ۋەدە  (شېئر)
 
 
چىقتى جۇدۇن كۆزلەردەياش سەپەر ئوزۇن ،
شۇسەپەردە ماڭدىم ئوزۇن ئاڭدىم ئوزۇن .
بىل،ىدىڭمۇ ئەقەدەمنى ئەي نىگارىم ،     
بۇسۆيگۈمىز توزىدىغۇ ئەجەپ بورۇن .      
 
 
جودۇن چىقتى قالدىم يېلەڭ قالدىم يېلەڭ ،
يېلەڭ ئەمەس ئىدىم بورۇن سېنىڭ بىلەن.   
   ئۆچتى چىراي  تەبەسسۇمۇم كۆزۈمدە ياش،    
تۈگىدىمۇ ۋەدەلەرىڭ شۇنىڭ بىلەن .        
 
ۋەدەقىلغان ئىدۇق بورۇن كوناجايدا ،      
ئايرىلماسقا تا ئەبەتكە تا ئەبەتكە .       
شۇنچە تېزلا ئۇنۇتتۇڭمۇ ۋەدەلەرنى ،       
ۋەدەڭ نەدە ئۆزۈڭ نەدە قاياقلاردا.       
 
مانا ئەمدى ئۆزۈڭمۇ يوق سۆزۈڭمۇ ھەم ،
قاياقلاردا يۈرىسەنكىن نېمە غەمدە.      
ئۇچرىدىمۇ ماڭا ئوخشاش يەنە بىرسى،
مەن ئۆتىنەي ئاڭا قىلما ساختا ۋەدە.     
 
مۇھەببىتىم خازان بولدى سېنىڭ بىلەن ،     
ساختا ۋەدەڭ ساختا سۆيگۈڭ ئالدىغاچقا .
ئۆكىنىمەن سېنىڭ بىلەن ئۆتكىنىمگە،      
سەندە ۋىجدان سەندە غۇرۇر بولمىغاچقا .
 
 
ئەمەس ئىدى ئەسلى ۋەدە ھەرگىز بۇنداق،
تاھىر زۆھرە لەيلى مەجنۇن كەبى ئىدى.    
مەشۇغۇنىڭ ۋەسلى ئۈچۈن مۇھەببەتتە ،   
چىن ۋاپادار بولۇش ئىدى تا ئەبەتكە.  
 
 
ئۆز قەلىمىم :ئادىلجان ئوسمان ( پەرۋاز  )