مەشق قىلىش
يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر ئەترەت ئەسكەر مەشق قىلىۋاتقاندا، ئەترەت باشلىقى كوماندا بېرىپتۇ :
سول پۇتۇڭلارنى ئالدىغا سۇزۇڭلار!
بىر ئەسكەر جىددىيلىشىپ ،ئوڭ پۇتىنى سۇنۇپ ساپتۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ پۇتى ياندىكى ئەسكەرنىڭ سول پۇتى بىلەن جۈپلۈشۈپ قاپتۇ. ئەترەت باشلىقىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ۋارقىراپتۇ:
_قايسى ئۆلگۈر ئىككىلا پۇتىنى سوزىۋالدى؟!
مېنىڭ پۇلۇم
بىر ئادەم ھەمىشە تىلەمچىگە سەدىقە بېرىدىكەن. بىر كۈنى تىلەمچى ئۇنىڭغا :
-سىز بۇرۇن ماڭا 10يۇەن بېرەتتىڭىز ،ئۆتكەن يىلى 5يۇئەننى قىسقارتىۋەتتىڭىز ، بۇيىل پەقەت بىر يۇەنلا بېرىۋاتىسىز ،بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
-ئىككى يىل ئىلگىرى،-دەپتۇ ھېلىقى ئادەم جاۋابەن،- مەن تېخى بويتاق ئىدىم،ئۆتكەن يىلى توي قىلدىم ،بۇ يىل بالىلىق بولدۇم ،شۇڭا ، مەن چىقىمنى تېجەشكە مەجبۇر بولدۇم.
-ئائىلىڭىزدىكىلەرنى،-دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلاپ ،- مېنىڭ پۇلۇم بىلەن باقسىڭىز قانداق بولىدۇ
ئابدىمەنبەسى :شىنجاڭ لېنىيىسى تورى