باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4704 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇرمىشتىكى بەزى مەسىلىلەر(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-25 18:32

تۇرمىشتىكى بەزى مەسىلىلەر(ھەمزە)

                            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ قېرىنداشلار؟
ئۇزۇن بۇپتۇ سىلەر بىلەن كۈرۈشمىگىلى. ئاللاھ بۇگۇن كەڭسايدىكى قېرىنداشلار بىلەن دىدارلىشىشقا نىسىپ قىلىپتۇ. 
 تۇۋەندىكى سۇئاللارنى مەلۇم بىر قېرىندىشىمىز قۇربان ھېيتنىڭ خىلى ئالدىدا سورىغان ئىدى. ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقى تۇپەيلى مانا بۇگۇن يېزىشقا ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلىپتۇ.

1. توي قىلغان قىز دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى كىرەكمۇ ياكى ئىرىنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى كىرەكمۇ؟

ئاللاھ قۇرئاندا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەتلەرنى چۈشۈرگەن. قانداق بىر يەردە ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرمەڭلار دىگەن ئايەت بولسا ئۇنىڭ  ئارقىسىدىنلا ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار دەپ كەلگەن.بۇ ھۆكمى ئايەتلەردۇر.

دىمەك ئاللاھ ئۈزىگە شىرىك كەلتۇرمەسلىككە ھەم ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان.ھەم ئاتا-ئانىنى قاخشىتىشنىڭ گۇناھى ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرۇش بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ. بۇخارىينىڭ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن قانداق بىر كىشى ناماز ئۇقۇسا،زاكات بەرسە،روزا تۇتسا ،قۇدرىتى يەتسە ھەج قىلسا پەقەت ئاتا-ئانىسىنى قاخشاتمىغانلار بولسا جەننەتكە كىرىدۇ يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ساھابە رەسۇلۇللەتىن مىنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللە :ئاناڭ دىگەن.

 ئۇ ساھابە: ئاندىن قالسىچۇ؟

رەسۇلۇللە : يەنە ئاناڭ

ئۇ ساھابە: ئاندىن قالسىچۇ؟

رەسۇلۇللە : يەنە ئاناڭ

ئۇ ساھابە: ئاندىن قالسىچۇ؟

رەسۇلۇللە ئاندىن قالسا داداڭ دەپ جاۋاب بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى چوڭ 7گۇناھلارنى ساناپ 1.گە ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرۇش. 2.گە ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش دەپ ئاخىرغىچىلىك سانىغان. يۇقارقىلار بولسا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىداكەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ناھايتى ئاز بىر قىسمىلا خالاس.

ئەمما ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلاردا ھەرقانچە ئاتا-ئانىسى بولسۇن ياكى كاتتا داموللام بولسۇن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش خاتا. ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بۇلىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىڭىز سىزنى گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا سىز ئۇنى قىلمىسىڭىز قەتئىي گۇناھكار بولمايسىز.

خوش. ئەمدى ئايال كىشىنىڭ ئىرىگە قانداق ئىتائەت قىلىشى توغرىسىدا كەلگەن شەرىئەت قانۇنلىرىغا قاراپ باقايلى.

{ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر.بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى بەزىسىنى بەزىسىدىن(يەنى ئەرلەركۈچ-قۇۋۋەت،غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن ) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر.ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر.(يەنى ئاياللارنىڭ خىراجەتلىرى ئەرلىرىنىڭ زىممىسىگە يۇكلەنگەنلىكىدىندۇر) ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر.ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلىرىدا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر.(سۈرە نىسا 34.ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

مانا بۇ ئايەتتە ھەقىقى ياخشى،ئىسلامىي ئاياللارنىڭ ئىرىگە ئىتائەت قىلغۇچى ئاياللار ئىكەنلىكنى بايان قىلىنغان. ئىرىگە ئىتائەت قىلىش ئىرى بار يەردە بولسۇن يوق يەردە بولسۇن ھەرقانداق يەردە ئىرىگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىب. پەقەت گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلاردىلا ئىرىگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەبدۇراھمان ئىبنى .ئەۋپتىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ئايال كىشى بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇسا ،بىر ئاي روزا تۇتسا،ئۈزىنى ياخشى ساقلىسا،ۋە ئىرىگە ئىتائەت قىلسا ئۇ ئايالغا:جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكلىرىدىن كىرگىن دىيلىدۇ(ئىبنى كەسىر2.جىلىد ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 45.بەت)

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبىرىمز مۇنداق  دىگەن ئەگەر مەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان بولسام ئەلۋەتتە ئايالنى ئىرىگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم.(بۇ ھەدىسنى ئىمام نەۋەۋىي تىرمىزىدىن ياخشىلار باغچىسى دىگەن كىتابىدا خاتىرلىگەن)

ئىرىگە ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ھەدىس كەلگەن مەن تىمىنىڭ ئۈزراپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنچىلىكلا يازدىم.

يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئايال كىشىنىڭ ئىرىگە ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىدا ئىرىگە تۇلۇق ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغانلىنى كۆرۋالغىلى بۇلىدۇ.
ئەمدى مەقسەتكە كىلەيلى. ئىرى بار ئايال ئىرىگە ئىتائەت قىلىشى كىرەكمۇ ياكى ئاتىسىغىمۇ؟

ئايال كىشى ياتلىق بولغۇچىلىك  ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيسى ئاستىدا چوڭ بۇلىدۇ. ياتلىق بۇلۇش ئالدىدا قىزنىڭ قىلغان ياخشى يامان ئەمەللىرىدىن ئائىلە باشلىقى بولغان ئەر كىشى سۇرلىدۇ. رەسۇلۇللە بۇ توغۇرلۇق سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى.سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلاردىن سۇرلىسىلەر. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەھلىگە پادىچى...(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) بۇ ھەدىستە ھەرقانداق بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىدىن بالا-چاقىلىرىدىن سۇرلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىغا تويىنى قىلىپ قۇيۇشتىن ئىلگىرى تۇلۇق ھۇكۇمرانلىق قىلالايدۇ. ئەمما نىكاھ ئۇقۇلۇپ بولغان شۇ سائەتتىن باشلاپ ئاتا-ئانىنىڭ ھۇكۇمرانلىق ھۇقۇقى قىزىنى نىكاھىغا ئالغان كىشىنىڭ ئۇستىگە ئۇتۇپ كىتىدۇ.نىكاھنىڭ شەرتلىرىنىڭ قاتارىدىن قىزنىڭ ۋەلىيلىرىنىڭ نىكاھ مەيدانىدا ھازىر بۇلىشىمۇ سانىلىدۇ.

رەسۇلۇللە ۋەلىيسىز نىكاھ نىكاھ ئەمەس.دىگەن. نىكاھلانماقچى بولغان قىزدىن ئاۋۋال شۇ تويغا ئۈزىنىڭ رازىلىقى بار يوقلۇقى سۇرلىدۇ ئۇنىڭدىن كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقى  سۇرلىدۇ. ئاتا-ئانىسى خالىسا قۇشىلىدۇ خالىسا قۇشۇلمايدۇ. قىزىنى نىكاھلاپ بولغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھۇقۇقى ئەرنىڭ ئىلكىگە ئۇتۇپ كىتىدۇ.

يىگىتنىڭ نىكاھ ئۇقۇلغاندا ‹ئالدىم›دىگەن سۈزى قىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى بارلىق كەلگۈسى بىلەن قۇشۇپ ئالدىم دىگەنلىكتۇر. بۇ چاغدا ئاتا-ئانىنىڭ قىزىغا: ئىرىڭدىن ئاجرىشىپ كەت،ئۇنىڭ قېشىغا بارما دەيدىغان ھۇقۇقى بولمايدۇ. پەقەت قىزىنىڭ ئىرى ئاللاھنىڭ ئاسىي بەندىلىرى قاتارىدا گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلارنى قىلسا،ناماز ئۇقۇمىسا،زاكات بەرمىسە، رۇزا تۇتمىسائىسلام قانۇنلىرىغا بويسۇنماي ھاراق ئىچسە،ئوغۇرلۇق قىلسا ،زىنا قىلسا.يۇقارقى گۇناھلارنىڭ بىرەرىنى سادىر قىلىپ سالسا بۇ چاغدا ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزىنى ئىرىدىن ئاجراشتۇرۋېلىش ھۇقۇقى بۇلىدۇ. ھەم بۇ چاغدا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىشى پەرز بۇلىدۇ. چۇنكى ئاتا-ئانا پەقەت ئاللاھ رىزالىقىنى ئىزدەپلا قىزىنى ئىسلام قانۇنى ئىچىدە ماڭمىغان كىشىنىڭ ئىلكىدىن قايتۇرماقچى بولغان.ھەرقانداق ۋاقىت،ھەرقانداق شارائىت،ھەرقانداق ماكاندا پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقىلا كۆزدە تۇتىلىدۇ.بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مىزانى. رەسۇلۇللە ئۆزىنىڭ قىزىنى ئەبۇلەھەبنىڭ ئۇغۇللىرىدىن قايتۇرۋالغان. چۇنكى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئۇغۇللىرى مۇشرىك ئىدى.

ئەكسىچە ئۇنداق بولماي ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى تۇلۇق ئىجرا قىلىپ سالىھ مۇسۇلمانلار قاتارىدىن بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمىشىغا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەقەت دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى دەپلا  قىزىنى ئاجراشتۇرۋېلىش  ھۇقۇقى بولمايدۇ.

ئىناق-ئىتىپاق ئۆتكەن بىر جۇپ ئەر-خوتۇننى ئايرىۋېتىشنىڭ گۇناھى ئىنسان ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر. شەيتان پادىشاسىغا بارلىق شەيتانلار ئۆزلىرىنىڭ  قىلغان خىزمەتلىرىدىن دوكلات بىرىپ تۇرىدىكەن. بەزىلىرى : مەن زىناغا سەۋەپچى بولدۇم دىسە يەنە بەزىسى، مەن ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشتۇرۇپ بىر-بىرىنى ئۆلتۇرگۇزدۇم دەيدىكەن. ھەممىسى ئۇزىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىدىكەن. ئەمما شەيتان پادىشاسى بۇلارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىگە مەمنۇن بولمايدىكەن. ئاخىرىدا بىرى دوكلات قىلىپ :مەن ئىناق ئۈتۋاتقان بىر جۇپ ئەر ئايالنى ئايرىۋەتتىم دەيدىكەن. شەيتان پادىشاسى بۇ گەپكە ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپ ئۇنى بارلىق شەيتانلار ئارسىدا تارتۇقلاپ ئۇنىڭغا ئۈزىگە يېقىن ۋەزىرلىرى قاتارىدىن  ئەمەل بىرىدىكەن.

سەۋەبسىزلا دۇنيا مەنپەئەتىنى دەپلا قىزىنى ئىرى يېنىدىن ياندۇرۋېلىش ئاتا-ئانىنىڭ ھۇقۇقى ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا قىز ھەم كىيئۇغۇل قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرەپ بىلەن چىرايلىقچە مۇنازىرلىشىپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى رەت قىلسا بۇلىدۇ. ئاخىردا شۇنى يېغىنچاقلاپ ئېيتىمىزكى.قىز توي قىلمىغان چېغىدا ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىش پەرز.توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىرىگە (ئىرى جەزمەن مۇسۇلمان بۇلىشى كىرەك) ئىتائەت قىلىش پەرز. ھەرقانداق بىر مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشتا پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزدە تۇتۇلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالى شۇئارى.

 

2. ئەگەر دادىسى جاھىللىق قىلىپ نىكاھى بار قىزىنى باشقا  ئەرگە بەرسە گۇناھى كىمگە بۇلىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا تۆتكىچىلىك نىكاھلىنىشنى پەقەت ئەرلەرگىلا خاس قىلغان. ئاياللار بىرلا نىكاھلىنالايدۇ.(يەنى قوش نىكاھلىق بۇلالمايدۇ.ئەمما ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتسە نەچچە قېتىم نىكاھلىنىش ئۈزىنىڭ ئەركىنچىلىكى)ئەگەر ئاللاھ ئاياللارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش تۆتكىچىلىك نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلغان بولسا زىمىندا پاسادچىلىق بۇلاتتى. ھىكمەتلىك ئاللاھ شۇڭا بۇ ھۇقۇقنى ئاياللاردىن چەكلەپ قويغان.

نىكاھى بار ئايال يەنە نىكاھلانسا ئۇ زىناخور ئاياللار قاتارىدىن سانىلىدۇ.شەرىئەتتە ئۇنداق ئايالغا زىناخورغا بىرىلگەن جازا بىرلىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى بىراۋنىڭ نىكاھى ئاستىدا تۇرۇقلۇغ بىرەر كىشىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يەنە نىكاھلانسا ئۇنىڭ گۇناھى مەجبۇرلىغان ئادەمگە بۇلىدۇ. رەسۇلۇللە مىنىڭ ئۇممىتىمدىن مەجبۇرلانغانلىقتىن ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن قىلىپ سالغان گۇناھلار كەچرۇم قىلىندى دىگەن (مىنھاجىل مۇسلىم). مەجبۇرلىنىش ئىككى تۇرلۇك بۇلىدۇ

1.           مەجبۇرلاش شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېپ كەلسە

2.           مەجبۇرلاش شۇ ئادەمنىڭ پۇتۇن مال-مۇلكىنى ۋەيران قىلغۇدەك بولسا

مانا بۇ بەزى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجتاھادى. ئەمما بەزى ئالىملار بۇلارنى ئىتراپ قىلمايدۇ.

ئاياللارنىڭ قوش نىكاھلىنىشى ئىسلام قانۇنىغا خىلاپتۇر.

قىزىنىڭ نىكاھ تۇرۇقلۇغ يەنە نىكاھلىنىشقا زورلاش بۇ مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس.ھەم شۇنداق تۇرۇقلۇغ يەنە نىكاھلىنىشقا زورلىغان كىشى چۇقۇم ياخشى كىشى ئەمەس. بۇنداق مۇنكەر ئىشقا يۇلۇققان قىز دادىسىغا ئىتائەت قىلمىسا گۇناھكار بولمايدۇ. چۇنكى ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا بويسۇنۇشقا بولمايدۇ. ئۇ قىز دادىسى بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشسە بۇلىدۇ.ئۇمۇ پايدىسى بولمىسا شۇ يۇرتتىكى ئىلىم ئەھلىنى ئىشقا سېلىپ دادىسىغا نەسھەت قىلىپ ئۈزىنى بۇ گۇناھ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ. بۇمۇ ئۇنۇم بەرمىسە دادىسىنىڭ يېنىدىن باشقا يەرگە كەتسە بۇلىدۇ. بۇنداق دىگەنلىك ئۆيىدىن خالىغانچە چىقىپ كەتسە بۇلىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. قىز ئۈزىگە مەھرەم بۇلالايدىغان بىرتەقۋادار تۇققىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ دادىسىنىڭ زۇلمىدىن پاناھلانسا بۇلىدۇ.قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى زالىم ،ئىسلام قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشى بولسا قىز پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ مۇسۇلمان كىشى بىلەن توي قىلسا بۇلىدۇ.ئايال كىشى دىگەن ئۆزىگە ئۆزى تۇلۇق ئىگە بۇلالمايدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى،پۇتۇن مۇئىمىنلەرنىڭ ئانىسى شەرپىگە ئىرىشكەن ئۇممۇ ھەبىبە(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئاتا-ئانىسىدىن كىچىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ياتلىق بولغان.ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ دادىسى ئەبۇ سۇپيان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئەبۇسۇپيان مۇشرىك ھالىتىدە ئىدى.بىر كۇنى ئەبۇ سۇپيان ئۇممۇ ھەبىبەنى يوقلاپ كەلگەن ۋە رەسۇلۇللە ئولتۇرىدىغان بىر تىرىدىن ئىشلەنگەن سېلىنچىدا ئولتۇرغىلى قوپقاندا ئۇممۇ ھەبىبە ئۇنى تارتىۋېلىپ دادىسىغا: ئولتۇرما سەن دىگەن مۇشرىك نىجىس. بۇ رەسۇلۇللەنىڭ ئورنى دىگەن.

ئەبۇ سۇپيان كىيىن ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن مەككە پەتھى بولغاندا مۇسۇلمان بولغان.

مەخسەتكە كەلسەك قىزنىڭ قوش نىكاھلىنىشتىكى بۇ گۇناھىغا ئىرىنىڭمۇ مەلۇم مىقداردا ھەسسىسى بولغان بۇلىدۇ.ئەر بولغان كىشى قىزنى ئالدىم دىگەندە ئۇنىڭ جىسمىنىلا ئەمەس بارلىق ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىمۇ ئالىغان بۇلىدۇ، ئەرنىڭ ئۇستىدە ئايالنىڭ بىر قانچە ھەقلىرى بۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەر كىشى مەسچىتلەردە ئاڭلىغان ۋەز نەسھەتلەرنى ئايالىغا يەتكۇزۇپ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن خەۋەردار قىلىشىمۇ شۇ ھەقلەرنىڭ قاتارىدىن بۇلىدۇ. قىزنىڭ ئىرىمۇ گەرچە قىزنىڭ دادىسى مۇشرىك بولغان ھالەتتىمۇ ئۇنى لايىقىدا ھۆرمەتلىشى،ئۇنى كەمسىتمەسلىكى،يامان كۆرمەسلىكى كىرەك.چىرايلىق ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا ئىسلامنى چۇشەندۇرشى كىرەك. شۇنداق بولغاندا قىزنىڭ دادىسىمۇ كىيئۇغۇلغا ئۆچمەنلىك قىلمايدۇ. ئەر قىينانا-قىناتىلىرىنى شۇنچە ھۆرمەتلەپ تۇرسىمۇ يەنە قىزىنىڭ نىكاھىنى ئۇزۋەتمەستىن باشقا بىر ئەرگە بەرسە ئۇنىڭ گۇناھى مەجبۇرلىغان ئادەمگە بۇلىدۇ.

 

3. قىزنى  دادىسى ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن ئىرىنىڭ باشقۇرىشىنى چەكلەپ ئىرىنى باشقۇرغىلى  قويمىسا، شۇنداق ئەھۋالدا قىز گۇناھ قىلسا گۇناھى كىمگە بۇلىدۇ؟

ئاللا ئاياللارنى ئاجىز ياراتقان. جىسمانىي جەھەتتىن،ئەقلى جەھەتتىن ئەرلەردىن بىر دەرىجە تۇۋەن تۇرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئايال كىشى ئۈزىگە ئۈزى ئىگە بۇلالمايدۇ.رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن. سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى.سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلاردىن سۇرلىسىلەر. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەھلىگە پادىچى...(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) ئەر كىشى قىيامەت كۇنى ئۆزىنىڭ ئايالىدىن،بالىلىرىدىن سۇراق قىلنىدۇ. شۇڭا ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى تۇلۇق باشقۇرۇش ھۇقۇقى بۇلىدۇ. ئەگەر ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى (ئايالنىڭ) دادىسى قايتۇرۇپ كىتىپ ئىرىنىڭ باشقۇرۇش ھۇقۇقىنى بىكار قىلىپ،قىزىنى ئىرى بىلەن كۇرۇشكىلى قويماي ئۆزى تەرەپكە تارتىۋالسا بۇ جەرياندا قىزىنىڭ قىلىپ سالغان گۇناھلىرىى دادىسىغا بۇلىدۇ. چۇنكى قىزىىنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى دادىغا ئۈتۈپ كەتكەن بۇلىدۇ.دادا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن پادىچىدۇر.

 ئەر ئايالنىڭ تالىقىنى بەرمىسە قانداق ئەھۋال ئاستىدا نىكاھ بۇزىلىدۇ؟

نىكاھنىڭ بىر قانچە شەرتىلىرى بۇلىدۇ.

تويى بولغۇچى قىز يىگىت ئىككىلىسى مۇسۇلمان بۇلۇش،تويى بولغۇچى قىزنىڭ ۋەلىيلىرى بۇلۇش،قىزنىڭ تويلۇق مەھرىنىڭ قىز رازى بولغۇدەك بۇلۇشى.نىكاھنى رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى بۇيىچە قىلىشى. مانا بۇلار نىكاھنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىندۇر.

ئەر كىشى ئايالىنىڭ تالىقىنى بەرمىسە نىكاھ بۇزۇلمايدۇ. پەقەتلا تۇۋەندىكى بىر ئىش مەۋجۇت بۇلۇپ قالسا نىكاھ بۇزىلىدۇ.

ئەر ياكى ئايال بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى مۇرتەد بۇلۇپ كەتسە،يەنى دىندىن يېنۋالسا نىكاھ بۇزىلىدۇ. چۇنكى ئاللاھ قۇرئاندا مۇسۇلمان ئەرلەرگە مۇسۇلمان ئاياللار.... دەپ بەلگىلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا تالاق سۈزىنى مەقسەتلىك،ياكى مەقسەتسىز دىيىشمۇ نىكاھنى بۇزىدۇ. ئەمما ئەر كىشى ئۇخلاپ چۇش كۇرۇپ جۆيلۇپ سېلىپ ئايالىنى تالاق قىلسا بۇ تالاق ھىسابلانمايدۇ. رەسۇلۇللە مىنىڭ ئۇممىتىمدىن ئۇچ كىشىدىن قەلەم كۇتۇرلۇپ كەتتى. 1.كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە،2.ساراڭ ئەقلىنى تاپقۇچە،3.ئۇخلىغان كىشى ئويغانغىچە  (مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلى)

بۇ توغۇرلۇق مىنىڭ بىلدىغىنىم مۇشنچىلىك.

يەنىمۇ تەپسىلى بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ تىمامغا نىسبەتەن تەنقىد-پىكىر بىرىشلىرىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمىت قىلىمەن. خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسۇتۇپ قۇيشىڭلارنىمۇ ھەم ئۇمىت قىلىمەن.

مۇئىمىن مۇئىمىننىڭ ئەينىكى...

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(huxdil) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-26 14:14

    ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ،     ئاللا رەخمەت قىلسۇن .   ئىشقىلىپ كەڭسايدا ئۆزلىرى بولمسىلىرى بىر ياڭزا بوپ قالدىكەن ،  يوقاپ كەتمەي  بىزلەرگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇڭ بۇرادەر .....
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ