باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 12038 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋەدە بېرىشكە بولماسلىق .
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1475
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1475دانە
ئۆسۈش: 12570 %
مۇنبەر پۇلى: 13901 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 14:35

ۋەدە بېرىشكە بولماسلىق .

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-11-20)
بەزىدە بىر- بىرىمىزنى ئىت -ئىشەك دەپ تىللايمىز ،لىكىن بەزىلىرىمىز ئاشۇ ھايۋانلارچىلىك بولالمايۋاتىمىز ! ئىت بولسا ۋاپادارلىقى ،ئىشەك بولسا ئىشچانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ .سىزچۇ ؟ نىمىڭزدىن پەخىرلىنىسىز؟؟؟؟
ھەركەتكە ۋەدە بەرگىلى بولىدۇ ،بىراق ھىسياتقا ۋەدە بەرگىلى بولمايدۇ . 
ھىسيات ئىنتايىن مۇرەككەپ ،ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە مەڭگۈ ئۇنى سۈيۈش ،مەڭگۈ ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىش ياكى ئۇنىڭغا مەڭگۈ سادىق بولوش توغىرسىدا ۋەدە بەرگەن بولسا ،بۇ ئۆزى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان ئىشقا ۋەدە بەرگەنلىك بولىدۇ .
لىكىن بەزىدە باشقىچە مەخسەت باشقىچە غەرەز تۈپەيلى ئۇ سىزنى بىر ئۆمۆر سۆيگەندەك ،نەپرەتلەنگەندەك ياكى سادىق بولغاندەك قىلىدۇ ،چۈنكى ئوخشاش بىر ھەركەتتە تۈرلۈك مەخسەتلەر بولوشى مومكىن .
بىر ئادەمنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەندە ،قەلبىدە مۇھەببەت بولوپلا قالماي ،بەلكى مۇھەببەتنى  ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ئىپادىلەش لازىم ،شۇنداق  بولغاندا ياخشى كۆرمىگەن تەغدىردىمۇ ،باشقا مەخسەت سەۋەبىدىن ئوخشاشلا مۇھەببەت ئىپادىلىنىشى مومكىن ،شۇڭا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ،.
باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا ،باشقىلار سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئۆمۆر بويى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى توغىرسىدا ۋەدە بەرگەن بولسا ،ئۇ ھالدا ئۇ سىزنى كۆرىنىشتىلا ياخشى كۆرۆپ ،چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرمەسلىككە ۋەدە بەرگەن بولىدۇ .
سەن بىز قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ،ئۇ كەچىللىكىڭنى كۆپىرەك كۆرسە ،ئۇ سېنى ھەقىقى سۆيگەن بولوشى مومكىن ،ناۋادا ئۇ ئارتۇقچىلىقىڭنى كۆپىرەك كۆرسە ،ئۇ مۇھەببەتكە مەلۇم بىر غەرەز يۇشۇرۇنغان بولىدۇ .

مەنمۇ دائىم دەيمەن ..مەن سىنى ياخشى كۆرۆشكە ، بەخىتلىك قىلىشقا كۈچۈمىنڭ يىتىشچە تىرىشىمەن دەپ ۋەدە بىرىمەن ..لىكىن ھەرگىزمۇ مەن سىنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىمەن . سىنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن ، مەن سەندىن ئايرىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرمەيمەن ،بۇ قىپقىزىل ئەخمەقنىڭ سۆزى .. ناخشىچىلارنىڭ ،شائىرلارنىڭ ئېغىزىدىكى دەبدەبىئى سۆزلەر پەقەت قۇرۇق شوئاردىنلا ئىبارەت خالاس..سەنسىز ياشىيالماسىلق . جېنىدىن كىچىش،ئاشىق ..سەۋدا .. ھازىرقى ھاماندا بىردىن بىر كىسىپ ئۆتۆشكە ئەرزىيدىغان قۇرۇق گەپ ..
ھازىر بىزدە ئەڭ نوچىسى پۇل ...ھىچكىم بۇنداق دىگۈسى كەلمەيدۇ ...ھەم دىمەيدۇ ..ئەمما 99% ئادەمنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئوروندىكىسى پۇل ...پۇل بولمايدىغان بولسا كۆترەپ بار ئۇنداق مۇھەببەتنى ... مۇھەببەت ناخشىلىرى پۇل بولمىسا توختاپ قالىدۇ ..شائىرلارغا قەلەم ھەققى كەلمىسە نەدە ئۇ مۇھەببەت دەپ ئەسەر يازىدغان ۋاقىت ..قورساق باقماي..
يالغان ،، پۈتۈنلەي يالغان ..بۇ جەمىيەت يالغانچىلىققا شۇ قەدەر تىنىپ كەتتىكى ،قوپقان تۇرغاننىڭ ، كەلگەن كەتكەننىڭ ھەممىسى يالغان ، ، مالچىنى مالنى سىزگە پايدا ئالماي تونوشلىقىنڭ يۈزىنى قلىىپ ئىزىغا بەرگنى يالغان ..تەرەققىياتنىڭ بولىۋاتقىنى راس، چۈنكى بۇ يىل بىزنىڭ مەھەللىدە پارتىينىڭ قوللىشى بىلەن يىڭى ئۆيلەر سىلىندى ،شۇ كۈنى مەركەزدىن باشلىق كىلىدىكەن دىگەن گەپ بىلەن كوچىلارغا سىم تارتىلىپ چىراقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، باشلىق كىلىپ كۆرۆپ كەتتىمىۇ بولدى تاتقان سىم-پىم دىگەننى يۇلۇپ قايتىدىن يىغىپ ئىلىپ كەتتى ، مەركەزنىڭ ئۆزگەرتىڭلار دىگىنى ،ياخشىلاڭلار دىگىنى راس ،تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئەمەلى قىلغىنى يالغان.
پۇل -ئىشقىدا كۆيدۈرۈپ ،تىنىمسىز ھەركەتكە چاقىرۋاتقان سۈيۈملۈك ئالدامچى . 
18 ياشتا بىز مۇھەببەت دەشتىلىرىدە تەمتىرەپ يۈرگەن بولمىز ،غەرىپ ياشلىرى بولسا مۇستەقىل ياشاش ۋە ئېگىلىك تىكلەش يولىدا كىتىۋاتقان بولىدۇ
پۇل -دۇنيانى شەرىت قىلغان نىكاھ ،قۇل بازىرىنىڭ يىڭى زاماندىكى ئىپادىلىنىشىدۇر
 100 % لىك يۇڭ گىلەممىش ...تۈركىيەنىڭمىش....يالغان ....
دۇككان تاقىلىش مۇناسىىۋىتى بىلەن ماللارنى قولدىن چىقىرىش ئۈچۈن زىيىنىغا سىتىپتۇمىش ..
15 كۈنلۈك توخولارنىڭ سۈڭەكلرى چرىپ كەتكەن ،يىسە كۆڭۆل ئىلىشىدۇ ..يەرلىك توخو قورمىلىرى مىش ...
ئىلىنىپلا قالساڭ سايدىكى تاشنى مىليۇنغا ساتىدۇ ...ھەقىقى خوتەن قاشتىشىمىش...
ساتە ئاداش ئۆردەك گۆشىنى كونسۇل كوچىسىدكى ئۇيغۇرلار يەۋىردۇ ...بىر زىقى بىر كوي...
مەسىجىتتىكى موللام شۇڭا ئۆپكىسىدە سۆزلەيدۇ ...قاتاردىكىلەر دۈمبىسىدە ئاڭلايدۇ ...
بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەينەتلىكىنى كۆرسەم ئىچىگە كىرش ئەمەس ،تېشىدىن قاراپلا قۇسقۇم كىلىدۇ ،،مۇسۇلمانمىش..
خەنزۇلار <چىڭ جىن > دەيدۇ ..پاك ھەقىقى ،ئىشەنچىلىك ،،پاكىز دىگەن گەپ ..بولپمۇ تىببى ئونۋىرستىد يىنىدىكى ئاشخانىلارنىڭ مەينەتلىكىگە  بىر قىتىم تاماق يەپ قويوپ ، تاس قالدم ...پۇللا تاپسا بولدى ...مۇشۇلارمۇ مۇسۇلمانمىش...يالغان .
مۇسۇلماننىڭ ،،ئىسلامنىڭ يۈزىگە داغ .....
باشقىلار ئىسلامنىڭ يۈزىگە ئەتتىر چىچىۋاتىدۇ ...بىز ژۇندا چېچىۋاتىمىز ...
شىنجاڭدا ئۇسسۇلچى ،داپچى ...كاۋاپچى ..ئىچكىردە يانچۇقچى ، ئوغرى ..پاھىشىۋاز  ،،....ھەرەمدە  قويمىچى .... ئامېرىكىدا چوماقچى ..
بىزنىڭ ھەقىقى ئادەملىرىمىز مىنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت 1 % ...
فېرمىدىكى توخولارنىڭ تۇخۇم تۇغقىنى يالغان ...ھەي بىچچارە 15 كۈنلۈك توخولار قوڭدىن چۈشكەن تۇخۇمنىمۇ بىلىپ بولالماي ..ھەسرەت بىلەن تەخسىدە چېچىلىپ ياتىدۇ .
زۇڭلى ۋىنجىياباۋنىڭ پاتقاق كېچىپ ئەلگە كۆيىنىۋاتقىنى راس  ... تىگىگە گىلەم سىلىپ ،يولىنى سۈپۈرۋاتقنى يالغان ..چۈنكى قايسى يىلى يۇرتىمىزدىكى ئات بەيگە مەيدانىغا مەركەزدىن باشلىقمىز لوگەن كەلمەكچى بولدى كىلىشنىڭ ئالدىدا پۈتۈن مەيداننى سىرلاپ بىر دەمدىلا ھەممە يەرنى ئۆزگەرتىپ بولدى ،ئاممىۋى ئوبورنىدىن تارتىپ يۆتكەپ كەلدى .باشلىق كىلىپ بىر قىتىم كىرىپ چىقتى بىلمدىم ئەتىسىلا ھىلىقى ئوبورنى ،ئەسلەھەدىن ئەسەرمۇ يوق ..ھەممنى يىغىپ كەتتى ..باشلىق كەلدى دەپ يولغا سۇلار چاچقنى يالغان ..
ھۆكۆمەتتىن ئۆي ئالىمىز دەپ بىر -بىرى بىلەن ئاجىرشىپ كىتىدىغان ،كىيىن يارىشىۋالدىغان ، پۇلغا دۈم چۈشكەنلەر ...
كىيىنىشى بىلەن سۆزلىرى بىر -بىرىگە ماس كەلمەيدىغان ،ئايلىق ئۈچۈن جان باقىدىغان ئوقوتقۇچىنىڭ سۆزلىرى يالغان ..
شۇڭا ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ بولوشى يالغان ....
سەمىرىش ھايۋاننىڭ يارىشىقى ،تەپەككور قىلىش ئادەمنىڭ ..
جەمىيىتىمىزدە ئەڭ لاۋزا كىشىلەر چاخچاخچىلار ...
ئەڭ يالغانچىلىرىمىز  سېتىقچىلار..شائىرلار ..ناخشىچىلار ..تىلەمچىلەر..ئاز ساندىكىلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا
ئەڭ گاچچىلىرىمىز  رەسساملار..زىيالىلار..
ئەڭ باي ئورون دوختۇرخانا..
ئەڭ گاداي ئورون ئوبورنىخانا..
ئەڭ بىزەپچىلىك جاي رىستۇران ،قەھۋەخانا،لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئورنى
ئەڭ بىچچارە ئورون كىتابخانا.
ئەڭ ئاجىزلىقىمىز-ھەدىدىن ئاشقان مىھماندۇسلۇق .
ئەڭ ساددىلىقىمىز -چەكتىن ئاشقان ئاق كۆڭۈللۈك .
ئەڭ نادانلىقىمىز -ئاسانلا ئۈمۈتسىزلىنىش .
ئەڭ ئىتىبارسىز قارايدىغىنىمىز -پەن-مەدىنيەت .
ئەڭ بىكارچىلىقىمىز -سەنئەتخۇمارلىق .
ئەڭ بىچچارلىقىمىز -دورامچىلىق .
ئەڭ قۇتۇلامىغىنىمىز-نامىراتلىق .
سېلىنىۋاتقنى مەسجىت ،كىرىۋاتقىنى قانچىلىك ؟
مىللەتنىڭ پاككىز ياكى مەينەتلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئورون مىنىڭچە ئاشخانا ...
ئەڭ قورقۇنۇشلۇق جاي ،ئاق مەسجىتنىڭ ئۇدۇلىدىكى كېچىلىك تېنىنى ساتىدىغانلار لاغايلاپ يۇرىيدىغان كوچا ..
ئەڭ جاپا چىكىدىغان ئورون ساخچىخانا .ھەقىقەتەن جاپا چىكىدۇ ...ئۇلار بولمىسا جەمىيەتىنىڭ تىنىچ بولوشى مومكىن ئەمەس.
ھەممىسىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرىنىدىغىنى بازار باشقۇرغۇچىلار ..لىكىن بۇلارمۇ ئۆز كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي ئاخىرى يامان بولدى ..بۇلا رەتلەپ تۇرمىسىمۇ ياخشى بولمايىتتى ..لىكىن ھىچ كىم توغرا چۈشەنمىدى ...
كوچىدا ئالدىراش چىقىراپ كىتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ئاپتۇمۇبىلىنى كۆرسەم كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كىلەتتى ..ئىنساننىڭ مىھرى -مۇھەببىتى مۇشۇ يەردە دەپ ئويلايىتتىم،،لىكىن ئۇلارمۇ 120 كوي بەرمىسە چاتاخكەن ...تىخى شوپۇرمۇ كۆتىرە ئىلىۋالدىغان ئوخشايدۇ ، شۇنىڭغا قاراپ پايدا ئالىدىكەن ..
كىيىن ئوت ئۆچۈرگۈچ ماشىنىلىرىغا قاراپ كۆزۈمگە ياش ئالىدىغان بولدۇم ..بۇلار بولىدىكەن ..
يەرلىك تۇخۇممىش ،،سەھرادىمۇ تاپقىلى بولمايۋاتسا ...
جىڭ ھەسەلمىش ...ھازىر ھەرىنىڭ ئۆزىنى ئەكلىپ كۆز ئالدىدا قوڭىنى سىقىپ بەرسىڭىزمۇ ئىشەنمەيدۇ خەق ...ئىشەنچنى يوققاتتۇق چۈنكى ...ئىمان بولمىسا ...
دۇنيا ئاسمىنىدا ئۇچىۋاتقان كەپتەرلەر يالغان ،باشقۇرۇلدىغان بۇمبا ، ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئۇچىۋاتقىنى راس..
بان كىمۇننىڭ قولىدكى بولقا راس ،،ئەمما ئۇنى ھەقىقى  ئۇرغىنى يالغان .
يەھۇدىلارنىڭ خارلانغىنى راس..ئەمدى خارلانمايىدغانلىىقى يالغان ...
بۇ دۇنيا ئىلىم -پەن دەۋرىگە كىردى دىگىنى يالغان ، ئىلىم دەۋرىگە ئەمەس ھايۋانلىشىش دەۋرىگە كىردى دىگىنى راس..
ئىلىم تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،ھاراق-تاماكا ئادەمنىڭ جىسمىنى ،چاكىنا ناخشا -موزىكىلار ئادەمنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرۋىتىدىكەن
قارىغاندا ،خېلى كۆپلىرىمىز ئىككى تەرەپتىن تەڭ تۈگىشىش يولىنى تاللىغان ئوخشايمىز .
قىزلاردىكى ئەخلاق يوقالدىمۇ ،ياكى بىزدىكى غۇرۇرمۇ ؟
بىز قوغلاپ يىتىشەلمىگەنلىرىمىزنى ۋاپاسىز دەپ تىللاشقا ئادەتلەنگەن .
جەمىيىتىمىزدىكى بەزى دانىشمەن كىشىلەر دان يەپ تۇخۇم تۇغمايدىغان كۈرۈك مىكيانغا ئوخشاپ قالماقتا .
نادانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۇلارنىڭ ئۆزى ،ئۇلار ئۆزىنى يوقاتمىغۇچە ،ئۆزىنى دىلىغا ئوخشاش قارا قىسمەتتىن قۇتۇلالمايدۇ .
ئاياللارنىڭ يىرىم يالاڭغاچ يۈرۈشى غەرىپ ئەللىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ،ئەرلەرنىڭ يېرىم -يالاغاچ يۈرۈشى نامىراتلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر .
ئېشەك قانچە كۆپ ئىشلىگەنسىرى شۇنچە خارلىنىدۇ .
چاڭ-توزانلارنىڭ كۆپىيىشى ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشدىن دىرەك بەرسە ،بىكار-تەلەپلەرنىڭ كۆپىيىشى مىللەتنىڭ بۇزۇلىشىدىن دىرەك بىرىدۇ .
ئەرلىرىمىز ئەركەكلىككە قايتمىغۇچە ،ئاياللىرىمىزنىڭ ئانلىقىنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ . 
خوشامەتچى گېلىدىن قېرىمىسىمۇ ،بېلىدىن قېرىشى مومكىن .
دۇنيا تارىخىدىن ساۋاق شۇكى ،ئەرلەر بۇزۇلغان جەمىيەت پالاكەتكە يولىقىدۇ .ئاياللا بۇزۇلغان جەمىيەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ .
كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا قاقاھلاپ كۈلۈپ ،ئۇبدان چاۋاك چىلىپ قويساڭلا كۇپايە ،ئۇ ھەرگىز مۇ ،جاراھەتلەنگەن ،بۇرۇقتۇملانغان ، تىڭىرقىغان روھقا تەسكىنىلىك بىرەلمەيدۇ .
يىگىتلەرنىڭ  يېرىم يالاڭغاچ قىز ئالدىدىكى سۈكۈتى ،ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سوئال  .
كوت-كوت ئاياللىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن ،زىيالىلىرىمىز ئاق باش ،قەھىرمانلىرىمىز ۋەيران ، بالىلار يىتىم-ساۋاتسىز بولماقتا
كىشىلەرىنىڭ دەرت -ئەلەملىرى كۆپەيگەنسىرى ،ھەر خىل سازەندىلەرنىڭ ناخشىلىرى ئەۋىج ئالىدۇ .
كىشىلەرنىڭ كۆزى ئىچىلغىنى بىلەن دىلى غەپلەتتە ،نەپسى يوغىناشتا
مومام بىزگە ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ ھارمىسا ،ھازىرقى ئانىلار باللىرىغا ئۇنالغۇنى قويۇپ بېرىپ ھارمايدۇ
ئۆيگە مەست كىرگەن ئەرنىڭ پۇشتىدىن ،كوچىدا يىتىپ قالىدىغان ئوغولنىڭ تۇغۇلدىغىنى ئانچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس
ئايالار شاراپ ئىچسە ،شەرمى -ھايانى ،ئەرلەر شاراپ ئىچسە ۋىجىدان -غۇرۇرنى گۆرۆگە قويىدۇ .
ئەرلەر بۇزۇلسا باشقىلارغا ئىشلەيدۇ ،ئاياللار بۇزۇلسا ئۆزىگە  ئىشلەيدۇ
ئايالار ئۆزىنى پەردازلىغانسىرى سەتلىشىپ ،ئەرلەر ئۆزىنى ماختىغانسىرى لاۋزىلىشىپ كىتىدۇ .
غۇرۇرسىز ئەرلەر كوچىسىدىن نۇمۇسسىز ئاياللار چىقىدۇ .
قىزلىرىمىز قىزلىق ئىپپەتنىڭ ،يىگىتلىرىمىز ئەرلىك سالاھىيەتنىڭ قىممىتىنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەندە ،بىز پۈتۈنلەي تاۋارغا ئايلىنىپ كىتىمىز ..
ئەرلەرنى ئۆيدىن سۇۋۇتقان نەرسە نىمە ؟
-ئاياللارنىڭ مىھىرسىزلىقى ..
ئاياللارنى كوچىغا تارتىۋاتقىنىچۇ ؟
ئەرلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى.
بولدىلا ...توختاپ قالاي  ...قىسقىسى مەنمۇ يالغانچى ...
شۇڭا يالغاندىن سۆزلەپ قويدۇم باشقىچە چۈشۈنۈپ ..ماڭا قالايمىقان تەنبىھ بەرمەڭلار...
مەنبە؛ ئۈزۈم
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1385
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1385دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15493 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-09-09
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 14:53

    بىرىگە  ئالدىراپ  ۋەدە  بەرمەسلىك،ۋەدە  بەرگەن  ئىكەن  چوقۇم  ئورۇنداش  كېرەك.بىزنىڭ
    باشقىلارغا  بەرگەن  ۋەدىمىز  دەل  ئۇلارنىڭ  بىزدىكى  ئامانىتىدۇر.
    ۋەدىسىگە  خىلاپلىق  قىلىش_ئامانەتكە  خىيانەت  قىلغانلىقتۇر.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!