باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 803 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يۇمۇر(لەيلى
لەيلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 334
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 112
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
ئۆسۈش: 237 %
مۇنبەر پۇلى: 639 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2011-11-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-22 01:01

يۇمۇر(لەيلى

 
پەرقى يوق
ئايالى ئېرىنى يوقلاپ تۈرمىگە بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن؛-بۇ يەردە كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، جاپا چېكىۋاتامسىز؟---دەو سۇراپتۇ.
-ئۆيدىكى كۈنلىرىم بىلەن ئانچە پەرقى يوق، بۇ يەردىمۇ سىرىتقا چىققىلى قويمايدۇ،ھاراق ئىچكىلى قويمايدۇ، تامىقىمۇ بەك ناچار، ---دەپتۇ ئېرى زارلانغان ھالدا.
ئالدىنى ئېلىش
    بىر قورقۇنچاق كىشى ئوپراتىسيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپتۇ. ئۇ دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن ماسكىسىنى تاقىماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ.-بولمايدۇ، بىز چوقۇم ماسكا تاقىشىمىز كېرەك، بۇ دېگەن تۈزۈم، --- دەپتۇ دوختۇر.-بولدى مېنى ئالدىماڭلار، سىلەر ئوپراتىسيە جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مېنىڭ سىلەرنى تونۇۋېلىپ كېيىن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر،.
 ---دەپتۇ كېسەل
يەڭگە بىلەن سىڭىل
  سىڭلىسى: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟
     يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ  
ئۇخلىتىش
قىزى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى قىزىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
     --- ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
     --- ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ   قىزىىمۇ پەس ئاۋازدا.