كالا سېتىش
يېڭىلا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن يىلى ياتاقداشلار ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشتۇق.
-ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى بەكلام قىممەتكەن،ئۆيدىكىلەر كالىدىن بىرنى سېتىپ،
ئوقۇش پۇلۇمنى غەملەپ بەردى،-دېدى ئىچكى مۇڭغۇللۇق بىر ساۋاقدىشىم.
كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھىسداشلىق قىلىپ،تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا كۆپ ئىتىبار قىلدۇق.
ئىككىنچى ئۇقۇش يىلىدا ئىچكى مۇڭغۇللۇق ساۋاقدىشىم يەنە:
- ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇقۇش پۇلى بەك قىممەتكەن، كالا سېتىپ ئوقۇش پۇلى تاپشۇردۇق،-دىدى.
بىز ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس، دەپ ئويلاشتۇق.
ئۈچۈنچى ئوقۇش يىلى باشلاندى. ھېلىقى ئىچىكى مۇڭغۇللۇق ساۋاقدىشىم يۇقۇرىقى گەپنى يەنە
تەكرارلىدى. بىر ساۋاقدىشىم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي:
- سىلەرنىڭ ئۆيدە قانچە تۇياق كالا بار؟-دەپ سورىدى.
ئىچكى مۇڭغۇللۇق ساۋاقدىشىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
- مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، تەخمىنەن نەچچە مىڭى بارغۇ دەيمەن...-دېدى ئۇ.
توي خاتىرە كۈنى
ئا خانىم: بىزنىڭ ئۆيدىكى ھاڭۋاقتى ھەتتا بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ!
بۇنىڭدىن مەن بەك ئازاپلىنىمەن. سېنىڭ ئېرىڭ توي خاتىرە كۈنىڭلارنى ئېسىدە تۇتىۋالغاندۇ؟
ب خانىم: مەن ئۇنىڭ ئېسىدە ساقلىشىنى ئەسلا خالىمايمەن. مەن ھەمىشە بىرىنچى ئايدا بىر قېتىم،
يەتتىنچى ئايدا يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن
بىر يىلدا ئىككى قېتىم سوغاتقا ئېرىشەلەيمەن.