باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 942 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 842
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە842دانە
ئۆسۈش: 2492 %
مۇنبەر پۇلى: 8532 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-20 14:23

كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى

 

كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى
 

كومپيۇتېر تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ھەر بىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى بۇنىڭدىن زادى قانداق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىۋاتىدۇ؟ بۇ، ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئەلۋەتتە. ھەر ئايدا يۈز نەچچە يۈەن ھەتتا مىڭ نەچچە يۈەن ھەق تۆلەپ چەكسىز تور دۇنياسىنىڭ قايناملىرىغا غەرىق بولىۋاتقانلار قىممەتلىك ۋاقتىنى نىمىگە سەرىپ قىلىۋاتقاندۇ؟ ئىستاتستىكا مەلۇماتىغا قارىغاندا ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ھازىر 7 مىليۇنغا يېقىن تور ئابۇنتى بار ئىكەن، شۇنىڭدىن ئايانكى: ئاپتونوم رايۇنىمىز ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ھەر كۈنى تورغا چىقىدۇ. ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى توغرىسىدىكى خەۋەردە دىيىلىشچە: مەملىكىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسدىكى كومپيۇتېر قوللىنىدىغانلار سانى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئاپتونوم رايۇنىمىز ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى سەۋىيىسى جەھەتتە غەرىبى-شىمالدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇنلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ، ئالدىنقى ئىككى يىلدىن ئاۋۋالقى سانلىق مەلۇمات بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تور ئابۇنىت سانى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

 ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا، جۈملىدىن مەملىكىتىمىزدە ئىكئولوگىيىلىك موھىتنى ۋە ياۋايى جانلىقلارنى قوغداش، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئېللىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،  بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى چەكلەش، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىيىنىنى ئازايتىش، ئېنىرگىيەنى تىجەش قاتارلىقلار كۈچلۈك تەكىتلىنىۋاتىدۇ. دىمەك، موھىت مەسلىسى ھەر بىر كىشىنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان، ھەر بېرىمىزنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. نۆۋەتتىكى ئۇچۇر دەۋرى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇچۇرلىشىشنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئېلېكىترۇن مەھسۇلاتلىرى بازارلارنى ئىگەللىدى. مانا، كومپيۇتېر دەل ئېلېكترۇن مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتتۇر. شۇڭا 7-70 ياشقىچە بولغان كۆپىنچە كىشى كومپيۇتېرنىڭ سىھىرلىك قىززىقتۇرۇشلىرىغا مەغۇل بولماقتا، بۇ جەرياندا ئېرىشكەنلىرىمىز قانچىلىك، يوقىتىپ قويىۋاتقانلىرىمىز قانچىلىك بۇ پەقەت ئۆزىمىزگىلا ئايان. دىمەك كومپيۇتېر ئىشىلتىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئاۋۋال مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى لازىم. ئۇنى ھەرگىزمۇ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەرمىكىگە ئايلاندۇرۋالماسلىقى كېرەك. مەقسەت ئېنىق بولغاندىلا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى تورغا چىقىش ئۈچۈن بىھودە ئىسراپ قىلمىغان بولىسىز.

تۆۋەندە، مەن دوستلارنىڭ كومپيۇتېردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولار دېگەن ئارزۇدا ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېردىن پايلىنىش جەھەتتىكى بىر قانچە تەجرىبىلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچى:

  1. توردا كىنو، تېلېۋىزىيە كۆرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كومپيۇتېرنى تېلېۋىزۇرغا ئۇلاپ كۆرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا سالامەتلىككە ۋە كۆرۈش ئۈنۈمىگە پايدىلىق بولۇپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان بولىسىز.

2. سىز ئادەتتە بەك ئالدىراشچىلىقتا ئۆتسىڭىز، بەزىدە ھەتتا تېلېفۇنىڭىزنىڭمۇ توختاپ قالغىنىنى بىلمەي قالىسىز، سىز ئۈچۈن ۋاقىت پۇل دىمەكتۇر، شۇڭا ئۆيىڭىز ۋە قولىڭىزدىكى تېلېفوننىڭ سۆزلىشىش ھەققى، سۇ ئىشلىتىش ھەققى، توك ئىشلىتىش ھەققى ۋە باشقا تۈرلۈك ھەقلەرنى توردا تۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا 1 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى ئاسانلا ئىشىڭىزنى پۈتتۈرەلەيسىز.

3. كومپيۇتېردا رەسىم، سۈرەتلىك فىلىم ۋە باشقىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ئامال بار ئۆزىڭىز قىلىڭ. مەيلى فوتو ئاپاراتتا ياكى تېلېفۇندا تارتقان سۈرەت، فىلىملەر بولسۇن ياكى توردىن چۈشۈرگەن، باشقىلاردىن كۆچۈرۋالغان سۈرەت- فىلىملەر بولسۇن قولايلىق يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك خالىغانچە ئۆزگەرتىش، كىرۈشتۈرۈش، تورغا چىقىرىش مەشغۇلاتلىرىنى قىلسىڭىز بولىدۇ.

4. تور بەت زىيارەت قىلغاندا، پەقەت 1 دىن 10 گىچە بولغان دائىملىق تور بېكەت مەنزىلىنى بىكىتۋىلىڭ ۋە ئادرىسىنى ساقلاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا ۋاقىتىڭىز تىجىلىدۇ ھەم يېڭى-يېڭى خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز.  

4. توردىن مال سېتىۋىلىش، تۈرلۈك ئۈچۈرلارنى ئىزدەش، ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈش.  دۇنيا سودا ساھەسىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىزدىمۇ توردا مال سېتىۋىلىش ئىشلىرى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك قولايلىقلىرى بىلەن ئاللىقاچان دەۋرنىڭ يارقىن مودىىسىغا ئايلاندى. رايۇنىمىزدا بولسا، كۆپ ساندىكى تور ئابۇنتلىرى توردا مال سېتىۋىلىشقا قىزىقمايدۇ، قىززىققان تەقدىردىمۇ تەپسىلىي مەشغۇلاتىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇشى، شۇنداقلا كۆڭلىدە سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتقا نىسبەتەن تولۇق ئىشنچ بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆپىنچە ھالدا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. سىز خىزمەت، تۇرمۇش، ئۈگىنىشتە زۆرۈر ماتىرىياللارغا مۇھتاج بولغاندا، باشقىلارنى ئاۋارە قىلماي، تورغا مۇراجەت قىلىڭ.

دىمەك، كومپيۇتېرنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھىڭىزغا ئايلاندۇرۋىلىڭكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالماڭ، ئۇنىڭ رولىنى تۇرمۇش ۋە خىزمەت-ئۈگىنشلىرىڭدە ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېرىشىڭ،ھەر قانداق ياخشى نەرسىنىڭ پايدىلىق تەرىپى كۆپ بولىدىكەن،ئۇنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. گەپ ئۆزىڭىزنىڭ تەدبىرىگە باغلىق.  

 

پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 308
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 72 %
مۇنبەر پۇلى: 138 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2010-09-07

ياخشى تېمىكەن .