1-تىرەك مازار:1969-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۇنى قىزىل قۇغدىغۇچىلار <تۇت كونىنى يۇقۇتۇش >ۋە <تۇت يىڭىنى تىكلەش >ھەركىتى قۇزغاپ ،شەھەردىكى قىسمەن مەسچىت ،چىركاۋ ،لاما ئىبادەتخانىلىرىنى چىقىۋەتتى ۋە تاقىۋەتتى شۇنىڭ ئىچىدە <تىرەك مازار ئىچىدىكى گۇمبەزلىك چۇڭ قەبرە ،مەسچىت ،دارۋازا ئۇستىدىكى پەشتاق ،مۇنارلار ئىغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ،1971-يىلى بەيتۇللانىڭ خاتىپى ياسىن قارىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارلىق قەبرىلەر قاردۇڭ قەبرىستانلىقىغا يۇتكەلدى ،قەبرىستانلىقنىڭ ئۇرنى غۇلجا شەھەر ئىچىنى ئاساس قىلغان سۇزۇك بۇلاق گۇڭشىسىنىڭ باشقۇرشىغا بىرىلدى ،1985-يىلىدىن كىيىن چۇڭ كوۋرۇك ئىشى باشقارمىسىنىڭ ماشىنا رىمۇنىت زاۋۇدى قىلىندى . b bX2D/
2-خەلپەم بۇزۇرۇكۋار مازىرى : aHS.U^2
غۇلجا شەھرىنىڭ شەھەر -قۇرلوش پىلانى بۇيچە 1964-يىلى ھازىرقى غۇلجا سارىيىدىن ئىلى يۇڭ تۇقۇمچىلىق فابرىكسىنىڭ دەرۋازسىغىچە بۇلغان ئارلىقتىكى يۇل ئىلىنىدىغان بۇلوپ ،يۇل كىلىدىغان ئۇرۇندىكى قەبرىلەر يۇتكەلدى ،1965-يىلى يۇل ئىلىنىپ <ئىلى دەريا يۇلى >دەپ ئاتالدى ،بۇ يۇل خەلپەم بۇزرىكۋار مازرىنىڭ <تارانچى مازىرى >ئاتالغان قىسمىنى ئۇتتۇردىن ئىككىگە بۇلۋەتتى 1972-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ خەلپەم بۇزۇرۇكۋار مازرى ياسىن قارىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قاردۇڭ قەبرىستانلىقىغا كوچۇرۇلدى 1974-يىلى <ئىلى دەريا >يۇلىنىڭ كۇن پىتىشى تەرىپى ئۇبلاسلىق تەنتەربىيە مەيدانىغا ۋە ھازىرقى تۇلپار رادىيۇ ئىستانسىغا بۇلوپ بىرلدى ،كۇن چىقىشى تەرپى شەھەرلىك باسما زاۋۇت،شەھەرلىك پۇپايكا زاۋۇتىغا بۇلوپ بىرلدى ،<قەشقەر مازىرى >ئاتالغان ئۇرنى 4-دىۋىزىيە دۇختۇرخانسىنىڭ ئائىلىكلەر رايۇنى قىلىندى . }wz )"
ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-يىل 3-ساندىن ..ئاپتۇرى ئابدىۋەلى مۇقىيت