باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1432 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاياللارنى جەلىپكار كۆرسىتىدىغان
لەيلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 334
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 237 %
مۇنبەر پۇلى: 639 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2011-11-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-18 23:05

ئاياللارنى جەلىپكار كۆرسىتىدىغان

ئەسكەرتىش: بۇ يازما aykut دىن پەندى نەسھەت غا يۆتكەلدى(2010-06-19)
ئاياللارنى جەلىپكار كۆرسىتىدىغان يەتتە خىل ئالاھىدىلىك


ئاياللارنى جەلىپكار كۆرسىتىدىغان يەتتە خىل ئالاھىدىلىك
گۇزەللىكنى سۆيۇش ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىيتى،بولۇپمۇ ئاياللار گۇزەللىكنى سۆيىدۇ. ھەر قانداق ئايالنىڭ مەيلى ئۇ كېشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ساھىبجامال ئايال بولسۇن ياكى كۆرۇمسىز ئايال بولسۇن ئۆزىگە خاس جەلىپ قىلىش كۇچى بولىدۇ، بۇ خىل جەلىپ قىلىش كۇچى بەزىلەرنىڭ گۇزەل ھۆسنى-جامالىدىن ئىپادىلەنسە،بەزىلەرنىڭ ئاق كۆڭۇللىكىدە،ياخشى مىجەز خۇلقىدا،ئۆزىگە خاس خارەكتىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.        

1.گۇزەللىك جەلىپكار بىر ئايالنىڭ ئەڭ ئاۋال كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغىنى دەل ئۇنىڭ گۇزەل ھۆسنى-جامالىدۇر،بىراق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايى گۇزەل بولۇۋەرمەيدۇ، چىرايى ئادەتتىكىدەك بىر ئايالدا گۇزەللىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسى
بولسا، ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ بارسا،ئۇمۇ ئوخشاشلا گۈزەل ۋە جەلىپكار ئاياللاردىن بولالايدۇ.

    2.ئاق كۆڭۇللۇك.ئاياللارنىڭ جەلىپكارلىقى ئۇنىڭ روھى دۇنياسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر گۇزەل چىرايىغا ياخشى مىجەز-خۇلۇق،ئاق كۆڭۇللۇك قوشۇلسا ئۇ ئايال كېشىگە تېخىمۇ يېقىملىق، تېخىمۇ جەلپار بولۇپ كۆرۇنىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى بويسۇندۇرالايدىغان ئەڭ زور جەلىپ قىلىش كۇچىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدۇر. مۇلايىم، ئاق كۆڭۇل ئاياللار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلەيدۇ
.

3.كەڭ قورساقلىق.بۇ بىر خىل ياخشى خىسلەت بولۇپ كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش،بەزى ئۇششاق ئىشلارغا،غەيۋەت-شىكايەتلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، ئەۇچان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالغاندا ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى خوشال قىلغىلى،بەزىبىر كۆڭۇلسىزلىق،ئارازىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كەڭ قورساق ئاياللارنى باشقىلار ھۆرمەت قىلىدۇ. كەڭ قورساق بولغاندا كۆڭۇل ئازادىلىكى بولىدۇ، كۆڭۇل ئازادىلىكى بولغاندىلا ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگە چىرايى نۇرلۇق كۆرۇنۇپ، جەلىپكارلىقىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ
.

4.ئاياللىق نازاكەت.بۇ ئاياللارغا خاس گۇزەللىك خۇلۇقلارنىڭ بىرى. يېقىملىق، نازاكەتلىك ئاياللار چىرايى ئانچە گۇزەل بولمىسىمۇ ئوخشاشلا باشقىلارنى جەلىپ قىلالايدۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر ئايالنىڭ سالاپىتىگە نازاكەت قوشۇلسا، ئۇ تېخىمۇ جەلىپكار ئايال بولالايدۇ.ئازراق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپلا ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس چاغلاپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرىغاندا ئاياللارغا خاس نازاكەت يوقىلىپ ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇ جەھەتتە ئۆزىگە دىققەت قىلىشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى،بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مايىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇشى لازىم
.

5.پاكلىق.بۇ ھەر بىر ئايالدا بولۇشقا تېگىشلىك بىرخىل ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، گۇزەل ئەخلاق ۋە پاكلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە،ياخشى كۆرۇشىگە ۋە ھۆرمەت قىلشىغار ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەخلاقلىق،پاك ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى چاقناپ تۇرىدۇ
.

6.ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك. بىر ئايال ئانچە چىرايلىق ياش بولمىسىمۇ ئۆزىدە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى يېتىلدۇرگەن بولسا ئۇ باشقىلاردا يوق جەلىپ قىلىش كۇچىگە ئىگە بولغان بولىدۇ
.

7.ئۆزىگە ئىشىنىش.ئۆزىگە ئىشەنچىسى كۇچلۇك ئاياللارنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇپ، مەردانە قىياپەتتە مېڭىشلىرىمۇ كېشىدە بىرخىل زوقلىنىش قوزغايدۇ.ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشەنكەندە،ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تۇنۇپ يەتكەندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيدۇ.ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان،تەربىيە كۆرگەن، ئىقتىدارلىق ئاياللار ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ
.



مەنبە؛ئىلى گېزتى
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-19 00:51قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
قۇتلان
ئۈمۈت بىلەن ياشىغن ھەركۇن......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 665 %
مۇنبەر پۇلى: 1203 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2012-03-30

مىنڭچە تاشقى گۈزەللكتىن يەنىلا ئچكى گۈزەللك مۇھىم،  فەيغەمبەر ئەلەيھسسالاممۇ بىز لەرگە .ئايال تاللاشتا تۆت نەرسە كۆزدەتۇتۇلدىغانلىقنى  بۇنىڭ ئچدە يەنىلا تۆتىنجىسى بولغان پاك - دىيانتىنى تالاشىنى ئۈگەتكەن ئەمەسمۇ.،