خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، ئەر-خوتۇننىڭ ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىز ئىكەنلىكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقنىڭ چېكى قىلىشى كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىز ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە ئۇلارنىڭ نىكاھ ئاساسى، نىكاھلانغاندىن كېيىنكى مۇھەببىتى، نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە يارىشىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەھلىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ۋە سوت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەر-خوتۇن ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ. بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى قەتئىي تەلەپ قىلغاندا، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش ھەققىدە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ:
1. بىر تەرەپنىڭ قانۇندا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان كېسىلى ياكى فىزىئولوگىيىلىك نۇقسانى بولسا ۋە ياكى ئۇ باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولسا، يەنە كېلىپ داۋالاپ ساقايتىش تەس بولسا؛
2.ئىلگىرى تولۇق چۈشىنىشمەي ئالدىراپ-تېنەپ نىكاھلىنىپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشمىگەنلىكتىن، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشى تەسكە چۈشسە؛
3. نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن روھىي كېسىلىنى يوشۇرۇپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن داۋالىتىپ ساقايمىغان بولسا ياكى نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ روھىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلانغان بولسا ۋە ياكى ئەر-خوتۇن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا بىر تەرەپ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت داۋالىتىپمۇ ساقايمىغان بولسا؛
4. بىر تەرەپ قارشى تەرەپنى ئالداپ ياكى نىكاھلىنىشنى تىزىملىتىشتا ساختىپەزلىك قىلىپ، ئالداپ »توي خېتى» ئېلىۋالغان بولسا؛
5.ئىككى تەرەپنىكاھلىنىشنى تىزىملاتقاندىن كېيىن، بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرمەي، ياراشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىسا؛
6.نىكاھتا چات كېرىۋېلىنغانلىقى ياكى سودا قىلىنغانلىقى سەۋەبتىن، نىكاھلانغاندىن كېيىن بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى دەرھال تەلەپ قىلسا ياكى ئۇزاق يىل بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە ھەقىقەتەن كۆڭلى چۈشمىگەن بولسا؛
7.چىقىشالمىغانلىقتىن بىللە ئۆتمىگىنىگە ئۈچ يىل بولۇپ، ھەقىقەتەن يارىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ بىر يىلغىچە بىللە ئۆتمەي، ئەر-خوتۇنلۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۆزئارا ئادا قىلمىغان بولسا؛
8. بىر تەرەپ باشقىلار بىلەن پاھىشىۋازلىق قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ، تەربىيە بېرىلسىمۇ توۋا قىلمىغانلىقتىن، خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن تەرەپنىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا ياكى خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغاندا، قارشى تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا قوشۇلماي، تەنقىدىي تەربىيە بېرىلسىمۇ، چارە كۆرۈلسىمۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ يەنە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىپ، ئەر-خوتۇننىڭ ھەقىقەتەن يارىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا؛
9. بىر تەرەپ قوش نىكاھلانغانلىقتىن، قارشى تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا؛
10. بىر تەرەپ راھەتكە بېرىلىش، جاپادىن قېچىش ۋە قىمار ئويناشقا ئوخشاش يامان ئىللەتنى يوقتۇرۇۋېلىپ، ئائىلە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىكتىن، ئەر-خوتۇننىڭ بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشى تەس بولسا؛
11.بىر تەرەپكە قانۇن بويىچە ئۇزاق مۇددەتلىك قاماق جازاسىبېرىلگەن بولسا ياكى ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ۋە جىنايى قىلمىشى ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا قاتتىق سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان بولسا؛
12.بىر تەرەپ ئىككى يىلغىچە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكتىن، قارشى تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغاندا، ئېلان ئارقىلىق ئىزدىگەندىمۇ ھەقىقەتەنئىز-دېرىكى چىقمىسا؛
13.قارشى تەرەپ خورلانغان، تاشلىۋەتكەن ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئورۇق-تۇغقانلىرى خورلىغان ۋە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئورۇق-تۇغقانلىرىنى خورلىغاندا، تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىكتىن، يەنە بىر تەرەپ ئەپۇ قىلمىسا؛
14.باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلغان بولسا.