77 − ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
1. ماتورلۇق قاتناش يولىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توسۇپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛
2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سول تەرىپىدىن چۈشۈشكە بولمايدۇ؛
3. قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش − يېپىشتا، باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ؛
4. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈۋاتقاندا ھەيدەشكە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ، بەدىنىنىڭ ھەرقانداق قىسمىنى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىدىن سەكرەشكە بولمايدۇ؛
5. ئىككى چاقلىق موتسىكلىتقا ئۇدۇل مىنىپ ئولتۇرۇش كېرەك.
.5 − پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە
78 − ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل يولىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى كۆرسىتىلىشى لازىم، ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنى 120 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە، ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولۇشقا بولمايدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەن كىچىك يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنى 120 كىلومېتىردىن، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 100 كىلومېتىردىن، موتسىكلىتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 80 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
بىر يۆنىلىشتە 2 ئاپتوموبىل يولى بولسا، سول تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر بولىدۇ؛ بىر يۆنىلىشتە 3 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل يولى بولسا، ئەڭ سول تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 110 كىلومېتىر، ئوتتۇرىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى بولىدۇ. يولدىكى سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسى كۆرسەتكەن ئاپتوموبىل سۈرئىتى بىلەن يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىل يولىدا يۈرۈش بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولمىسا، يولدىكى سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسىدە كۆرسەتكەن ئاپتوموبىل سۈرئىتى بويىچە يۈرىدۇ.
79 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى باغلىما يولدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشتە، سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە دەخلى قىلمىغان ئەھۋالدا ئاپتوموبىل يولىغا كىرىشى لازىم.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىشتا، ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىپ، سۈرئەت كېمەيتىش يولىغا كىرىپ، سۈرئەت كېمەيگەندىن كېيىن ئايرىلىشى لازىم.
80 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈپ، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەندە، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقنى ساقلىشى لازىم؛ ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقىنى مۇۋاپىق قىسقارتسا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ قىسقا ئارىلىقى 50 كىلومېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ.
81 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە، تۇمان، يامغۇر، قار، چاڭ − توزان، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈنۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋا رايى شارائىتىغا دۇچ كەلسە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:
1. كۆرۈنۈش دەرىجىسى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، تۇمان چىرىغى، يېقىن نۇر چىرىغى، دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى ۋە ئالدى − ئارقا ئورۇن چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 60 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقنى ساقلىشى كېرەك:
2. كۆرۈنۈش دەرىجىسى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، تۇمان چىرىغى، يېقىن نۇر چىرىغى، دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى، ئالدى − ئارقا ئورۇن چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 40 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 50 مېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقنى ساقلىشى لازىم.
3. كۆرۈنۈش دەرىجىسى 50 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، تۇمان چىرىغى، يېقىن ن−ۇر چىرىغ−ى، دەھلىز ك−ۆرسىتىش چ−ى−رىغى، ئالدى − ئارقا ئورۇن چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ھەمدە ئەڭ يېقىن چىقىش ئېغىزىدىن تېزلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىشى لازىم.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول باشقۇرۇش تارمىقى كۆرسىتىش ئېكرانى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سۈرئەتكە چەك قويۇش، ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
82 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە، تۆۋەندىكىدەك قىلمىش كۆرۈلسە بولمايدۇ:
1. ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇش، تەتۈر يۈرۈش، مەركىزىي ئايرىش بەلۋېغىدىن ئۆتۈپ كەينىگە بۇرۇلۇش ياكى ئاپتوموبىل يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىش؛
2. باغلىما يول، تېزلىتىش يولى ياكى ئاستىلىتىش يولىدا ئاپتوموبىل يانداش؛
3. ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى پاسىل ئايرىش سىزىقىنى مىنىپ، باسۇرۇپ ياكى يول يەلكىسىدە يۈرۈش؛
4. جىددىي ئەھۋال بولمىغاندا جىددىي ئىشلىتىدىغان يولدا يۈرۈش ياكى ئاپتوموبىل توختىتىش؛
5. ئاپتوموبىل سىناش ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىش.
83 − ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋاگونىغا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. ئىككى چاقلىق موتسىكلىت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە ئادەم مىنگەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.
84 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈشتە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىگە دىققەت قىلىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش كېرەك.
85 − ماددا شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.
5 − باب قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش
86 − ماددا يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئارا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئارا تالاپەت كۆرۈلمىگەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئالاقىدار پاكىت ۋە ھادىسە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش − تارتىش قىلمىغان بولسا، قاتناش ھادىسىسىنى ۋاقتى، ئورنى، قارشى تەرەپ ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىسىم − فامىلسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تاختا نومۇرى، ھەيدەش كىنىشكىسى نومۇرى، سۇغۇرتا دوكۇمېنت نومۇرى، سوقۇلغان ئورنىنى خاتىرىلىۋالغان ھەم بىرلىكتە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئايرىلسا، زىياننى تۆلەشنى ئۆزلىرى كېڭىشىۋالسا بولىدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ ھادىسە پاكىتى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش − تارتىشى بولسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى لازىم.
87 − ماددا يولدا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ياكى پىيادىلەر ئارا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، تالاپەت كۆرۈلمىگەن بولسا، ئاساسىي پاكىتى ۋە سەۋەبى ئېنىق بولسا، ئالاقىدارلار ئاۋۋال نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئاندىن زىياننى تۆلەش ئىشىنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ قاتناش ھادىسىسىنىڭ پاكىتى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش − تارتىشى بولسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش لازىم.
88 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، يول، توك بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلسا، ھەيدىگۈچى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈشى لازىم، قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېتىشكە بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۆتكەشكە بولسا، قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا يۆتكىۋېتىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسىگە ئالاقىدار ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك تارماققا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.
89 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى قاتناش ساقچىسى قاتناش ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشى، تالاپەت كۆرۈلمىگەن، پاكىتى ئېنىق ھەم ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۆتكىگىلى بولىدىغان بولسا، ھادىسە ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرغاندىن كېيىن ئالاقىدارلارنى نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇشى كېرەك. نەق مەيداندىن ئايرىلىشنى رەت قىلغانلار مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ياتىدىغان ئەھۋال بولغان يول قاتناش ھادىسىسىنى قاتناش ساقچىسى ئاددىي تەرتىپنى تەتبىقلاپ بىر تەرەپ قىلسا ھەمدە نەق مەيداندا ھادىسە ئېتىراپنامىسى يېزىپ بەرسە بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشنى بىرلىكتە تەلەپ قىلسا، قاتناش ساقچىسى زىياننى تۆلەش تالاش − تارتىشىنى نەق مەيداندا مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.
يول قاتناش ھادىسىسىدە تالاپەت ۋە مال − مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلۈپ نەق مەيداننى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداننى ئېنىقلاش قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىشى لازىم. نەق مەيدان ئېنىقلىنىپ بولغاندا، نەق مەيداننى تازىلاشقا تەشكىللەپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
90 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3 − شەخس جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، زەخىملەنگەنلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇغۇرتا شىركىتى جىددىي قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تۆلەپ بېرىشكە توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
زەخىملەنگەنلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇشتا يول قاتناش ھادىسىسى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش فوندىدىن خىراجەتنى چىقىم قىلىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
91 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتە ئوينىغان رولى، شۇنىڭدەك سەۋەنلىكىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشى لازىم.
92 − ماددا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئالاقىدار قېچىپ كەتسە، قېچىپ كەتكەن ئالاقىدار بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما قارشى تەرەپ ئالاقىدارىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.
ئالاقىدار نەق مەيداننى قەستەن بۇزغان، يالغاندىن ياسىغان، دەلىل − ئىسپاتلارنى يوق قىلىۋەتكەن بولسا، بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
93 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداننى ئېنىقلاپ − تەكشۈرگەن قاتناش ھادىسىسىگە قارىتا، نەق مەيدان ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى يېزىشى لازىم. تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاشقا تېگىشلىك بولسا، تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى يېزىشى كېرەك.
94 − ماددا ئالاقىدارلارنىڭ قاتناش ھادىسىسى زىيىنىنى تۆلەش ئۈستىدە تالاش − تارتىش بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلىشنى بىردەك تەلەپ قىلسا، قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، مۇرەسسە قىلىشنى يازما ئىلتىماس قىلىشى لازىم.
قاتناش ھادىسىسى ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولغان بولسا، مۇرەسسە دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلىنىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسى زەخىملىنىشكە سەۋەبچى بولغان بولسا، مۇرەسسە داۋالاش ئاخىرلاشقان ياكى مىيىپلىك بېكىتىلگەن كۈندىن باشلىنىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسىدە مال − مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇرەسسە زىيان مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كۈندىن باشلىنىدۇ.
95 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش تالاش − تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش قەرەلى 10 كۈن بولىدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسەنامە يېزىپ ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرىغا يەتكۈزىدۇ، مۇرەسسەنامىگە ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنامىسى يېزىپ ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرىغا يەتكۈزىدۇ.
قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش تۈرلىرى ۋە ئۆلچىمى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
96 − ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش تالاش − تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلىش ئىلتىماسىنى قايتا قوبۇل قىلمايدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ئەرزى قىلسا، مۇرەسسە ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
97 − ماددا قاتناش ۋاسىتىسى يول سىرتىدا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر بىلەن پويىزدا ياكى كېچىكتە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6 − باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش
98 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىش بېجىرىش تۈزۈمى، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاشكارىلىشى، ساقچىلار ئىستىلى ۋە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلغۇچىلار تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
99 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇلارنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش، نومۇر تاختىسى تارقىتىش، ھەيدىگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش، كىنىشكا تارقىتىش، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى لازىم، ھوقۇقىدىن ھالقىپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا، بۇرچىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە، جازا تۈرىنى ۋە دائىرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
100 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش ئەرز − تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىنكاس قايتۇرۇشى لازىم.
101 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قان−ۇن ئىجرا قىلىش س−ۈپىتىنى سىناش، باھالاش، قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى خاتالىق ۋە ناتوغرا قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك.
7 − باب قانۇن جاۋابكارلىقى
102 − ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
103 − ماددا ئالدامچىلىق، پارا بېرىشتەك ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش ياكى ھەيدەش ئىجازىتىگە ئېرىشىۋالغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يىغىۋېلىنىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ئىجازىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى 3 يىل ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاشنى ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشكە ئىجازەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.
104 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىدە تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى بولسا ھەم شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئورنىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تۇرىدىغان باشقا ئادەم بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بەرگەندىن سىرت، ئۇ ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا ياكى ئالاقىدار تارماق كۆرسەتكەن جايغا يۆتكەپ توختىتىپ قويىدۇ:
1. ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۆرسىتەلمىسە؛
2. ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ھەيدەش كىنىشكىسىگە يېزىلغان ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى تىپى ئوخشاش بولمىسا؛
3. ھاراق ئىچىپ، دۆلەت باشقۇرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى ياكى ناركوز قىلىش دورىسى ئىچىپ، بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇن بولىدىغان كېسىلى تۇرۇپ ياكى زىيادە چارچاپ تۇرۇپمۇ داۋاملىق ھەيدىسە؛
4. ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچى تەربىيىچى ئاپتوموبىلدا يېتەكچىلىك قىلمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ھەيدىسە.
105 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچىپ مەست بولغان، دۆلەت باشقۇرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى ياكى ناركوز قىلىش دورىسى ئىچكەن دەپ گۇمان قىلىنسا، سىناش، تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
106 − ماددا تاشيول يولۇچى ترانسپورت ئاپتوبۇسقا بېكىتىلگەن ساندىن ئارتۇق يولۇچى سالسا، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈكىنى بېكىتىلگەن يۈك ماسسىسىدىن ئاشۇرۇۋەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن ھەيدىگۈچى ئارتۇق سالغان يولۇچىنى يۆتكەپ توشۇشى، ئارتۇق قاچىلىغان يۈكنى چۈشۈرۈۋېتىشى لازىم، خىراجەتنى ئارتۇق قاچىلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ياكى ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
107 − ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 92 −، 95 −، 96 −، 98 − ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ياكى ئىگىدارلىق قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى 30 كۈن ئىچىدە تۇتۇپ قېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىن ئەتمىسە، مۇناسىپ رەسمىيەتنى تولۇقلاپ بېجىرمىسە ياكى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلمىسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇقتۇرۇش قىلىپ ھەمدە ئېلان چىقىرىپمۇ 3 ئايغىچە يەنىلا بىر تەرەپ قىلىشقا كەلمىسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سالاھىيىتى بار كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورگىنىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛ كىرىم پۇل دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ قانۇنسىز قۇراشتۇرۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چۇۋۇۋېتىلىدۇ؛ براك قىلىش ئۆلچىمىگە توشسا براك قىلىۋېتىلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى قىلمىشقا چېتىشلىق بولسا، ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
108 − ماددا قاتناش ساقچىسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا بەرگەن بولسا، ئالاقىدارغا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، جازالاش سەۋەبى ۋە ئاساسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ھەمدە مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى جازالانغۇچىغا شۇ مەيداندا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم.
109 − ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا جەرىمانە قويۇش ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش جازاسى بېرىشنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىشنى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۆزىگە قاراشلىق رايونغا تەۋە بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا شۇ مەيداندا جازا بەرمىسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى جازالىسا بولىدۇ.
110 − ماددا ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىسى بەرگەن جازاغا قارىتا بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئالاقىدار بايان قىلىش، ئۆزىنى ئاقلاش تۈپەيلىدىن جازانى ئېغىرلىتىشقا بولمايدۇ.
8 − باب قوشۇمچە پرىنسىپ
111 − ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يولغا چىقىپ يۈرىدىغان تراكتور — قول تراكتور قاتارلىق لايىھىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 20 كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان چاقلىق تراكتور ۋە لايىھىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان پرىتسېپ سۆرەيدىغان يول ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان چاقلىق تراكتورنى كۆرسىتىدۇ.
112 − ماددا يېزا ئىگىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى. مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى تراكتورنى تىزىملاش، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش، شۇنىڭدەك تراكتور ھەيدەش كىنىشكىسى تارقىتىش ماتېرىيالى، سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن قەرەللىك تەمىن ئېتىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تراكتور ھەيدىگۈچىلەرگە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش، كۈچتىن قالدۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى نومۇر خاتىرىلەپ بىر تەرەپ قىلسا، جازا قارارنامىسى ۋە نومۇر خاتىرىلەش ئەھۋالىنى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى. مەسئۇل تارمىقىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچتىن قالدۇرسا، يەنە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى. مەسئۇل تارمىقىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.
113 − ماددا چېگرا سىرتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چېگرادىن كىرىپ يۈرۈشتە، چېگرادىن كىرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسىگە يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۈچكە ئىگە ۋاقتى ۋە يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان رايون ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
چېگرىدىن كىرگەن چېگرا سىرتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش، شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىنىڭ خادىمى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشكە ئىجازەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، ئىمتىھان ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
114 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ئىجازەت ئىمتىھانىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
115 − ماددا بۇ نىزام 2004 − يىل 5 − ئاينىڭ 1 − كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1960 − يىل 2 − ئاينىڭ 11 − كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، قاتناش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»، 1988 − يىل 3 − ئاينىڭ 9 − كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»، 1991 − يىل 9 − ئاينىڭ 22 − كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ