇرئان ۋە سۈننەت ئەمەس .
بىز ئاللاھتىن بىزگە ھەقىقەتنى كۆرسىتىشىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە ياردەم قىلىشىنى ، ھەمدە بىزگە ناھەقىقەتنى(باتىلنى) كۆرسىتىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز . ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) مەنپەئەتلىك ..
  • ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
    ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
    باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
    بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4953
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 159
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
    ئۆسۈش: 590 %
    مۇنبەر پۇلى: 1385 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-17
    ئاخىرقى: 2012-06-27
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 21:30

    توپتوغرا بىر ئىشنى ئىككىگە پارچىلاپ،ئاندىن ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئارا سوقاشقا سىلىپ ئويناش ياخشى ئىشمۇ؟
    ياكى  مۇناپىقمۇ سىز؟