ئىسمى: مۇرات 
كىيىم نۇمېرى:8 
مەيداندىكى ئورنى:ھۇجۇمچى 
مىللىتى: ئۇيغۇر 
تۇغۇلغان ۋاقتى:1985-يىل10-ئاي 
بوي ئېگىزلىكى :1مېتىر96 سانتېمىتېر 
بەدەن ئېغىرلىقى:86 كلوگرام 
مۇراتنىڭ ۋاسكىتبول تارىخى:2000-يىلى تۇنجى قېتىم مەمىلىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 
2002-يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇيگە ۋاكالىتەن مەمىلكەتلىكB دەرىجىلىك بىرلەشمە ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە1-لىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 
2002-2003-يىللىق مەمىلكەتلىك A دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە5-لىككە ئېرىشكەن. 
2003-يىللىق مەمىلكەتلىك كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە1-لىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 
2003-2004-يىللىق مەمىلىكەتلىك A دەرىجلىكلە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە5-لىككە ئېرىشكەن. 
2004-2005-يىللىق CBA كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە7-لىككە ئېرىشكەن. 
شەخىسنىڭ ئالاھىدلىكى: شىنجاڭغا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئۇيغۇر بالىسى ، كوماندىدىكى <<قاراتۇلپار>> دەپ نام ئالغان مۇرات، ئۆزىنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسى ئارقىلىق توپ مەستانىلىرنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. 2003 -يىلى مۇرات ئۈرۈمچىگە ۋاكالىتەن چاڭشادا ئۆتكۈزۈلگەن5-نۆۋەتلىك مەمىلكەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت يىغىنىدا ، كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە خاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ شەخسى تېخنىكىسغا تايىنىپ51 نۇمۇر ئېلىپ،مۇسابىقىدىكى كۆزنى چاقناتقان چولپانغا ئايلانغان. 
دۆلەت ياشلا كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن 2005-يىلى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . 
بۇ ئۇيغۇر بالا ،ھازىر ۋاسكىتبول ساھەسىدە چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئايلانماقتا.