باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2723 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ...................
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 525
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 264
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2720 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-04 17:28

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ...................

          بىيجىڭ 2-چەتئەل تىلى ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئاسپىرانتى لىۋىي   سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر يىللىق  ئوقۇش ھاياتىدىن ھىس قىلغانلىرىنى جوڭگۇ ياشلىرى گىزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق بايان قىلغان.
مۇخبىر: ئىسلام دۆلىتىدە ياشاشقا كۆنەلىدىڭىزمۇ؟
لىۋىي: باشتا ئانچە كۆنەلمىدىم. بۇ يەردىكىلەر كۈندە بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدىكەن. ناماز ۋاقتىدا بارلىق ئاشخانىلار تاقىلىدىكەن. ئازراق كىچىكىپ قالسىڭىز تاماق قالمايدىكەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاستا -ئاستا كۆنۈپ قالدىم.
مۇخبىر: بۇ دۆلەتنىڭ قايسى ئىشلىرى سىزنى ھەيران قالدۇردى؟
لىۋىي:سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بىلىملىك كىشىلەرنى بەك ھۆرمەت قىلىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بو دۆلەتتە ئورنى بەك يۇقۇرى بولۇپ، ئادەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ ئىكەن. ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى ئىكەن. ئۇرۇق تۇققانلىرى، دوستلىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالسا تولىمۇ پەخىرلىنىدىكەن. ئۇنۋانغىمۇ بەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن.فىراپپىسور، دوكتۇر دىگەندەك ئۇنۋانلارنى ئىسمىغا قۇشۇپ چاقىشقا ئامراقكەن.
مەن بۇرۇن ئىسلام دۆلەتلىرى قىزلارنى تەربىيەشكە ئانچە ئىتىۋار بەرمەيدۇ دەپ ئويلايتىم. بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيۇن بۇ قارىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتىم.گەرچە قىز ، ئوغۇللار ئايرىم مەكتەپتە ئوقىسىمۇ، قىزلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە سەئۇدى ئەرەبىستان ئايرۇدۇرۇم يىنىغا كولىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان نۇر مەلىكە  قىزلار ئۇنۋرسىتىتىنى سالماقچى بولىۋىتىپتۇ، بۇ ئۇنۋىرسىتتقا ساپلا ئۈگۈنۈشى ياخشى قىز ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماقچىكەن.
    مىنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ئىش ، بۇ يەرلىكلەر ئەنئەنىگە بەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن.  بىر قىتىم  بىر ساۋاقدىشىم  مىنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىدى بىرىپ بەكلا ھەيران قالدىم. بۇ يەردە ئەر مىھمان بىلەن ئايال مىھمانلارنى ئايرىم كۈتۈۋالىدىكەن. مەن باشتىن ئاخىر دوستۇمنىڭ ئاپىسىى ھەم سىڭلىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلار ئايرىم ئۆيدە غىزالىنىدىكەن. دوستۇمنىڭ دادىسى ۋە ئۆزى ماڭا ھەمراھ بولدى.
مۇخبڭر:ئۇلارنىڭ جوڭگۇغا بولغان تەسىراتى قانداقكەن؟
لىۋىي: ھەممىلا يەردە < جوڭگۇدا ئىشلەنگەن > دىگەن خەت بىسىلغان مەھسۇلاتلار جىق ئىكەن. ئۇلار بەزىدە چاقچاق قىلىپ مىنىمۇ شۇنداق ئاتاپ قۇيۇدۇ. بىر قىتىم مەن بىر ئالى دەرىجىلىك مىھمانخانىدا تاماق يەۋىتىپ قارىسام ئاشخانىدىكى تەخسە، چىنە، پىچاق، ۋىلكا، قۇشۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە جوڭگۇدا ئىشلەنگەن دىگەن خەت بىسىلغان ئىكەن. شۇڭا مەنمۇ قايتاشىمدا دوستلۇرۇمغا ھىچقانداق سوۋغات سىتىۋالمىدىم. ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئەكەلمەي يانا دەپ. ئۇلار گۇاڭجۇ، شىنجىن قاتارلىق چوڭ دىڭىز بويى سودا مەركەزلىرىنىلا   بىلىدىكەن.
مۇخبىر:بۇ يەرلىكلەر جوڭگۇ مەدىنىيىتىگە قانداق قارايدىكەن.
لىۋىي:نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جوڭگۇنىڭ گۇمپىسىغا بەك قىزىقىدىكەن. ساۋاقداشلىرىم مىنى تەنتەربىيەدە بەك ياخشى دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلار جوڭگۇ گۇمپىلىرىنى ياخشى ئۈگەنسە ھاۋادا ئۇچقىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بارسام بىر كىچىك ئوغۇل بالا كەينىمگە كىرۋىلىپ< چىڭلوڭ، لى شىئاۋلوڭنى تۇنامسىز >دەپ سوراپ كەتتى.
مۇخبىر: ئۇ يەردىكىلەر قانداق ياشايدىكەن؟
ئۇلارنىڭ ئىش بىجىرىشى  بەكمۇ ئاستا ئىكەن.  ئۇلار بىر ئىشقا دەرھال قۇشۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن. كەچكىچە <كىيىن بىر ەەپ بولار(ئەرەپچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلسا ئاللا خالىسا ) دىگەن گەپنى  بەك جىق دەيدىكەن. ئۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز سىزنىڭ ئۆرە تۇرۇشىڭىزنى خالىمايدىكەن. ئولتۇرغاندىن كىيىن چاي ياكى قەھۋە ئىچەمسىز دەپ سورىۋەتكەندىن كىيىن . قولىدىكى ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئالدىن -نىمە .ئىىشىڭىز بار ئىدى؟ دەپ سورايدىكەن.
  مەنبە: خەنزۇچە <جوڭگۇ ياشلىرى >گىزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1146
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1146دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 12123 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-05 20:10

بەكلا باي دولەتكەن  ھەقاچان
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى