باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3293 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نىئمەتلەرنى ئۇلۇغ دىيىش گۇناھ(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 12:42

نىئمەتلەرنى ئۇلۇغ دىيىش گۇناھ(ھەمزە)

                         


بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزلەرنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بىزگە يارتىپ بەرگەن بەزى نىئىمەتلىرىىنى ئۇلۇغ دەپ ئۇنى چوڭ بىلىش،ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىش،ھەتتا دىنىمزنىڭ بەزى قائىدىلىرى قاتارىدىن قىلۋېلىشتەك خاتا ئەقىدىلەر مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا.

بەزىلىرىمىز تۇزنى ئۇلۇغ دەيمىز. ھەتتا نىكاھ قىلغاندا شۇ تۇزنى يىگۇزمىگۈچە نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرمايمىز.تۇزنى تامىقىمىزغا ئىشلەتكەندىن سىرت دىنىمزغىمۇ سۆرەپ ئەكىرۋاتىمىز. بۇمۇ تۇزنى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر كىشىنى سۆزىگە ئىشەندۇرۇش ئۇچۇن تۇز بىلەن قەسەم قىلىپ بىرىدۇ. يەنە بەزىلەر بىرسىگە گەپ قىلماقچى بولسا‹‹بىز تۇز يىيىشكەن›› دىگەن گەپنى قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بالىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ‹تۇزغا دەسسىمە بولمىسا قارغۇ بۇپ قالىسەن› دەيدۇ.

بىلىڭكى تۇزنىڭ قۇلىدىن پەقەتلا نورمال ئىشلەتسە تائاملارغا تەم كىرگۈزۈش،زىيادە ئىشلەتسە تائامنى يىگىلى بولمايدىغان قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ. تۇز ئاللاھنىڭ بىز بەندىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يارتىپ بەرگەن نىئمەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ناننى ئۇلۇغلايمىز. نان دىگەن ئىمان، دىگەن خاتا كۆز قاراش خېلىلا ئۇمۇلىشىپ كەتكەن.بۇمۇ خاتا ئەقىدە.

ئۈزۈمنىمۇ ئۇلۇغلاش ئىشلىرى مەۋجۇت. ھەتتا ئۈزۈمنى ‹بۇ مىۋە جەننەتتىن چىقىرىلغان› دەپ ئۇزۇمنى ئۇلۇغلاش ئىشلىرى بار. ئۈزۈمنى ئۇلۇغلاش رەسۇلۇللەنىڭ دەۋرىدىكى ئەرەپلەردىمۇ باركەنتۇق. رەسۇلۇللە بۇتوغۇرلۇق مۇنداق دىگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ئۈزۈمنى ئۇلۇغ دەپ ئاتىماڭلار.چۇنكى ئۇلۇغ دىگەن نام مۇسۇلمانغىلا لايىق.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

يەنەبىر رىۋايەتتە  ئۈزۈمنى ئۇلۇغ دەپ ئاتىماڭلار .چۇنكى ئۇلۇغ دىگەن مۆئمىننىڭ قەلبى.

ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە ئۇلۇغلۇق توغرىسىدا مۇنداق دىگەن {...ئۇلۇغلۇق ئاللاھ ئۈچۈ،ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە پۇتۇن مۇئىمىنلەر ئۇچۇندۇر.لېكىن مۇناپىقلار بۇلارنى بىلمەيدۇ } (سۈرە تاغابۇن 8.ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

بۇ ئايەتتىمۇ ئۇلۇغلۇقنى پەقەتلا ئاللاھ ئۇچۇن ۋە رەسۇلۇللە ۋە بارلىق مۇئمىنلەر ئۇچۇندۇر دىگەن.ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى ۋە مۇئىمىنلەرنىڭلا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلەرنى ئاللاھ مۇناپىقلار دەپ سۇپەتلىگەن.

ئاللاھ مۇناپىقلار توغرىسىدا {جەزمەن مۇناپىقلار جەھەننەمنىڭ ئەڭ تۇۋەنكى قىسمىدا بۇلىدۇ...} دىگەن. شۇڭا بارلىق مۇسۇلمانلار ئاللاھ بىزگە پايدىلىنىش ئۇچۇن يارتىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئۇلۇغ دەپ ئاتىماسلىقىمىز كىرەك.

ئۇلۇغلۇق  يۇقۇرقى ئايەت ۋە ھەدىستە دىيىلگەندەك پەقەتلا ئاللاھ ئۇچۇن،پەيغەمبەر ئۇچۇن ۋە بارلىق مۆئىمنلەر ئۇچۇندۇر،.
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 13:15

بۇنى ياخشى بىلىۋالدىم. مەنمۇ خاتالىشىپ كەپتىكەنمەن.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general