1 – ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن – بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ،
ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.
2 – ئاتا – ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.
3 – ئاتا – ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى
قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.
4 – ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.
5 – ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.
6 – ئاتا – ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى
سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز.
7 – ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.
ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ،
8 – باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك.
9 – ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ،
10 – ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن
مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن اللە تەئالاغا دۇئا قىلىش.
11 – ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
12 – ئۇلارنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ناھايىتى كۆپ،
بىزنى ئادەم قاتارىغا قوشۇش يولىدا تارتقان جاپالىرى ئىنتايىن جىق،
كىچىكلىكىمىزنى بىر ياد ئېتىپ باقايلى قېنى:
ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا – مۇشەققەتلىرىنى بىر اللە بىلىدۇ،
بىر ئۆزى بىلىدۇ. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يۇغىنىغان،
كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.
بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن،
لېكىن بىزنى يېنىدا كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد – ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ – ئۈمىدىنى
بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.
ئاندىن كېچە – كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان؛
بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن.
بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان،
بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن،
يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.