ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر
يۇنۇس زۇننۇن
تۇتالمايمەن سېنى
ماڭا شۇنچە يېقىن بولساڭمۇ
كېسىلگەن قوللىرىم بىلەن،
چاقىرالمايمەن ئىسمىڭنى
تىنىقىمدا بولساڭمۇ
ئۇيغۇر تىلىم بىلەن،
يازالمايمەن سېنى
قەلىمىم ئاستىدىن تۆكۈلۈپ تۇرساڭمۇ
ئۇيغۇر يېزىقىم بىلەن،
سانايمەن ئۆتۈۋاتقان كۈنۈمنى
ساڭا ئىپادە بولالمىغان جىسمىمنى قۇچاقلاپ
ئۇتتۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا يۈرەك ياماپ
ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر.
قەلەندەر نان تىلەپ كەلسە ئالدىمغا
مەن سۆز تىلەپ تىلىمغا چىقىمەن سەپەرگە
سىڭىپ كېتىمەن ناتونۇشلارنىڭ ئىپپىتىگە
نامراتلىققىم ئاشكارلانغان تىلىمدا،
بېرلىن تېمىغا يېزىلغان خەتلەر
تىنىپ كەتتى تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىغا
تېرىپ ئوينايدۇ مېنى
ياتلارنىڭ سۆزى ئۆز ئىختىيارلىقىدا
تۇيغۇغا چىلاندۇق بۈگۈن
سۆز تۇزلاندى تەنلىرىمىزدە
كېسىلگەن تىللارغا بىخ كۈتۈپ
ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر.
بۈگۈن
سىپارتاكنى يازغان شېئىر
تىنالمايدۇ ئۇيغۇر تىلىدا،
ھىراكلېسنى يازغان شېئىر
قېتىپ قالىدۇ ئۇيغۇر تىلىدا
ھۈپېرىيوننى يازغان شېئىر
سىڭىشمەيدۇ ئۇيغۇر تىلىدا،
مۇتەنەببىنىڭ شېئىرلىرى
سورۇپ كېتىدۇ ئۇيغۇر تىلىنى،
مۇئەررىنىڭ شېئىرلىرى
قىيناپ قويىدۇ ئۇيغۇر تىلىنى
سۈرگۈن قىلىنغان تىل
زاماننىڭ قىزىل تېمىغا
يۈرەكنى سىقىپ سىياھ تۇتۇپ
ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر.
كۆيۈشۈپ ئولتۇرىمەن سۆز بېشىدا
ئۇيغۇر تىلىى قانىغاندا
شائىرلارنىڭ تىلىدا،
مەھمۇدنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىزلەپ
يۈتىۋېلىنغان زېمىننى،
نىزارنىڭ سۆزىدىن تىلەپ
بېلىقىسنى يېگەن بومبىنىڭ ئۈنىنى
ئۆتتى كۈنۈم ئۇيغۇر تىلىدا ناشتا قىلىپ
ئوغلۇم يېۋاتقان زاغرىغا جان بولۇپ
ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر.
قىستاپ قويدۇڭ مېنى ھاياتتا
سۈرۈپ روھىمنى ئىزگۈ دۇنيانىڭ گىرۋىكىگە
قەلبىمگە سۆزلەيدۇ كائىنات...
مەن سۆز بولالمىدىم بىر ئىېغىز
ماڭا ئەجىر قىلغانلارنىڭ قەلبىگە
مەۋجۇدلىقىمنىڭ نىشانىسىگە...
ئۇيغۇر تىلىم مومىيالاندى تىلىم بىلەن
مەن كېپەنلىدىم تۇيغۇمنى يۈرىكىم بىلەن...
كىرورەن پادىشاھلىقىنىڭ قەدىمىي كوچىسى
ئۇيغۇر تىلىدا ئەۋجگە چىققان قايناق بازار
مەن كۆمۈلدۈم ئاشۇ بازارغا
ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر.
مەنبە : ئۆزۈم