ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى اللە !
مېيىت ئۈچۈن سەدىقە قىلىش، قەرزىنى تىزدىن بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرىسىدا
اللە تائاللا مۇنداق دېگەن : ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر < پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى
ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغفىرەت قىلغىن>. دەيدۇ.
قۇرئان كەرىم سۈرە ھەمشىر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندۇركى ، بىر ئادەم رەسۇللۇللاھقا :< ئانام تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭچە
ئەگەر ئۇ سۆزلىيەلىگەن بولسا، بىرەر سەدىقە بەرگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلسام، ئۇنىڭغا ساۋابى
بولامدۇ؟> دەپ سورىدى.
رەسۇللۇلاھ: < ھەئە > دەپ جاۋاب بەردى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:
< (ئۆلگەن) مۆئمېننىڭ جېنى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر (يۇقۇرى ئورۇنغا يېتىشتىن)
ئېسىلىپ تۇرىدۇ>.
__ تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:
< ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ، پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلنىڭ ساۋابى توختىماي
نامۇ ئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ:
1. ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە( مەسجىد مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش)
2. ئەلگە پايدىلىق ئىلىم ( باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئەسەرلەر)
3. ئارقىسىدىن ئاتا- ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت>.
__ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
مەنبە: ياخشىلار باغچىسى مۇھەممەد سالىھ مۇتەرجىم