ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،
بېكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق ئەزىزلەر ، سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن ، تەنلىرىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە بەخىت تىلەيمىز!
بېكىتىمىز بۈگۈن ھەقىقىي تۈردە كەڭ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى ،
مەقسىدىمىز ھەم نىشانىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلىنىشتۇر.
ئايال دىمەك ئانا دىمەك . ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكۈچى. دۇنياغا ئايال سۈپىتىدە ئاپىرىدە بۇلىشىمىز بىزنىڭ بەختىمىز. دۇنيا بىزنىڭ نازاكىتىمىز، سۆيگۈمىز بىلەن گۈزەل،بىز ھاياتنى سۆيىمىز. بەخىتكە ، گۈزەللىككە، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىمىز. مۇھەببەت بىزنىڭ بارلىقىمىز ، بىز شۇ مۇھەببىتىمىز بىلەن دۇنياغا شاتلىق ئاتا قىلىپ سۆيۈنۈپ ياشايمىز.
ھايات يولى تولىمۇ مۇرەككەپ.
ھاردىڭىزمۇ ؟
چارچىدىڭىزمۇ ؟
كىچىككىنە كۆڭۈل سىرلىرىڭىز بارمۇ؟ شۇ سىرلىرىڭىزنى ئەڭ يېقىنلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشقىڭىز بارمۇ؟
تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى، تۇرمۇش غەملىرىدىن ھالسىرىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزگە تەۋە بىر بوشلۇقتا چارچىغان نېرۋىلىرىڭىزنى ئارام ئالدۇرغىڭىز بارمۇ؟ كەسپىڭىزدىكى ئۇتۇقلىرىڭىز ، ئەقىللىق كاللىڭىزدىكى ئۇنچىلەردىن مارجان تىزىپ ھەمشىرىلەرگە سۇنغىڭىز بارمۇ؟
گەپ خۇلاسىسى <<مىھرى ئاي دۇنياسى >>سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ!
رىقابەت كۈچىيىپ، مىللەت بىزدىن ئەڭ يۈكسەك پىداكارلىق كۈتىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلايلى !
بېكىتىمىزگە كىرگەن ھەربىر زىيارەتچى مەيلى خانىم مەيلى ئەپەندى بولسۇن، مىللەت كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيىتى بار ، ھەر كىمنىڭ ئۆز ئاتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە ھازىرلىدۇق، ھەم تىرىشىۋاتىمىز!
قېنى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ مەردانە قەدەم تاشلايلى!
جان كۆيدۈرۈپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قىلغان ئەمگىكىمىز مۇھتىرەملەرنىڭ كىچىكىنە ئىھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسا بىز شۇنىڭدىن ئالامچە خوش.
بېكىتىمىزدە دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساخاۋەتچى < مېھرىبان ئانىلار > ىمىز ئۈچۈن ئايرىم بىر سەھىپە ئاجراتتۇق. بۇ سەھىپە ئارقىلىق مېھرىبان ئانىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە، يەنىمۇ كۆپلىگەن مېھرىبانلارنىڭ بارلىققا كېلىپ، مۇھتاجلىقتىن قەددى ئېگىلگەن، تەمتىرەۋاتقان ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە باھار كەبى ئىللىق مېھرىمىزنى يەتكۈزىشىمىزگە تىلەكداشمەن.
بېكىتىمىزنىڭ < لىنىيە مەسلىھەتچىسى > كۆزنىكىدە، بەخت قوينىدا ئىللىق كۈلۈمسىرەۋاتقان ۋە ئاچچىق قىسمەتلەر تۈپەيلى زار-زار يىغلاۋاتقان ئاياللىرىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، تەجرىبە-ساۋاقلىرى يەكۈنلىنىپ، خانىم-قىزلىرىمىز ئۈچۈن بىر نۇرلۇق ماياكلىق رولىنى ئوينىغۇسى!
ئاللا خالىسا ، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ سەھىپىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھەقىقىي تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى زىيارەت فىلىم خاتىرىسى شەكلىدە قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.
قەدىردان ۋە مېھرىبان سەھىپىسىدە ياشانغانلار سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى قانداق كۈتۈش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ. قېنى ، سىز بىر ۋاپادار پەرزەنت بۇلالىدىڭىزمۇ؟
بېكىتىمىزدە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دۇنيا ئاياللىرىغا نەزەر سەھىپىلىرى، خانىم-قىزلار ئەخلاقى ، كۈندە بىر تائام، گۈزەللىك ۋە گىرىم ، ساغلاملىق سەھىپىلىرى ھەم شۇنداقلا، كەڭ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات-سەنئەت كۆزنىكى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
بېكىتىمىزنى داۋاملىق قوللاپ بەرگەن ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىمىز ۋە قوللىغۇچىلىرىمىزغا مەدەت ، ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ماددىي مەبلەغ ئاجرىتىپ ‹ مېھرى ئاي مەڭگۈلۈك مۇكاپاتى › نى تەسىس قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. مۇكاپاتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى كېيىنچە يەنە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىش قىلىمىز.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز، ھەممىمىزنىڭ مېھرى ئايدەك نۇرلۇق، قەلبىمىز قۇياشتەك ئىللىق بولغۇسى!
مەنزىل :
http://liniye.com/