باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1239 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېھ، ئانا يۇرت - مۇقەددەس ماكان!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-14 15:05

ئېھ، ئانا يۇرت - مۇقەددەس ماكان!

ئېھ، ئانا يۇرت - مۇقەددەس ماكان!!
ئۆمەر
  
ئىھ، ئانا يۇرت - مۇقەددەس ماكان،
سۆيۈملۈكسەن ئانامدەك گويا.
بۈگۈن ماڭا بولدىغۇ ئايان،
چىمدىم توپاڭ ئىكەن تۇتىيا!
  
  
يىگىتلىرىڭ باتۇر، چىداملىق،
ھۆر قىزلىرىڭ شۇنچىلىك ئوماق.
بوۋايلىرىڭ ئىنساپ، ئىمانلىق،
مومايلىرىڭ پەرىشتە سىياق.




تار يوللىرىڭ، پاكار ئۆيلىرىڭ،
قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر.
نەغمە-ناۋا، مەشرەپ، كۈيلىرىڭ،
مېنىڭ ئۈچۈن بۈيۈك شۇ قەدەر!

  

گەرچە نامرات بولساڭمۇ خەلقىم،
سەندە باردۇر ئىنساپ-دىيانەت.
بەرمەك بولسا پۇل ئەمەس، بەلكىم-
ئۇلۇغ اللە بەرسۇن ھىدايەت!...


  
سېغىندىم مەن مەسچىتلىرىڭنى،
يانتاق باسقان مازارلىرىڭنى.
مۈشۈك-ئاسلان، ھەم ئىتلىرىڭنى،
ئاددىي، قايناق بازارلىرىڭنى.

  
سېغىندىم مەن ئېتىز-باغلارنى،
سېغىندىم مەن قاداق قوللارنى.
سېغىندىم ھەم قارلىق تاغلارنى،
شۇ ئېگىز-پەس پاتقاق يوللارنى!…
  
  
تېنىم بۇندا، يۈرۈكىم سەندە،
يۈرگەن بىلەن چاڭجاڭنى بويلاپ.
پىراقىڭدا مەن جۇنۇن بەندە،
كۈنۈم ئۆتەر سېنىلا ئويلاپ!
  

ئارىمىزدا بولسىمۇ داۋان،
چۈشلىرىمدە بولىسەن ئايان!
ئېھ، سۆيۈملۈك تۇغۇلغان ماكان،
بەختىم ئۈچۈن ئامان بول ھامان!!!...
  


2009 – يىلى 24 – دېكابر
چوڭچىڭ

بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2096
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 267
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە267دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 2985 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-19
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-رويىڭ سامان بولماس .

ھەجەپمۇ دەپتىكەن بۇ گەپنى،،، ھەجەپمۇ دەپتىكەن بۇگەپنى ،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 578
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە578دانە
ئۆسۈش: 1935 %
مۇنبەر پۇلى: 7413 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-15 10:40

نىمىشقا نادىرلىمايسىلەر \؟
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-02 21:51

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2010-11-15 10:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نىمىشقا نادىرلىمايسىلەر \؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم!
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!