باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1146 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەممەتجان راشىدىن ناحشا تىكىستلىرى(1)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 357
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 102 %
مۇنبەر پۇلى: 243 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2012-02-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-21 00:04

مۇھەممەتجان راشىدىن ناحشا تىكىستلىرى(1)

قەدرىنى
(شۇ ناملىق  غەزەلدىن قىسقارتىلما)

‹‹ھەركىم ئۆلمەستىن بۇرۇن بىلمەيدۇ  بۇجان قەدرىنى،
كىم ئۆلەر ھالەتكە يەتسە،شۇ بىلۈر جان قەدرىنى.
جان ئەزىز، دوسلار،لېكىن جانان شۇ جاندىنمۇ ئەزىز،
دىل يېرىپ يار سويمىگەن بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى.
ياخشى سۆز دەرمان ئىرور دەردلىك كۆڭۈلگە تاغ كەبى،
كىرپىگى نەم كۆرمىگەن بىلمەس شۇ دەرمان قەدرىنى.
چاڭقىغاندا تامچە سۇ تاڭلايلىرىڭنىڭ بەختىدۇر،
چۆلدە ئاپتاپ كۆرمىگەن بىلمەيدۇ ئورمان قەدرىنى.
بىلدۈرەر قەددىڭ ئىگىپ قىلغان سالامىڭمۇ سېنىڭ،
مەيلى مەرىكە،ھازاھەم ھەركىمگە ئىنسان قەدرىنى.
ياخشىنىڭ بىلمەيدۇ قەدرىن بىر ياماننى كۆرمىگەن،
باققا بۇلبۇل زوق قىلۇر بىلگەچ گۈلىستان قەدرىنى.

كەپتىرىم
كەپتىرىم، قاقما قانات،
كۆڭلۈم پاراكەندە مىنىڭ.
ئايرىلىپ ياردىن ئەزىز،
يالغۇز بېشىم غەمدە مىنىڭ.

كەپتىرىم ،كەتمە ئۇچۇپ،
سالما جۇدالىققامىنى.
بۇجۇدالق دەستىدىن،
كەتتى چىرايىمنىڭ خۇنى.

كەپتىرىم، ئۇچما يىراق،
كىرمە ياماننىڭ كەينىگە.
مىنى خارئەتتى پەلەك،
قويماي ئۆزۈمنىڭ مەيلىگە.

كەپتىرىم، ئۇچما ئىگىز،
ئاسماننى كەزمە،پەستىمەن.
تاڭلا كۆرسەڭ خار ئەمەسمەن،
مەيدەڭدىكى گۈل دەستىمەن!

قانداق قىلارمەن

ياشايمەن دۇنيادا سېنى دەپ ئانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
يۈرىمەن بىرسىنىڭ غېمىڭدە مانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟

ئانامنىڭ دىگەنتىم تاپقان پۇلۇمنى،
ئانامنىڭ دىگەنتىم كىيگەن تونۇمنى.
ئانامنىڭ دىگەنتىم تۇتقان يۇلۇمنى،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟

كەتكىلى بولسىدى  ئۆلۈمنى تاشلاپ،
كىتەتتىم يىراققا سېنى ھاپاشلاپ.
ئامال نە؟يۈرىمەن كۆزۈمنى ياشلاپ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟

كىتىدۇ بېشىمنى سىلىغان قولۈڭ،
كىتىدۇ جىمىگە چىدىغان قولۇڭ.
ئەمدى يوق ماغزاپقا چىلىغان قولۇڭ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟

بېشىمدا ساقلايمەن ئەسكى مەسەڭنى،
ئالتۇن،دەپ ئاسرايمەن ياماق كەشەڭنى.
قويۇپ كەت تەۋەررۈك ئەشۇ ھاساڭنى،
سېنىڭدىن ئايىرىلسام  قانداق قىلارمەن ؟

يىپ-يىڭنەڭ قايەردە؟ ئېيتىپ قوي، ئانا؟
ئاخىرقى چايغا ئوت يېقىپ قوي،ئانا،
مەندە يوق سېنىڭدىن  ئۆزگە ئوي ئانا.
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟

گۈلدەستە
گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،
تۇتقايسەن مىنى ئەستە.
سەگەك بولىلى يارىم،
دۇشمەن يۈرىدۇ قەستە.

گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،
يەتكەيمەن ساڭا تەستە.
ئاسمانغا چىقىۋالما،
قالدۇرۇپ مىنى پەستە.

گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،
يىغلايمەن سەھەر،كەچتە.
يار دەردى يامان ئىكەن،
كۈنلەر ئۆتىدۇ تەستە،

مەنبە:شائىر نىڭ ‹‹ ياخشىلارغا ناخشىلار تولا›› ناملىق توپلىمى


باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(aykut) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 475
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
    ئۆسۈش: 228 %
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-28
    ئاخىرقى: 2012-01-16

    مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ...رەھمەت سىزگە ............
    ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 702
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
    ئۆسۈش: 1870 %
    مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
    تۆھپىسى: 85 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2011-08-18
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-23 11:58

    سىزمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىكەنسىزدە؟ مەندىمۇ بار بۇ كىتاپ. بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. رەھمەت سىزگە...
    [ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-23 17:53قايتا تەھرىرلە ]
    ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
    بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.