ئېران زۇڭتۇڭى نىجاد ئۆزىنىڭ peugeot 504 ماشىنىسىنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتماقچى بولدى
تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېران زۇڭتۇڭى نىجاد ئەخمىدى ئېراندىكى نامراتلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ شەخسى ماشىنىسىنى ساتماقچى بولغان.
ئېران پاراۋانلىق مىنىستىرلىكىنى مىنىستىرىنىڭ دىيىشىچە، نىجادنىڭ بۇنداق قىلىشى بىر تۈرلۇك خەيىر ساخاۋەت ئىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىكەن، بۇ تۈر نامرات ئائىلىلەرگە ئۆي سېلىپ بېرىش تۈرى ئىكەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، نىجادنىڭ ماشىنىسى Piaggio ( سىنا تورى تەھرېرىنىڭ ئىزاھاتى: «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىجادنىڭ ماشىنىسى 1977-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان peugeot 504 ماشىنا ئىكەن) بولۇپ، ئېران پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى بىر قېتىملىق خەلقئارالىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ ماشىنىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغان، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باشلىنىش باھاسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن
مەنبە: سىنا تورى 2010-يىلى24-نويابىر