باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 819 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى (2) _ ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشى
ئەپۇچانلىق - ئىنسان تەبئىتىدىكى گۇزەل ئەخلاق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1589
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 162
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە162دانە
ئۆسۈش: 1080 %
مۇنبەر پۇلى: 2420 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2012-03-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-11 14:34

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى (2) _ ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشى

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى (2) _ ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشى

       قۇرئاندا ئىنسانلار ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىلغاندا ھەر تۇرلۇك تىمىلار سۆزلىندۇ    . ئاللاھ بەزىدە ئاسمانلارنى ، بەزىدە يەر يۇزنى ،بەزىدە ھايۋانلارنى ۋە بەزىدە ئۇسۇملۇكلەرنى ئىنسانغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ .يەنە نۇرغۇن ئايەتتە ئىمساننىڭ ئۇزنىڭ بىۋاستە يارتىلشىغا قاراپ بېقىشنى نەسھەت قىلىندۇ.ئىنساننىڭ دۇنياغا قانداق كەلگەنلىكى قايسى باسقۇچلاردىن ئۆتكەنلىكى ۋە ئاساسى ماددىسنىڭ نىمە ئىكەنلىگى پات- پات ئەسلىتىلدۇ . مەسلەن تۇۋەندىكى ئايەتلەردە شۇنداق دىيىلگەن :
       <  ئىنسانلار ! سىلەرنى بىز ياراتتۇق ،سىلەر قايتا تىرلىشكە ئىشەنمەمسىلەر ؟ سىلەر ( ئاياللارنىڭ بەچچىدانغا ) تۇكۇلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ ؟ ئۇنى سىلەر ( ئىنسان  قىلىپ) يارتالامسىلەر ؟ ياكى بىز  ( ئىنسان  قىلىپ) يارتامتۇق ؟  ( ۋاقئە سۇرىسى _  57-59 ئايەت)
    ئىنساننىڭ يارتىلشىدىكى مۆجىزلىك تەرەپلەر يەنە نۇرغۇن  ئايەتلەردە ئالاھىدە بايان قىلىندۇ .بۇلار 7 - ئەسىردە ياشىغان ئىنسانلار ئەسلا بىلمەيدىغان ئىنىچكە تەرەپلەردۇر .مانا بۇلارنىڭ بەزىلىرى :
    1 ) ئىنسان مەنى سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەممىسدىن ئەمەس ،ئەكسىنچە ناھايتى كىچىك بىر پارچىسدىن (ئۇرۇقتىن ) يارتىلدۇ.
   2 ) بوۋاقنىڭ جىنسىنى ئەر كىشى بەلگىلەيدۇ .
  3 ) ئىنسان ھامىلىسى ئانىنىڭ بالياتقۇسىغا خۇددى بىر سۇلۇكتەك چاپلىشىدۇ .
  4 ) ئىنسان ئانا بالياتقۇسدا ئۇچ قاراڭغۇ بۇلەكتە تەرەققى قىلدۇ .
   يۇقۇردا رەتكا تۇرغۇزۇلغان بىلىملەر قۇرئان نازىل قىلىنغان دەۋىردە بىلنىشى مۇمكىن بولمىغان ۋە كۇزتىلەلمەيدىغان ئىنىچكە تەرەپلەردۇر . بۇلارنىڭ بايقىلشى پەقەت 20 - ئەسىر تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىشى بىلەن بولدى .
    ئەمدى بۇ بىلىملەرنى رەت تەرتىپى بۇيچە تەھلىل قىلايلى :
مەنىيدىن بىر تامچە
   ئۇرۇقلار تۇخۇمغا ئۇلاشقۇچە ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر  جەريانلارنى باشتىن كەچۇردۇ . بۇ جەرياندا 250 مىليۇن ئۇرۇقتىن پەقەت مىڭدەك ئۇرۇق تۇخۇمغا مۇۋاپىقيەتلىك ئۇلۇشالايدۇ ،بەش مىنۇتتىن كىيىن ئاخىرلىشىدىغان بۇ رىقابەت كۇرشىدە يېرىم تۇز دانىسى چوڭلۇقتىكى تۇخۇم ئۇرۇقتىن پەقەت بىرنىلا قۇبۇل قىلدۇ،يەنى ئىنساننىڭ ئۇزى مەنىنىڭ ھەممىسى ئەمەس ، ئۇنىڭدىن كىچىك بىر پارچىسدۇر .قۇرئاندا بۇ ھەقىقەت < قىيامەت > سۇرىسدە مۇنداق بايان قىلىنغان :
    < ئىنسان ئۇزىنى بىكار قۇيۇپ بىرىلدۇ ،دەپ ئويلامدۇ ؟ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۇكۇلدىغان بىر ( ئاجىز مەننى) ئەمەسمىدى ؟ >  ( قىيامەت سۇرىسى 36-37 ئايەت )
   دىققەت قىلىنسا ، قۇرئاندا ئىنساننىڭ مەنىنىڭ ھەممىسدىن ئەمەس ، ئۇنىڭ كىچىك بىر پارچىسدىن شەكىللەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ تۇرماقتا.
   
 كىيىنكى  تەھلىلەرنى يەنە داۋاملىق تورداشلارغا يوللاپ تۇرمەن ،  ھىممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
        (  تۇركىيەلىك ئۆمەر چېلىك   يازغان < قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى >  دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى .   شىنجاڭلىق < نەۋقىران > كۇچۇرۇپ  تور ئەھلىگە سۇندى .