باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1979 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تارىختىكى ئۇنتۇلماس بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقسى
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-21 20:41

تارىختىكى ئۇنتۇلماس بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقسى


   بىزگە تاغنى يۈدۈپ قويسا كۆتۈرمىزكى يوغانچىلىق قىلغاننى كۆتۈرمەيمىز !شەھەردە بىردىنلا مۇشۇ گەپ پەيدا بولدى ھەممىلا يەردە شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى . بۇ 1927 - يىلى كۈزدە پۈتۈن قە شقەر شەھرىنى زىلزىلگە كەلتۈرگەن بىر قىتىملىق كۈچلۈك شاۋقۇن ئىدى . بىزگە شۇنداق يوغانچىلىق قىپتىمۇ ! پەرەڭ دىگەن قانچىلىك خەقكەن ! تۇرسۇن ئەپەندىم ئىكساققا كىتىپتۇ . كەلسۇن يوغانچىلىق قىلغانلارغا ئۆزىمىزنى راۋرۇس بىر تونۇتۇپ قويمىساق ھىساپ ئەمەس ! غۇلغۇلا ھىيتگاھدا ، يار باغ د ەرۋازىسى ، قۇمدەڭ دەرۋازىسى ، تۆشۈك دەرۋازىسى ، ئومومەن بەش دەرۋازىنىڭ ھەمىسىدە نەزەر باغ ، قورغان ، سەمەندە گۈلدۈرلىمەكتە . ھەممىلا يەردە ئادەملەر توپ - توپ بولۇپ سۆزلەشمەكتە . ھەممىلا ئادەمنىڭ زەردىسى قايناپ فونتاندەك ئۆرلىمەكتە ، خۇددى ھەيۋەتلىك دىڭىزدەك چايقىلىپ ئۆگزە بويى ، تىرەك بويى دولقۇن ياساپ ، قەھرى بىلەن قىرغاقلارغا سوقماقتا بۇ قەدەر زور دولقۇننىڭ پەيدا بولۇشى سەۋەپسىز ئەمەس ئىدى : شۇ كۈنلەردە بىر توپ چەتئەللىكلەر ھەر كۈنى چۈشتىن كىين چىنە باغ تەرەپتە پۇت توپ تىپىشىپ كۆڭۈل ئاچاتتى ، ئۇلارنىڭ كىيۋالغان ئالا - بالتاق سىپورت كىيىملىرى ، پاس ، ئوكى ..... دەپ ۋاقىراشقانلىرى بىر قىسىم كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغاندى . مەيدان چۆرىسىگە ئولاشقان بىر توپ بالىلار بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئاسمان پەلەك ئۆرلىتىپ تەپكەن توپلىرىغا ، ئۆز ئارا پاس قىلىشىپ ئۇستىلىق بىلەن چىقارغان پوكسلىرىغا ، توپقا كاللا قويۇپ ئويناشلىرىغا قاقاھلاپ كۈلۈپ ۋارى - ۋارى قىلىشقانلىرىغا بىرەر توپنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەپكەنلەرنىڭ تەلۋىلەرچە سەكرەپ تەنتەنە قىلغانلىرىغا، ئومومەن قەشقەرنىڭ ئادىتىگە يات بولغان گەپ - سۆزۋە قىلىقلىرىغا قىزىقىپ قاراپ تاماشا قىلاتتى.سىپورتچى تەپكەن بىر توپ تاماشا كۆرۋاتقان بالىلارنىڭ ئالدىغا قاڭقىپ كەلدى ئەمما توپنىڭ ئىگىسى يىتىپ كەلگىچە بىر بالا بۇ توپنى تۇتۋىلىپ كۈچەپ تىپۋىدى توپ ئاسمان پەلەك ئۆرلەپ يىراق بىر جايغا قاڭقىپ كەتتى . سىپورتچى قاتتىق خاپا بولۇپ : ساڭا توپ تەپكىن دەپ كىم ئۈگەتتى ...توپ تىپىمەن دىگۈچە ئۈجمەڭنى تىرىپ يىسەڭچۇ !_ دەپ بالىنى سەنلەپ سىلكىشلىدى بۇ گەپ شۇ يەردە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى بىر مۇنچىلىرنىڭ كۆزلىرى چەكچەيىپ كەتكەنىدى : ئاغزىڭنى چايقىۋىتىپ گەپ قىل ! نىمانداق يوغانچىلىق قىلىدۇ ماۋۇ ھۆپۈپ! تەرەپ - تەرەپتىن چاڭىلدىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى . ۋىلىخانبەگ ئىسىملىك بىر كىشى بۇ گەپكە ئارلاشماي تۇرالمىدى : مىستىر جاناپ ئۇنچىۋالا قوپال سۆزلەشنىڭ نىمە ھاجىتى ..دېدى سىپايىلىك بىلەن . ھە جاناپ سىز نىمە دىمەكچى بولىسىز ! سىپورتچى يوغانچىلىق بىلەن گوكۈرەپ سۆزلەيتتى : توپ دىگەننى ھەممە ئادەم تەپسە بولىدۇ دىمەكچىمۇسىز ! ئۇنداق بولغاندا ئۈجمە تىرىپ يەيدىغانغا ئادەم قالماسمىكىن ! ھەر قايسىڭلار قەشقەرنىڭ ئۈجمىسىنى تىرىپ يىگىلى كەلگەن تۇرساڭلار ، ئۇنىڭدىن بىز نىمە غەم قىلاتتۇق ! ئامما ئىچىدە پاراقلاپ كۈلكە كۆتۈرۈلدى . توپچى ئوڭايسىزلىنىپ ئىككى يىنىغا قاراپ تەمتىرەپ قالدى .ئاڭغىچە ئىككى توپچى كىلىپ ئۇنى چاقىردى . خارىت يۈر كىتەيلى ! خارىت ئۆز ئادەملىرىگە قاراپ قول ئىشارىتى بەرگەندىن كىيىن ، ۋىلىخانبەگكە بۇرۇلۇپ :ئەپەندىم توپ تەپكىدەك ئاد ەملىرىڭىز بولسا مەرھەممەت ئەكىلىڭ !_ دىدى . مۇسابىقە ئىلان قىلىمىز ، قوبۇل قىلالامسىلە !_ دىدى ۋىلىخانبەگ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ . مەرھەممەت . مەرھەممەت !_ دىگەن خارىت دوستلىرى بىلەن يىراقلاپ كىتىپ قالدى . گەپ ئىغىزدىن چىقىدۇ جانمۇ ئىغىزدىن ! دىدى ۋىلىخانبگ ئۇلارغا ئاڭلىتىپ . شەھەردە مۇشۇ سەۋەپتىن دىڭىز شاۋقۇنلانغاندى . پەرەڭ : شۇ زامانلاردىكى ياۋرۇپالىقلارنى پەرەڭ دەيتتى. تۇرسۇن ئەپەندى : خانلىق مەدىرىستە مۇدەرسلىك قىلۋاتقان مۇئەللىم ۋىلىخانبەگ : باۋدۇن باينىڭ سودا باشقۇرغۇچسى ۋىلىخانبەگ ئىتىنى يورغىلاتقان پىتى خانلىق مەدىرىسكە كەلدى . تۇرسۇن ئەپەندى شۇ يەردە ئىدى ئىككىسى بۈگۈنكى ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىپ بىر نۇقتىغا كەلگەندىن كىيىن تۇرسۇن ئەپەندى ئاتۇش ئىكساققا بىرىپ ئۇ يەردىكى پۇت توپ ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللەپ مۇسابىقىغە تەييارلىق كۆردى . ئىكساق پۇتبول كوماندىسى ھەپتە - ئون كۈن تەييارلىق قىلىپ قەشقەرگە كەلگەن كۈنى پۈتۈن شەھەر ھاياجانلىنىپ تەۋىرەپ كەتكەنىدى : تۇرسۇن ئەپەندى كەپتۇ ! ئىكساق توپچىلىرىدىن خىللاپ كوماندا تەشكىللەپتۇ ! پەرەڭ دىگەنلەرنى <ۋاك>دىگۈزىمىز دەپتۇ ! ھاياجانلانغان شەھەردە كىشىنى روھلاندۇردىغان ھەر خىل سۆزلەر سەلدەك ئاقماقتا ئىدى .... ۋىلىخانبەگ بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى ئىككىسى يار باغ دەرۋازىسىغا كىتىدىغان يول چوڭ ر ەستىدە پەيدا بولدى ئۇلار كۆتۈرەڭگۈ روھلىق ئىدى . رەستىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكاندارلارمۇ ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى روھى قىياپىتىگە قاراپ مەمنۇن ئىدى ، ئۇ ئىككىسى رەستىنىڭ ئوتتۇرسى بىلەن كىلىپ ئىنگىلىز كونسۇلخانىسنىڭ سودا ۋاكالەتخانىسىغا كىرىپ كىتىشتى .بۇيرد پۇت توپ مەستانىلىرىدىن بىر قانچىسى خىزمەت قىلاتتى . ئەتىگەنلىكىڭىزلار قۇتلۇق بولسۇن ! دىدى ۋىلىخانبەگ دۇكانغا كىرىپلا ئاندىن باش لىڭىشتىپ ئامانلاشقاندىن كىيىن مۇددىئاسىدىن سۆز ئاچتى : بىز مۇسابىقەگە چىللاپ كەلدۇق ! سىلەر راستىن شۇنداق قىلماقچىمۇ ! دىدى خارىت تەئەججۈپلىنىپ ( ئۇ ئۇيغۇرچىنىمۇ ئوبدان تەلەپپۇز قىلاتتى ) بىزدە گەپمۇ ئىغىزدىن چىقىدۇ ، جانمۇ ئىغىزدىن چىقىدۇ دەيدىغان بىر گەپ بار ! بىز قەشقەرلىكلەرنىڭ گىپىدە تۇرمىغان ئادەمنىڭ ئالدىغا بىر داس كۈل ئەكىلىپ قويىدىغان ئادىتىمىزمۇ بار ! _ د ەپ قوشۇمچە قىلدى تۇرسۇن ئەپەندى ۋىلىخانبەگنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ . ئەگەر گەپلىرىڭىز راس بولسا ...خارت بىر ئاز دۇدۇقلاپ سۆزنىڭ ئاخىرىنى يۇتۋ ەتتى . مۇسابىقىنى قۇرۇقتىن - قۇرۇق ئوينايمىز دۋاتامسىلەر !_ دەپ سۆزگە ئارلاشتى جىك ئىسىملىك يەنە بىر خادىم گويا ئۇ بۇ سۆزى بىلەن ئوڭايسىزلىنىپ قالغان خارتقا ياردەم قىلماقچى بولغاندەك داۋام قىلدى : بىزنىڭ ياۋرۇپادا بىرەر مەيدان توپ مۇسابىقسى ئويناش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ ستىرلىنىگ سەرىپ قىلىنىدۇ . ئەگەر شەرىت قويسىڭىز بىزمۇ تەڭگە تىللا چاچقۇ قىلالايمىز . بىزنىڭ جانابى كونسولىمىز ئەگەر قەشقەرلىقلارنىڭ بىرەر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكىدەك سالاھىيتكە ئىگە بولسىلا ئاشۇ سالاھىيتى ئۈچۈن كۈمۈش ئىگەرلىك بىر دانە ئات تارتۇق قىلىمەن دىگەن ! جانابى كونسۇل خاتا ئويلاپتۇ تارتۇق دىگەننى يەڭگەن كوماندىغا بىرىش كىرەك ! كونسۇل جاناپلىرى سىزلەردە شۇنداق سالاھىيەتتنىڭ يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى كىرەك ! پۈتۈنلەي خاتالىشىدۇ . بىزمۇ مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنى يىڭىپ تولۇق غەلبە قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى تارتۇق قىلىشقا ھەقلىق دەپ تونۇيمىز ! گەپ چوڭ ئەمەستۇ ئاساسسز گەپ قىلۋاتقىنىمىز يوق خاتىرجەم بولۇڭ مستىر جاناپ ! سىلەر راستىنلا شۇنداق قىلماقچىمۇ ! سىزلەر قاچانغىچە يوغانچىلىق قىلىپ بىزلەرنى كۆزىڭىزگە ئىلماي ئۆتمەكچىسزلەر ؟ بىزنىڭ ئۇلۇغ بىرتانىيگە ۋەكىلىك قىلغانلىقىمىزنى چۈشۈنىدىغانسىزلەر ! بىزنىڭ ئۇلۇغ قەشقەرگە ۋەكىلىك قىلدىغانلىقىمىزنى ئەسلىتىپ قويساق قانداق ! جانابى جىك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ئۇ د ەل يىرىگە تەككەن ساداقنىڭ زەربىسىگە چىدىماي كۈلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبىمۇ دەر مەھەل چۈشەنگىلى بولمايتتى . ئۇ بىر ھازا كۈلگەندىن كىيىن توختاپ خوپ ئالدى بىلەن كىلشىم قىلايلى . سىلەر ئۇتساڭلار بىر دانە كۈمۈش ئىگەرلىك ئات تەقدىم قىلايلى ، بىزگە ئۇتتۇرۇپ قويساڭلار سىلەر قانداق قىلماقچى !_دىدى . بىز بىرگە ئىككى قانداق د ەيسىز !_ دىدى ۋىلىخانبەگ دەرھال جاۋاپ بىرىپ سۆز ياخشى بولۋاتىدۇ بىراق مەيدان مەسىلىسى ! خاتىرجەم بولۇڭ مەيدان بىزدىن !ئۇنداقتا كىلىشىپ قالدۇق ! گەپ جايىدا چىقىمىسا شەرتىمىز شۇكى ھاممامدىن بىر داس كۈل ئەكىلىپ ئۇتتۇرغا قويمىز كىلىشىمگە كىم خىلاپلىق قىلسا شۇ كىشى داستىكى كۈلنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ! ....دۇكاندا جىددى ۋ ئاچچىق كۈلكە قوزغالدى . ۋىلىخانبەگ بىلەن تۇرسۇن ئەپەندىلەر تاكى كۈلكە ئاخىرلاشقاندىلا ئاندىن دۇكاندىن چىقتى .
(2)
      تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ۋىلىخانبەگ ئىككسى ئاتلىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلدىغان يەر ئىزدەشكە كىرىشتى . ئۇلار يىقىن ئەتراپنى ئايلىنىپ ئاخىرى سەمەن نو بېشىدا ئولتۇرۇشلۇق نوروز دىھقاننىڭ بىدىلىكىگە كۆزى چۈشتى . بۇ بىدىلىك پۇتبول مەيدانى قىلىشقا تولىمۇ مۇۋاپىق ئىدى . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئىككى ئاتلىق مېھمان سالام بىرىپ ئاندىن ئاتتىن چۈشكەندە نورۇز دىھقان چەبدەس قەدەم تاشلاپ باراڭنىڭ ئاستىدىن چىقىپ مېھمانلارنىڭ ئاتلىرىنى جايلاشتۇرغاندىن كىيىن بىساتقا تەكلىپ قىلدى . مېمانلار بىساتقا ئولتۇرۇپ پاتە قىلدى ، ئاندىن قىسقىچە تىنچلىق - ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن كىلىش مۇددىئاسىدىن سۆز ئاچىتى . بىز ھاجەتمەن بولۇپ ھوزۇرلىرىغا كەلگەنتۇق !_دىدى تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ چىرايدىن جىددى ھاجەتمەنلىك قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . خوش مەرھەممەت خىزمەتلىرىگە تەييارمىز !_دىدى نورۇز دىھقان ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن قولنى كۆكسىگە قويۇپ ، بىزگە سىلىنىڭ مۇشۇ بىدىلىكلىرى جىددى زۆرۈر بولۇپ قالغانتى لەۋزىمىزنى ياندۇرماس دەپ زور ئۆمۈد بىلەن كەلدۇق !_ دىدى ۋىلىخانبەگ مۇددىئاسىنى ئوچۇق ئىزھار قىلىپ . ئايلانسۇن ئايلانسۇن !_دىدى نورۇز دىھقان پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ :- ھىلىغۇ بىدىلىككەن چاھار بىغىم بولسىمۇ ھەر بىرلىرىدەك ئېزىزلەردىن ئايىماسمەن ! ر ەھمەت ، رەھمەت!_دىدى ھەر ئىككى مېھمان ،نۇرۇز دىھقاننىڭ ھىمىتىگە تازىم قىلغاندك سەل -پەل ئىڭىشىپ . نورۇز دىھقاننىڭ ئوغلى داستىخان كۆتۈرۈپ چىقتى . بۇ بىدىلىك قانچىلىك چارەكلىك كىلەر ؟-دىدى تۇرسۇن ئەپەندى چاي ئوتلاۋىتىپ ئازغىنە كەم ئون بەش چارەكلىك كىلەرمىكىن ! بىزمۇ بىدىلىكىنى ئىشلەتسەك جىق ئىككى كۈن ئىشلىتەرمىز نىمىكى بولسا ئۈستىدىكى زىرائەت بىر قىتىم بۇزىلىدۇ دىسە ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بىر چارەكلىك يەرنىڭ زىرائىتىگە ھىساپ قىلىپ بەش چارەكتىن بۇغداي بىرىش قارارىغا كەلدۇق ، بۇنىڭغا نىمە دىيەلىكىن ! نىمە دىيىشۋاتىلا ؟ - بۇ سۆزلەرگە تەئەججۇپلەنگەن نورۇز دىھقاننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەنىدى ، تۇرسۇن ئەپەندى بىىلەن ۋىلىخانبەگ بۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۆز ئارا يالىت قىلىپ كۆز ئۇچراشتۇرۋالغاندىن كىيىن سۆزلىدى : نىمە ئاز كۆرۋاتاملا !-دىدى تۇرسۇن ئەپەندى . يەنە 15 چارەك قوشۇپ 90 چارەك بۇغداي بەرسەكمۇ بولىدۇ ،-دىدى ۋىلىخانبەگ ياق ئۇنداق دىمەي ماڭا ئاۋال بىدىلىكنىڭ نىمىگە لازىم بولۇپ قالغانلىقىنى ئوچۇقراق ئىيتىشسىلا !-دىدى نورۇز دېھقان سەمىمى ئۆتۈنۈش قىلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر سىرنى يىشش ئالدىدىكى تەقەززالىق ئۇچقۇنلىرى چاچىراپ تۇراتتى . بولىدۇ ئوچۇق ئىيتساق بىز بۇ بىدىلىكتە بىر مەيدان پۇت توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق . مۇسابىقە كىم بىلەن ؟ ئىنگىلىزلار بىلەن ! ھە، ھە مۇنداق دىسىلە ! دىدى نورۇز دېھقان ئىچىلىپ ،-مەن ئاڭلىغان ئوبدان بوپتۇ ، ئوبدان بوپتۇ ھەر قايسىلىرىنىڭ ھىممەتلىرىگە بارىكاللا !...دىدى نورۇز دىھقان ھاياجاللانغانلىقىدىن بىر د ەقىقە سۆز تاپالماي قالغانىدى . بىر ئازدىن كىيىن ئۆزىنى بىسۋىلىپ تەپسىلى سۆزلەشكە باشلىدى : مەن بۇ پەرەڭلەر قىلغان يوغانچىلىقىنى ئاڭلىغانتىم ، زەردە قايناپ بىر قانچە كۈنگىچە كىچىلىرى راۋرۇس ئۇخليالماي چىقتىم ..ئاپلا ..بۇ يامان بولدى بۇ خەق بىزنى قاچانغىچە كۆزگە ئىلماي بوزەك تاپىدۇ ، قانداق قىلىشارمىز دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم كاچاتلىغاندەك بولۇپ ، قويغان تۇتقۇنۇمنى بىلمەي يۇرەتتىم كىسەلنىڭ ساقايغۇسى بولسا تىۋىپاخۇنۇم ئۆزى كەپتۇ دىگەندەك ھەر قايسىلىرى بۈگۈن دەردىمگە داۋا - رەنجىمگە شىپا بولۇپ جاراھىتىمنى ساقايتقىلى كىلىشپلا بۇنىڭغا مىڭ رەھمەت ھەر قايسىلىرىنىڭ ھىممەتلىرىگە مىڭ رەھمەت !-ئۇ بىر ئاز توختىۋىلىپ داۋام قىلدى .-دەرەخ يىلتىزىغا تايىنىپ كۆكلىسە ، ئادەم ھىمىمەتكە تايىنىپ كۆكلەيدۇ دەيدىغان بىر گەپ بار . ھەر قايسىلىرى ھىممەت قىلىشىپلا ، ماقۇل ئەمدى مەن ھىممەت قىلماي قاراپ تۇرامدىمەن ! مەن بۇ بىدىلىكنى ھەر قايسىلىرىغا تۇتقۇنۇم ھەق ، ھەق تەلەپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەگەر مۇسابىقىدا پەرەڭلەرنى ئۇتۇپ ئۇلارنىڭ يوغانچىلىقىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلدىغان بولۇشسىلا ، ئەنە قۇربانلىققا ئاتاپ بىقۋاتقان قارا باش قوچقار تۇرۇپتۇ ، - نورۇز دىھقان سەينادا ئۈجمە تۇۋىدە باغلاقلىق قوچقارغا قاراپ داۋام قىلدى ، - دەرھال بوينىنى كىسىپ داستىخان بىرىشكە مانا مەن تەييار ! - رەھمەت ، رەھمەت ھىممەتلىرىگە رەھمەت !- دىيىشتى مىھمانلار تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ . بۇلار ئولاش چولاش بىدىلىككە چىقىشتى ئۇيان -بۇيان قەدەملەپ پۇتبول مەيدانى بولغۇدك يەرنى مۆلچەرلەشكەندىن كىيىن مىھمانلار خوش ئىيتىپ شەھەرگە قايتىشتى - خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە چىقىپ مەيدان راسلايمىز !-دىيىشتى ئۇلار مىڭىش ئالدىدا ، خۇدايىم بۇيرىسا !-دەپ قويدى نورۇز دېقان مىھمانلارنىڭ قولتىقىدىن يولەپ تۇرۇپ . مېھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ھاياجىننى بىسۋالالمىغان نورۇز دىھقان بۇ خۇشخەۋەرنى قولۇم - قوشنا ، ئەل - جامەئەتكە يەتكۈدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئوندەك كىشى قوللىرىغا ئوغان -كەتمەن ئىلىپ ئوتاشقا تىگىشلىك بىدىلەرنى ئورۇپ يەرنى ئاچتى ، ئوتتۇرسىدىكى ۋە ئىككى ياقىدىكى پاسىل قىرلارنى بۇزۇپ تەكشىلەپ ئويدۇڭ چۇڭقۇرۇنى تۈزلەپ باشتىن - ئاياغ كەتمەن بىلەن قىرىپ راۋرۇس مەيدان ياساپ چىقتى . ئەل - جامائەتنىڭ ، نورۇز دېھقاننىڭ كۆرسەتكەن ھىممىتى ئەتىسى يەر تۈزلەشكە چىققان پۇتبولچىلارنى ھەيران قالدۇرغانىدى ...!
( 3 )
    ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن مۇسابىقە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى . شەھەر خەلىقى شۇ كۈنى سەمەن تەرەپكە سەلدەك ئاقاتتى .مۇسابىقە مەيدانىغا توپلانغان ئادەمنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بەزەن چوڭ ياشلىق كىشىلەر ھەزىرتىنىڭ سەيلىگاھىغمۇ بۇنچىلىك كۆپ ئادم توپلانماس ئىدى دەپ باھا بىرىشتى . دەرۋەقە بۈگۈن ئادەم بەك كۆپ توپلانغان ئىدى .مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەرمۇ سانجاق -سانجاق تۇرىشاتتى ، مۇسابىقە باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى ئىنگىلىز ۋە شىۋىت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى كىلىشتى ، ئۇلار كىلىپلا كىيىم يەڭگۈشلەپ مەيدانغا چۈشۈپ تەييارلىق خاراكتىردىكى مەشىق قىلىشقا كىرىشىتى ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى ھەر خىل رەڭلىك ئالا-بالتاق سىپورىت كىيملىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە يىراقتىن خۇددى رەڭلىك كىيىم كيدۈرۈپ قويغان قونچاقلاردەك كۆرۈنەتتى ، كوماندا تەركىبىدە ئاق سىرىق كەلگەن ئىنگىلىزلار ، قارامتۇل كەلگەن ئافغانلار ، بىلەكلىرى يۇڭلۇق ئىڭەكلىرىنى ساقال باسقان ھىندىلارمۇ بار ئىدى ئۇلار ئىنگىلىزچە زۇۋان بىلەن ۋارى-ۋارى قىلىشىپ مەيداننى بىشىغا كىيۋالغىلى قىل قالغانىدى . قەشقەر ئىكساق كوماندىسىمۇ مەيدانغا چۈشتى ، ئۇلار كۆك لەمبۇقتىن تىكىلگەن بىر خىل كىيىم كەيگەنىدى كۆزنىڭ يىغىنى يەپ كەتكۈدەك بۇ ياش بالىلار مەيدانغا چۈشۈپلا مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خاراكتىردىكى ھەركەت قىلىپ ئاممىنىڭ دىقىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى . ئەنە ئاۋۇ ئابلىمىتخان ، ئاۋۇسى ئەنۋەر!-ھەممىدىن ھامۇت دىگننى يامان د ەيدۇ ! بىر - بىردىن قىلىشمايدىغان بالىلا . پەرەڭ دىگەننى <ۋاك>دىگۈزىدىغان بولدى !..ئامما ئىچىدىن چىققان بۇ سۆزلەر ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ غەلبە قىلىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى . ئەنگىلينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئىزوۋىشقا ئولتۇرۇپ يىتىپ كەلدى .ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر نەچچە خادىملارمۇ ئارغىماق ئاتلىرىغا مىنىشىپ كەلگەنىدى ، ئۇلار مەيداننىڭ بىر تەرىپىدىن ئورۇن ئالدى ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇسابىقە رەسمى باشلاندى . مۇسابىقە باشتىلا جىددى تۈس ئالدى چەتئەل كوماندىسى ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ، ھەر خىل پىگور - ماھارەتلىرىنى ئىشقا سىلىپ گويا كۆزنى قاماشتۇرۋەتكۈدەك كىرىشىپ كەتتى . قە شقەر كوماندىسمۇ بوش كەلمىدى رەقىبىگە قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى پەيدىنپەي سۇندۇرۇشقا باشلىدى . - ئابلىمىتخان ئۆزى ۋىجىك بولغان بىلەن توپ ئوينىتىشقا ئۇستاپەرەڭلەرنى پىر ئوينىتۋەتتى ! مامۇتنىڭ توپ تىپىشىغا قاراڭلار ھاۋانىڭ قەرىگە چىقىرۋەتتى ! بىكتا تۇرۋاتقان ئەنۋەرمۇ يارايدۇ ! ئادىل ئاممنىڭ بەرگەن ھەر خىل باھالىرى قەشقەر كوماندىسىغا كۈچلۈك مەدەت بولاتتى . مۇسابىقە باشلىنىپ يىرىم سائەت بولا - بولمايلا قەشقەر كوماندىسى بىر توپ ئۇردى . خەلىق ئاممسىدىن <ياشاپ كەت>دەپ گۈلدۈرلىگەن ئالقىش ساداسى كۆتۈرۈلدى . بۇ ساداقەشقەركوماندىسىغا يىتەرلىك مەدەت بىغىشلىغانىدى. چەتئەل كوماندىسى بىر مەزگىل ئالاقزادە بولۇپ قۇيرۇقىنى تۇتالمىغان مۈشۈكتەك پىقىراپ قالدى . ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەلگەنىدى نۇمۇس كۈچىدىن يىرىلىپ كىتەي دەيتتى . بىر - ئىككى توختاپ مەسلىھەت قىلشىتى ھەر خىل يىڭى تاكتىكىلارنى قوللىنىپ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتى . مۇسابىقە جىددى باسقۇچقا كىردى ئىككى تەرەپ پۈتۈن ماھارەتلىرىنى ئىشقا سىلىپ كۆرەش قىلماقتا ئىدى . چەتئەل كوماندىسدىكىلەر چىدىماسلىق قىلىپ قەشقەركوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى كوماندا ئەزالىرىنى قستاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇندى ئۇلار ئوچۇقتىن ئوچۇق پۇت توپ ماھىرلىرىنىڭ ئەجەللىك يەرلىرىگە تىپۋىتىش ، ئۆزىنى ئۇرۇپ يىقىتۋىتىش ۋ باشقا تەرتىپسىزلىكلەرنى قىلدى . تۇرسۇن ئەپەندى بۇ تەرتىپسىزلىكلەرنى تۈزۈتۈش تۇغرسىدا قارشى تەرەپ كوماندىسغا پىكىر قىلغاندىن تاشقىرى ئۆز كوماندىسىدىكى ئەزالارغا ھۇشيار بولۇش توغۇرسىدا ئاگاھلاندۇردى . ئىنگىلىز كوماندىسى بىر توپنى ھەيدەپ كىلىپ بىر تىپىش بىلەن بېكىغا كىرگۈزۋەتمەكچى بولغاندا قەشقەر كوماندىسىنىڭ ۋارتارى توپنى ماھارەت بىلەن تۇتۋالدى. بۇ چاغدا ئىنگىلىز كوماندىسىدىكىلەر ئۆزىنى ئۇرۇپ توپنى بىك ساقلىغۇچى بىلەن قوشۇپ بېكقا كىرگۈزۋىتىشكە ئۇرىندى . بۇ ئەھۋالدا بىك ساقلىغۇچى توپنى قۇچاقلاپ يەرگە دۈم يىتۋالدى . قارشى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ كۆكرىكىدىكى توپنى ئاجرىتۋىلىشىغا ئۇرۇنۇپ كۈچەپ تېپىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ قاتتىق ئۆتۈكلىرى توپقىمۇ ، ئادەمنىڭ باش كۆزلىرگىمۇ تېگەتتى ، بۇ قائىدىسىزلىق ھەركەت چىدىماسلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى . تاماشىبىنلار ئىچىدىن بىردىنلا چوقان كۆتۈرۈلدى ، تەرەپ تەر ەپتىن ئۇلارنىڭ ئەيىپلىگەن ئاۋازلار ، نارازىلقلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى ، بۇ ئەھۋالدا ئۇلار بۇ زوراۋانلىق ھەركىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى . لىكىن شۇنىڭىدىن كىيىنكى ئىلىشش تىخىمۇ كەسكىن بولدى ، چەتئەل كوماندىسدىكىلەر قەسىت قىلىش ئىشىلىرىنى بىردەممۇ توختاتقىنى يوق . قەشقەر كوماندىسى ھەر بىر قەدەم ھەر بىر ھەرىكىتىدە چىۋەرلىك بىلەن قەسىت قىلغانلارنى پەس قىلدى . خەلىق ئاممىسى ئۇلارنىڭ مۇنداق چىۋەرلىكلىرىنى <بارىكاللا>توۋلاپ مەدھىيلەپ تۇردى . مۇنداق قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە قەشقەركوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر گە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن تولۇق غەلبە قازاندى . شىۋېت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نۆلگە قارشى 7 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى .
تۇنجى قىتىملىق پۇت توپ مۇسابىقىسى ئەنە شۇنداق غەلبىلىك تاماملانغانىدى .....!
مەنبە:شەرقى جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى تورى
كەلگەن جايى: 新疆 چوققا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2343
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2050 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2012-03-11

تىرىشساق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەرگىمۇ چىقىشىغا ئاز قالدى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2438
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2438دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28766 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-22 00:52

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم كەيساي ئەپەندىم ،  ئاللا  رەخمەت قىلسۇن  ، ئوبدان بىر  تارىختىن خەۋەرلەندۈرۈپسىز بىزلەرنى .       نىمىشقىكىن ئىكساقتا ھازىر بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق يوق پۇتبولغا .....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-22 12:06

يۇقۇرىدا سىزىلغان رەسىمگە قارىتا يېزىلغان بىر ئوبزورنى ئوقۇغان ئىدىم،ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە،شۇ چاغدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئېكساق كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقە كىيىملىرى بار بولۇپ،رەسىمدە ئۇلار ئاددى دېھقانچە كىيىم بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ھالەتتە سىزىلىپ قالغان،شۇ چاغدىكى كوماندىمىز ئەسلىدىنلا مۇنتىزىم پۇتبول كوماندىسى ئىدى(شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پاكىتلارنى دەلىل قىلغان)...دەپتىكەن.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general