باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 17044 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كروران گۈزىلىبىلەن ئوغۇز خاقان
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1475
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1475دانە
ئۆسۈش: 12570 %
مۇنبەر پۇلى: 13901 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-11 08:19

كروران گۈزىلىبىلەن ئوغۇز خاقان

ئەسكەرتىش: بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-13)




<كروران گۈزىلى> - ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە بىجىرىم ساقلانغانلىقى ، شۇنداقلا قەدىمىي مەدىنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرىدىن بولۇشى سەۋەبلىك تولىمۇ مەشﻬۇر . ئېلىمىز ئارخىئولوگلىرى بۇ قەدىمىي جەسەتنى 1978 - يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى قەدىمكى قەۋرىستانلىقتىن قېزىپ چىقارغان ، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ لوپ كۆلى بىلەن ئارىلىقى 70 كىلومېتىر بولۇپ ، كروران قەدىمكى شەﻫىرىدىن كورلا تەرەپكە يۈرىدىغان يىپەك يولى بويىدا ، ئۇنىڭ كۆنچى دەريانىڭ قۇرۇق ئېقىنى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ . ئارخېئولوگ ۋاڭ بىنخۇا ئەپەندى بۇ قەبرىستانلىق ﻫەققىدە : " بۇ قەدىمكى قەبرىستانلىق بىزگە شىنجاڭ رايونىدا ناﻫايىتى قەدىمىي ، رايون ئالاﻫىدىلىكى ۋە يەرلىك مىللىي ئالاﻫىدىلىككە ئىگە ئارخېئولوگىيىلىك مەدىنىيەتنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . " دېگەن . ( ۋاڭ بىنخۇا ئەپەندىنىڭ "يىپەك يولى ئارخېئولوگىيىسى ئۈستىدە تەتقىقات" ناملىق ماقالىسىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 188 - بەت )
    <كروران گۈزىلى> بايقالغاندىن كېيىن ئېلىمىزدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق ﻫەم دەپنە بويۇملىرىنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ مۇندىن 3800 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن .
تەتقىقاتلار ئارقىلىق <كروران گۈزىلى> ۋاپات بولغاندا تەخمىنەن 40 - 45 ياشتا ئىكەنلىكى ، قان تىپىنىڭ O ، بوي ئېگىزلىكىنىڭ 155.8 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان .
   ئارخېئولوگ مۇ شۇنيىڭ خانىم : < كروران گۈزىلى>نىڭ ئەينى چاغدىكى ﻫالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : " بۇ بىر ئايالنىڭ جەسىتى بولۇپ مۇكەممەل ساقلانغان ، بويى 1 مېتىر 50 سانتىمېتىر ، جەسەتنىڭ يۈزى سۈزۈك بولۇپ ، نېپىز لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلغان . جەسەتنىڭ تېرە ، تىرناق ۋە چاچلىرى سارغۇچ قوڭۇر بولۇپ مۈرىسىگە تەبىئىي چېچىلىپ تۇرىدۇ ... "
   <كروران گۈزىلى > ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى ﻫەققىدە ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا مۇنداق دەپ يازىدۇ : لەﻫەت سوقۇچاق تۆت چاسا قېزىلغان بولۇپ ، چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا ، ئۇزۇنلۇقى 1.74 مېتىر ، كەڭلىكى 0.7 مېتىر . لەﻫەت ئىچىگە بىر ئايالنىڭ جەسىتى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان پېتى دەپنە قىلىنغان . يۈزىگە كەندىر چىۋىقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن ناﻫايىتى قېلىن ۋە زىچ قاتۇرۇپ توقۇلغان بىر خىل ئالاﻫىدە ياپقۇ يېپىلغان . ئايالنىڭ بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق قالپاق كىيگۈزۈلگەن بولۇپ ، قالپاقنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پىيى قىستۇرۇلغان . ئۇچىسىغا (بەدەننىڭ يۇقۇرقى قىسمىغا ) قوڭۇر رەڭلىك يۇڭ توقۇلما يۆگەلگەن بولۇپ ، كېپەنلىك قىلىنغان بۇ يۇڭ توقۇلمىنىڭ قىرغاقلىرى ئۇچلاپ تەييارلانغان بىگىزسىمان ياغاچلاردىن ناﻫايىتى قېلىن ۋە زىچ قىلىپ قاتۇرۇپ توقۇلغان . تەكتىگە يۇمۇلاق بىر ئالاﻫىدە بويۇم ( بۇ خىل ئالاﻫىدە بويۇمدىن سۇ ئۆتمەيدۇ ) قويۇلغان . پۇتىغا كىگىز تېرىسىدىن تىكىلگەن يوپۇچ كىيگۈزۈلگەن ..... » ( "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن مۇنبىرى" ژورنىلى 1997 - يىللىق 21 - سانى 76 - بەت ، ئۇيغۇرچە نەشرى )
   <كروران گۈزىلى>نىڭ ﻫازىرقى بىز كۆرۈۋاتقان رەسىمى ياپونىيە دۆلەتلىك ئىلىم - پەن مۇزېيى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئېلىكتىرونلۇق مېڭە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .


ووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووووو



سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ، خىلمۇ - خىل قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان بىر باغ . بۇ يەردە يۈزلىرى كۆك ، ئاغزى ۋە كۆزى قىزىل ، بەدىنىنىڭ تۈكلىرى پارقىراپ تۇرغان ، بۇقا پۇتلۇق ، بۆرە بەللىك ، يىلپىز يەلكىلىك غايەت زور بىر نۇرانە ئىنسان ئۆز يېنىدىكى ئوغۇللىرىغا سۆزلەۋاتاتتى ، ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىسمى قىزىقارلىق بولۇپ ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، كۆك ، تاغ ، دېڭىز ئىدى . بالىلارنىڭ يېنىدا كۆك يايلىلىق بۆرە شوخلۇق بىلەن ئويناپ يۈرەتتى .
بالىلار بىر - بىرىدىن نۇرلۇق ۋە قامەتلىك بولۇپ ، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى .
شۇ تاپتا ھاياجان ۋە تەنتەنە بىلەن سۆز قىلىۋاتقان ئاتا يىراقتىن كېلىۋاتقان قوڭۇر چاچلىق ، كۆك كۆزلۈك ، قاڭشارلىق قىزنى كۆرۈپ ، سۆزدىن توختاپ قالدى . بالىلارغا سۆزلەۋاتقىنى < ئوغۇز خاقان > ، ھېلىقى قىز بولسا < كروران گۈزىلى > ئىدى .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، _ دېدى كراوران گۈزىلى ھەممەيلەنگە تازىم بەجا كەلتۈرۈپ .
_ خۇش كەپسىز ، مەرھابا . . .
ئوغۇز ئاتا بالىلارغا ئىشارە قىلىۋېتىپ ، كۆك بۆرىنى ئەگەشتۈردى - دە ، قىز بىلەن باغنى ئايلانغاچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .
_ ھە ، سىڭلىم ، ئۆزىڭىز يالغۇز ئايلىنىپ كېتىپسىزغۇ ؟
_ شۇنداق ، _ دەپ ئېغىر خۇرسىندى كروران گۈزىلى ، _ پانىي دۇنيادىكى ئەۋلادلىرىم مېنى ھېلىھەم ياد ئېتىپ تۇرۇپتۇ ، بەزى ئىشلارنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايۋاتىمەن . . .
_ ۋوي ، بۇ ياخشى گەپقۇ ، نېمىشقا خۇرسىنىسىز ؟ _ ئەجەبلىنىپ سورىدى ئوغۇزخان .
_ ھەي ، ئاڭلىسام ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆڭ - سىنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرۇپتۇدەك ، بىزنىڭ قانداش نەسىلداشلىرىمىز ھېلىقى < جاھاننامە ئەينىكى > ئارقىلىق بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ ، نۇرغۇن ناخشا - قوشاقلارنى توقۇپ ، كىتابلارنى يېزىپ ، سەھنىدە تىياتىرلارنى ئويناپ يۈرۈپتۇدەك . . .
_ ئاپىرىن ، سىڭلىم ! _ دېدى ئوغۇزخان ، _ مەنمۇ ئاڭلىغانمەن بۇلارنى ، زاماننىڭ تەرەققىياتى دېگەن شۇ ، بىز بۇنىڭدىن خۇشھال بولمىقىمىز ئەۋزەل .
_ خۇشھال بولدۇم . لېكىن يېقىندىن بۇيان مېنىڭ نامىم ئەقىلنى بۇلغايدىغان ھاراق بوتۇلكىلىرىدا ، كەچكىچە كەيپ - ساپا قىلىدىغان رېستۇرانلاردا پەيدا بوپتۇ ئەمەسمۇ ؟ !
_ ھىم . . . ، _ ئوغۇزخان مەنىلىك كۈلدى ، _ ئۆزىڭىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
_ مەن بىر ئايال زاتى _ ئانا تۇرسام ، ئۇنداق نەرسىلەرگە نامىمنى ئىشلىتىش تازا مۇۋاپىق ئەمەستۇ ؟ _ كروران گۈزىلى ئوغۇزخانغا سوئال نەزەرى بىلەن قارىدى .
_ ئۇغۇ شۇ ، _ ئوغۇزخان بىر پەس تىنىۋالدى .
_ سىز شارابخۇمار بولغاچقا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايۋاتىسىز ، _ كروران گۈزىلى سەل ئاچچىقلاندى .
_ ھا ھا ھا ، _ ئوغۇزخان قاتتىق كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختاتتى ، _ ئۇنداق ئەمەس ، يېقىندا يەنە < ئوغۇزخان > ماركىلىق ھاراقمۇ دۇكان ، بوتكىلارغا سېلىنىپتىغۇ ، خەۋىرىڭىز باردۇ ؟
_ سىزغۇ مەيلى ، تۇغۇلۇپ قىرقىڭىز توشماستا مەي - شاراب تەلەپ قىلىپ ئىچكەن ، شۇڭا . . .
_ قانداق گەپ بۇ ؟ ! _ ئوغۇزخان قاتتىق غەزەبلەندى . كروران گۈزىلى قىلغان گېپىگە پۇشايمان قىلدى - يۇ ، ئامالسىز قالدى .
_ ماڭا قاراڭ قىزچاق ، مەن تارىختا پەقەت شاراب ئىچىپلا ئۆتكەنمۇ ؟ ئەمدى كېلىپ ئەۋلادلىرىم مېنىڭ شۇ ئىشىمنىلا ئۈلگە قىلىشى كېرەكمىدى ؟ ئەجەبا ، مېنىڭ ياۋۇز قىئاتنى ئۆلتۈرۈشۈم ، ئۇيغۇرلارنى ئەتراپىمغا ئۇيۇشتۇرۇشۇم ، بېشەم زالىملارنىڭ دەككىسىنى بېرىشىم ، قەبىلىلەردە ئىزگۈ تەرتىپ ئورنىتىپ ، ئاۋامنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشۈم ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ بۈيۈكلۈكىنى جاكارلىشىم . . . پەقەت شۇ مەي - شاراب ، ھاراقنىڭ كۈچىدىنمىدۇ ؟ _ ئوغۇزخاننىڭ چىرايى تېخىمۇ كۆكىرىپ كەتتى .
_ مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن ، رەنجىمەڭ ! _ كروران گۈزىلى نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى .
_ دېمەك ، بىزنىڭ نەسىلداشلىرىمىز ئۆز تارىخىنى ۋە ئۆزىنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيدىكەن .
_ شۇنداق ، _ دېدى كروران گۈزىلى جانلىنىپ ، _ ئۇلار بىزنى ھەقىقىي چۈشەنمىگەن ، ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جايلىرىمىزنى ئۆگەنمەي ، سەلتەنەتلىك نامىمىزنى نەدىكى بىر تاۋارلارغا ماركا قىلىش ئارقىلىق ئاتالمىش " ئىناۋىتى "نى تىكلىمەكچى بولغان .
_ قارىغاندا ، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ، مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇپتۇ ، _ ئوغۇزخاننىڭ بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈشكە باشلىدى .
_ ئاڭلىسام ، باشقا ئەللەردە شۇ دۆلەتنىڭ داڭلىق كىشىلىرىنىڭ نامى پەن - تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يېڭى ، ئەڭ زامانىۋىي مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىكەن . . . بىزدىچۇ ؟
_ بۇمۇ ئاڭسىزلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى ! _ ئوغۇزخاننىڭ ئاغزى يوغان ئېچىلدى .
_ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلادلاردىن نەمۇنە ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس دەڭا .
_ شۇنداق ، ئۇلاردىن " ئوغۇزخان ، كروراننى بىلەمسىز ؟ " دېسە بىزنىڭ دۇكاندىكى باھايىمىزنى دەپ بېرىدىغان ، " ئەلىشىرنى بىلەمسىز ؟ " دېسە ، پۇتۇمدىكى شۇ ، دەيدىغان بولىدۇ ، ھەقىچان ، _ ئوغۇزخان قاتتىق مەيۈسلەندى ، بۇنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېنىقلا بىلگىلى بولاتتى . ئىككىسى بىر - بىرىگە قاراشتى .
_ بولدىلا ، بىز بۇ يەردە مىڭ سۆزلىگەن بىلەن ئۇلار بۇنى ھېس قىلالايتتىمۇ ؟ _ دەپ ئېغىز ئاچتى كروران گۈزىلى مېڭىشقا تەمشىلىپ ، _ يۈرۈڭ ، شاھانە باغنىڭ ئېسىل مېۋىلىرىدىن لەززەتلىنەيلى .
_ ھېچ بولمىسا چۈشىدە ئايان بولىدۇ : ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلغاندا چۈشى بۇزۇلىدۇ ، ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلغانلىرىدا شېرىن چۈش كۆرىدۇ . ئەجدادلارنىڭ روھىنى قورۇندۇرمايدىغان ، ئەۋلادلىرى ئالدىدا يۈزى يورۇق تۇرالايدىغان كىشىلەر ھامان كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىدۇ ، _ دېدى ئوغۇزخان ئۈمىدلىنىپ .
_ ھەي ، _ كروران گۈزىلى قوڭۇر چاچلىرىنى سىيلاپ قويدى ، _ ھازىرقى كىشىلەر تەرەققىي قىلغانلىقتىن ، چۈشىنىمۇ بىر خىل " ساختا تۇيغۇ " دەپ چۈشىنىدىكەن ، تېخى !
_ ساختا ؟ _ ئوغۇزخان ئۆكۈزنىڭكىدەك پۇتلىرى بىلەن يەرنى قاتتىق تەپتى ، _ دېمەك ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىزمۇ ساختىكەنمىز - دە ؟
_ شۇنداق ، _ ئېغىر خۇسىنىپ قويدى كروران گۈزىلى ، _ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەينى خۇددى سۇنى ئىچكەندەك ئىچىشەرمىش ، ئەتىگەندىن كەچكىچە پو ئېتىشىپ ، بەزمە - مەشرەپ قىلىشىپ ، غەيۋەتلىرىدە ئەيىب - نۇقسان ئىزدىشىپ كۈننى كەچ قىلىشارمىش . قارىغاندا روھىمىزنى ئاشۇنداق غۇرتۇلدىتىپ ئىچىپلا تۈگىتىشسە كېرەك ، قەغىزىنى ئەخلەتخانىغا ، بوتۇلكىسىنى يەنە نەلەرگىدۇر تاشلىشىپ . . .
ئوغۇزخاننىڭ نېمىلەرنىدۇ دېگۈسى باردەك قىلسىمۇ ، ھېچنېمە دېمىدى ۋە ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا چوڭقۇر تىنىپ قويدى . شۇ تەرىزدە ئۇلار ئېغىر قەدەملەر بىلەن باغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كېتىشتى . نېمىشقىكىن ، يەردىن ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى .