باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 842 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەممەتجان راشىدىن ناخشا تېكىستلىرى(2 )
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 357
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 102 %
مۇنبەر پۇلى: 243 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2012-02-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-21 00:10

مۇھەممەتجان راشىدىن ناخشا تېكىستلىرى(2 )

ئارزۇلىرىم
 
 
لوقماندەك ياشىسام،تاغلاردەك قالسام،
دۇنيادىن كەتمىسەم -ئۆلمىسەم دەيمەن
پاراغەت بولسىكەن ئاسمانمۇ ،يەرمۇ؟
ئىنساندا كۆزياشلار  كۆرمىسەم دەيمەن.
 
يىغلىسام دوستلارنىڭ دەردى ۋەجىدىن،
كۈلسەممۇ دوستلارسىز كۈلمىسەم، دەيمەن .
ئادالەت ھۆرلىرى مەشۇقۇم مىنىڭ،
شۇلاردىن ئۆزگىنى سۆيمىسەم دەيمەن.
 
 
ساقلانسام شەيتاننىڭ دەۋەتلىرىدىن،
كىبىرنىڭ كەينىدىن يۇرمىسەم دەيمەن.
قوۋۇقلار سىرتىدا قالساممۇ مەيلى،
خۇشامەت شەھرىگە كىرمىسەم دەيمەن.
 
 
ئارزۇلار تاتلىقتۇر،خىياللار شىرىن،
بەزىدە گۈل بولسام گۈللىسەم دەيمەن.
ئۇرۇقۇم توكۇلسە،لىكىن ئۈنسەممۇ،
خەسىسلەر يېنىغا ئۈنمىسەم دەيمەن.
 
 
ئۆز يارىڭ
 
ئۆزگە باققا كۆز سالما،ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،
نىمە تەشۋىش ئالەمدىن،تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ.
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،
ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپپاق ناندا ئۆز يارىڭ.
 
پىچاق كەسسە قولۇڭنى،ھىچكىم ئۇنداق تاڭالماس،
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا،ھىچكىم ئۇنداق ئالالماس.
يۈلەپ يۇرەر ئۆمۈرلۈك، بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،
نىجاتلىق بار سەن ئۉچۉن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ،
 
يۈەرۇپ چىقار ئالدىڭغا،قايتڭپ كەلسەڭ سەپەردىن،
ئېسىلدۇ بوينۇڭغا ،ئامان چىقساڭ خەتەردىن.
يامانكۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ،
 
چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،
ئاش ئۇسقاندا،بىچارە بىللە چىقار بىنەمگە.
باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋال سىنى گىلەمگە،
تولغىنىسەن راھەتتە ،ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.
 
سەن يوق
 
چىنەڭگە، ئاھ ئانا،زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق،
نىتەي ،ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق.
تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۇن بويى ،ئەمدى،
بېشىڭغا قوشلىبان ياستۇق قويۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق.
ساڭا قانماي تۇرۇپ قەلبىم،ھاياتلا قۇۋۇمىدىن كەتتىڭ،
قۇيۇپ ئالدىڭغا قايناق چاي،سورۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق.
بالامنى ئالغۇچە ئەتتەڭ،سىنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،
زورۇر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق.
سىنىڭ تەنبىھلىرىڭ بولماي ،مىنىڭ ئادەملىكىم قايدا،
مىنىئۇرساڭمۇ مەيلىتى،تۇرۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق.
چۇشۇمدە ‹‹ئۇسسۇلۇق›› دەپسەن،‹‹ئانا››دەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،
لىكىن پىيالىدە سەربەت سۇنۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.
ساڭا بەرگەننى ئەرزىيتتى،قىرىق ئەلگەكتىن ئۆتكۇزسسەم،
شۇڭا، شەربەتنىمۇ سورۇپ بىرەي دىسەم  سەن يوق.
يېشىل ياز كەتتى، قاقىرلار ئەنە قايتىشتى سەپ تارتىپ،
نىتەي ،ھەر ياز بىرەر قوغۇن تىلىپ بىرەي دىسەم سەن يوق.
سىنىڭ بارىڭدا قەدرىڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ئەمدى،
ساڭا كويگەن باغرىمنى  يېرىپ بىرەي دىسەم سەن يوق.
 
شائىرنىڭ‹‹ياخشىلارغا ناخشىلار تولا›› ناملىق توپلامدىن